يۈرىكىڭىزنى ئۇنى قەدىرلەيدىغان ئادەمگە تاپشۇرۇڭ

2015-03-25 12:11:27 -0400
1.مەڭگۈلۈك ۋەدە بىرىشىڭ ھاجەتسىز،پەقەت سۆيۈشۈڭ بولسىلا بولدى.
2.مۇھەببەت،ئۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا بىر بىرىگە بېقىش ئەمەس،بەلكى بەلكى ھەردائىم ئوخشاش مەنزىلگە قاراش .
3 .26 ھەرىپنىڭ ئىچىدە H ھەممىدىن گۈزەل،چۈنكى ئۇ ئىككى تال ۋېرتىكال سىزىقنى بىربىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ.


4.ئادەم سەگەك ۋاقتىدا،دەرت ۋە ئازاپنىڭ كۈلەڭگىسى ئاستىدىلا ،ھەقىقى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولىدۇ.
5. سىز بىرسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز،ئۇنى قويۇپ بىرىڭ. ئەگەر ئۇ سىزنى ئىزدپ كەلسە ،ئۇ مەڭگۈ سىزگە مەنسۈپ بولىدۇ.كەلمىسە ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ بولالمايدۇ.
6.پىشقانلىقنىڭ بەلگىسىدىن بىرى بولسا،سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ 99 پىرسەنتى باشقىلار ئۈچۈن ھىچبىر ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلىش.
7.كەمبەغەل چېغىڭىزدا ئۆيدە ئاز يۈرۈپ،كۆپرەك سىرتتا بولۇڭ؛ بېيىغىنىڭىزدا بولسا،ئۆيدە كۆپرەك تۇرۇپ،سىرتقا ئاز چىقىڭ.بۇ بىر تۇرمۇش سەنئىتى. كەمبەغەل چېغىڭىزدا پۇلنى باشقىلارغا خەجلەپ،بېيىغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزگە خەجلەڭ،لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر ،ئەكسىچە ئىش قىلىدۇ.
8.كۆپ ۋاقتىلاردا،بىز ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكى سەۋەپلىك ئەمەس،بەلكى ئارتۇقچىلىقىمىز سەۋەپلىك پۇتلىشىپ چۈشىمىز .چۈنكى كەمچىللىكىمىز بىزنى ئاگاھلاندۇرسا،ئارتۇقچىلىقىمىز غەپلەتكە سالىدۇ.
9.ھىچكىم شاپالاق گۈلنىڭ ھەسرىتىنى چۈشەنمەيدۇ:باشقىلاردىن ئىھتىيات قىلىپ ئۆزى يالغۇز قالدى.يەنە چۈشەنمەيسىزكى،مۇھەببەتتە قانچە كۆپ دەرت تارتقانلارنىڭ تىكىنى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.ھەرگىزمۇ بىر قىزنى ئۇ تەييارلىقسىز تۇرغاندا ئازابلاپ،ئۇنىمۇ بىر شاپالاق گۈلگە ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.بۇنداق قىلىش رەھىمسىزلىك.
10. ئۆزىڭىزنى بەخىتسىز ھىس قىلماڭ،ھامىنى بىرسى سىزدىنمۇ بەختسىزدۇر؛ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلىماڭ،باشقىلار سىزدىنمۇ قالتىس.
11.يۇپۇرماقنىڭ تۈكۈلىشى،شامالنىڭ قوغلىشىدىن ئەمەس،دەرەخنىڭ ساقلاپ قالماسلىقىدىنمۇ ئەمەس،بەلكى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن،تەبىئەتنىڭ تاللىشىدىن.ئايرىلىش ھەممىنىڭ ئاياغلاشقىنى ئەمەس،بەلكى يېڭى بىر باشلىنىشتىۇر.
12.نىكاھتا ئىككى خىل ئادەم ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر:بىرى،ياش ۋاقتىدا يولدىشى بىلەن جاپانى تەڭ تارتقان ئايال؛يەنە بىرى قېرىغاندا ئايالى بىلەن ياخشى ياشىغان ئەر.
13.يۈرىكىڭىزنى ئۇنى قەدىرلەيدىغان كىشىگە تاپشۇرۇڭ!
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N