كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
2015-03-24 12:55:54 -0400
كۆنەلمدىم سەنسىز ياشاشقا
ئېچىلمايدۇ بۇ كۆڭلۇم سەنسىز،
كۇنلەر ئۆتە ر شۇنچە مەنىسىز.
يوقلۇغۇڭ بەك چاندى تۇيۇقسىز،
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا.
سەنسىز باغدا گۈللەر پۇراقسىز،
سارغايدى ياپراقمۇ ھەجەپ ۋاقىتسىز.
باھارمۇ كەلمەيدۇ ئەمدى سېنىڭسىز،
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا.
ئازار يىدى بۇ دىلىم سەندىن،
كەچۇرۇممۇ سورىما مەندىن.
ئۇزەلمىدىم مىھرىمنى سەندىن،
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا.
ئۇنۇت دەپلا كىتىپ قالغىنىڭ،
ئۆزۈڭچىلا مەندىن چانغىنىڭ.
شۇمۇ سېنىڭ ماڭا بەرگىنىڭ،
كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا.
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N