بوشلۇقتىكى مۇھەببەت

2015-03-18 05:10:24 -0400
بوشلۇقتىكى مۇھەببەت

ئولتۇرىمەن خىياللار سۈرۈپ،
سېھرى كۈچلۈك تورنىڭ ئالدىدا.
قاچان چىقار تورغا دەپ
ساقلاپ سىنى ئالتۇن ۋاقىتتا.
مۇڭداشقان ئىدۇق كىچە-كۈندۈز،
خۇددى مەرھۇم<تاھىر-زۆھرەدەك>.
بېرىشكەن ئىدۇق ئەتىرگۈل،
ئاشىق-مەشۇق<غېرىپ-سەنەمدەك>.
كۆرەلمىدىم نۇر يۈزۈڭنى،
پۇرالمىدىم ئىپار ھىدىڭنى.
غايىپ بولدۇڭ تۇيۇقسىزلا،
بېرەلمەستىن چىن مۇھەببەتنى.
يۇقالساڭمۇ مەۋھۇم دۇنيادىن،
چۈشلىرىمدە خەۋەرلەر بەرگىن.
ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئەسلىمەڭ،
بىز تۇنۇشقان ئاشۇ كىچىدىن.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N