ئاددىي كىنو قويغۇچ ياساش android

2015-03-31 21:45:25 -0400
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. قانداق ئەھۋالىڭلار.
ئەمدى VideoView كونترولىنى ئىشلىتىپ، ئاددى بولغان ئىپتىدائى بىر كىنو قپيغۇچ ياساپ باقايلى.
ئاۋال  
كۆزنەكنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە VideoView كونترولىنى ئورنىتىمىز.
(بۇ كونترول ئادەتتە كونتروللار رېتىدە يوق، شۇڭا كود ئارقىلىق قوشىمىز. تۆۋەندىكى كودنى چاپلىساڭلار بولىدۇ)

<VideoView
                android:layout_height="match_parent"
                android:layout_width="match_parent"
                android:id="@+id/mainVedioView1"
                android:rotation="1.0"
                android:layout_gravity="center"/>




ئاندىن MainActivity.java نى ئېچىپ، R.layout.main):  دېگەن كودنىڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى كودنى يېزىڭ:


final VideoView a=(VideoView)findViewById(R.id.mainVedioView1);
a.setVideoPath("file:///sdcard/muzika.mp4");
a.start();
a.setMediaController(new MediaController(this));


a.setVideoPath(file:///sdcard/muzika.mp4);

بۇ كود بولسا، ئەپ ئىچىدە ساقلىغۇچ كارتىدىكى بىز كۆرسىتىپ بەرگەن فىلىمنى قويۇش كودىدۇر.

a.setMediaController(new MediaController(this));  

بۇ بولسا، فىلىم قويغۇچنىڭ كۇنۇپكىلىرىنى كۆرسىتىش كودىدۇر.

ئەمدى، توردىكى فىلىمنى قويۇش ئۈچۈن قانداق قىىمىز؟
مۇنداق:
a.setVideoPath("file:///sdcard/muzika.mp4");   بۇ كود نى ئۆچۈرىۋېتىپ، ئورنىغا تۆۋەندىكى كودنى يېزىڭ:

Uri adris=Uri.parse(http://izqut.net/w/aa.mp4);
         a.setVideoURI(adris);

بۇ كودنى يازغاندىن كېيىن، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ئادرېستىكى فىلىم ئەپتە قويۇلىدۇ.
مەنبەسى: ئىزقۇت مۇنبىرى
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N