? بەخىت زادى نىمە

2015-03-24 12:37:56 -0400
بەخت زادى نېمە؟


بەخت ئەمىلىيەتتە شۇ ئادەمنىڭ قانداق  قارىشىدا بولىدىكەن. بۇ ھەقىقەتنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتىم.
قەلىبلەر يىغلامدۇ كۈلەمدۇ؟ قەلبىمنى يىغلاتتىم، تالاي قېتىم...ئەمما كىم ئۈچۈن؟ نېمىلەر ئۈچۈن؟ يىغلاتتىم. ئىچ- ئىچىمىدىن قايناۋاتقان يىغا كەلكۈنى مېنى ھالىمدىن كەتكۈزدى، چارچىدىم، ھاردىم، زېرىكتىم، ئىشەنچەمنى يۇقاتتىم، ئۈمىدسىزلەندىم.. ئەمما كىملەرنىڭ مەن بىلەن كارى بولدى، كىملەر ماڭا تەسەللىي بەردى، تەسەللىي بېرىشنى خالىغانلىرىم قاچتى، ھالىمغا قاراپمۇ قويمىدى، دەردىمنى چۈشىنىپمۇ قويمىدى...ئاخىرى شۇنى چۈشەندىم، نېمىشقا قەلبىمنى كۈلدۈرمەيمەن...چۇقۇم كۈلدۈرەلەيمەن. كۈلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن ئەتراپىمىدا..دوسلىرىم، ئۇرۇق- تۇققانلىرىم، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەن ئەسلىمىرىم، تېخى پارلاق ئەتەممۇ بار، ئەتە قۇياش يانا پارلاپ چىقىدۇ، يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ..


تۇرمۇشنىڭ، ھاياتنىڭ ئەگرىڭ تۇقاي يوللىرىدا قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ، گاھى نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۇردۇم. شۇنچە ھەشەمەت بىلەن قوپۇرۇلغان قەسىر تاملىرىنىڭ شۇ رەزىللىك ئىلكىدە ئۇۋۇلۇپ ۋەيران بولۇش گىردابىدا قالغىنىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن. تىرىشتىم تالاي قېتىم، ئەمما نەتىجىسى ئوخشاش بولدى، ئەپسۇسلاندىم، گاڭرىراپ نېمە قىلارىمنى بىلەيمەن قالدىم بۇ ھايات يوللىرىمدا...تەشنا بولدۇم ھاياتنىڭ گۈزەللىگە، تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەملىكىگە، قەلبىم تەشنا بولغان ھەقىقى مۇھاببەتكە، ئەمما تاشنالىقىم قانمىدى، قاجىراپ كەتكەن چۆللۈككە ئوخشاش...ئىزدىدىم تالاي قېتىم مۇشۇ قەسىر ئىچىدىن ئەمما تاپالمىدىم..بۇ قەسىر ئىچىدىن بەخت ئىزدەپ نىمە قىلاي!؟




بەختنىڭ ھەممىسى يۈرىگىمدە ئىكەن بىلسەم...يۈرۈكۈم مېنى خۇشال ياشاشقا، كۈلۈشكە دەۋەت قىلىدى، يۈرۈكۈم ماڭا سەنمۇ كۈلۈشكە ھەقلىق، كۈلگىن ئىچ- ئىچىڭدىن..ئازاپنىڭ ھەممىنى ئۇنۇت، ئەسلىگە قايىت، خۇشال كۈلكەڭنى، ئەسلىڭنى تاپ دەپ خىتاب قىلىدى.. توغرا مەن نېمىشقا شۇنداق قىلمايمەن...


مەن يامغۇرنى ئامراقتىم، يامغۇرغا تەشنا بولدۇم..ئاشۇ يامغۇر قالبىمدىكى پۈتكۈن ئازاپلارنى يۇيۇپ يىرقلارغا ئەكەتكەن بولسا ھە...يامغۇر شۇنچە قاتتىق ياغدى. ئاشۇ يامغۇرلا ماڭا ھەمرادەك، پۈتكۈل ئازاپلىرىمىنى ئاشۇ يامغۇرغىلا تۆكمەكچى، ئاندىن بىراقلا يىنىكلەپ ئۆزۈمنى تاپماقچى بولدۇم. يامغۇر شۇنچە قاتتىق ياغدى، تەنلىرىم تىتىرەۋاتاتتى، سۇغۇقتىن ئەمەس بەلكى ئۆتكەن كۈنلىرىمگە ئېچىنىپ تىتىرەۋاتاتتىم..


ئۆزۈمچە يىنىكلەپ قالدىم، بەختنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندىم. ئەمدى ئاھ ئۇرمايمەن ۋاپاسىزلار ئۈچۈن، ئەمدى ياش تۆكمەيمەن ئەرزىمەس نامەردلار ئۈچۈن...كۈلۈپ ياشايمەن ئۈزۈم ئۈچۈن...خۇشاللىقىم، بەختىم ئۈچۈن..
بەخت ماڭا قۇچاق ئېچىۋاتىدۇ، غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىپ...


«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N