پوۋېست ، ھاراملىق
2015-03-18 05:45:00 -0400
-ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان مەرەزلەر! تاخ دېدىم جوھوتلار!...زۇۋانى تويمايدىغان ئۆلمىگۈرلەرنى قارا، ھامماچاڭنىڭ ئايۋىنىغا كىرگەندەك بىزەپ قىلىشىسىنا سەيلەرنى ھۇ بالا تەگكۈرلەر...
ئاۋۇ ئاغزىنى بولۇشىغا بۇزۇپ ئەسكى تىراكتۇردەك تاراڭشىۋاتقان، ھەر قەدىمىدە بېشىغا تاشلىۋالغان ياغلىقىنىڭ ئىككى ئۇچى ھاۋادا لەيلەپ، ئۆزى يەلكەنلىك كىمىدەك لەپەڭشىپ كېتىپ بارغان ئايال مېنىڭ ئايالىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئوتتۇز يىللىق ھاياتىم مېنىڭ ئەڭ بەخىتلىك چاغلىرىم. سەللا بىشەملىكى بار، لېكىن بەكلا كۆيۈمچان. باشقىلار بەلكىم ئۆزىنىڭ پۇلى، مال-دۇنياسى، يەرلىرىنىڭ كۆپلىكى، ئۆي-ۋاقىنىڭ كاتتىلىقى، ئەمىلىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن پەخىرلىنىدىغاندۇ. بىراق مەن بەختلىك بىر ئائىلەمنىڭ، تۆت بالامنىڭ بارلىقى، مۇشۇنداق جاۋىلداپ تۇرسىمۇ كۆڭۈلنىڭ ئاچقان يەرلىرىگە بارىدىغان، لازىم بولسا جاننىمۇ ئاياشتىن يانمايدىغان ئايالىم بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. باشقىلاردەك بەك پۇلدارمۇ ئەمەسمەن، ئەمما پۇل خەجلەپمۇ ئالغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە مەن پۇل خەجلىمەي تۇرۇپمۇ ئېرىشكەن. قانداق دەمسىز؟ ئالدىرىماڭ، بىلىشنى خالىسىڭىز تولۇقى بىلەن سۆزلەپ بىرەي، ھەممىنى چۈشىنىپ قالىسىز. ۋاقتى كەلگەندە ھاياتىڭىزدا مەندەك ياشاپ باقمىغىنىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ قالامسىز تېخى!؟
بۇلارنى سۆزلىسەم تولىمۇ يىراق ئۆتمۈشتىن، يەنى بوۋام-موماملارنىڭ ھاياتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن سۆزلەپ ھارماي، سىزمۇ قىزىققان گۇناھىڭىز ئۈچۈن ئاڭلاپ ھارماڭ. ئىشقىلىپ يېتەرلىك ۋاقتىم بار.
* * * * *
ئانام خاننىساخان چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈپ، كۆتۈرەلمىسىمۇ كەتمەننى سۆرەپ يۈرۈپ چاپقۇدەك بولغان زامانلاردا بوۋام-موماملار سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ كوپىراتسىيەگە جان پىدا قىلىپ، ھەر كۈنى بەش نۇمۇر ئۈچۈن ئىشلەپ يۈرەتتىكەن. ئۇ زامانلار قۇرساققا تاپسا ئۇچىسىغا يوق، ئاكىسىغا تاپسا ئۇكىسىغا يوق، قىسىلچىلىق چاغلار بولغاچقا ھەممىنىڭ كۈنى ئاچ زارلىقتا ئۆتىدىكەن. رەھمەتلىق دادام قاسىماخۇن شۇ چاغدا بالاغەت يېشىدا بولۇپ، بوۋام-موماملارغا قىيپاش خوشنا كېلىدىكەن. ئۇ ئانامغا كۆيۈپ قالغان بولۇپ، ئۇخلىسىمۇ ‹‹خاننىسا›› دەپ چۈشەيدىكەن. ئەمما دادام تىكەندەك يالغۇز يىتىم بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېگە بولۇپ بېشىنى سىلايدىغان، ئاددىيسى ‹‹دەردىڭ بارمۇ؟›› دەپ سورايدىغان بىرمۇ ئادىمى يوق ئىكەن. ئەمدى ئۇ زامانلارغۇ بىركىم-بىركىمنىڭ ھالىغا يېتەلمەيدىغان، يېتەي دېسىمۇ ھېلى قولى، ھېلى بويى، ھېلى خۇيى كالتە كېلىپ قېلىپ سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قالىدىغان ئىشكەن. شۇڭا داداممۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئانامغا گەپ تاشلاشقا پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۈپتۇ. بىراق، كوپىراتسىيەنىڭ خالىس خىزمەتكارىغا ئايلىنىپ قالغان دادام قۇرسىقىنى ئۆلەر-ئۆلمەس بېقىپ يۈرگىنىگە خۇش بولسا بولىدىكەن. چۈنكى، قۇرساقنى باقسا ئۇچىسى ئىللىغۇدەك كىيىمى يوق، ئۇچىسىغا چىقسا باش تىققۇدەك تۈزۈكرەك ئۆيى يوقكەن. دادىسىدىن مىراس قالغان بىر ئېغىزلىق كونا سوقما تاملىق ئۆي بىلەن قاراپ قويسىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بىر ئەگۈن ئىشىك دادامنىڭ ئەڭ چوڭ مۈلكى ئىكەن. ئۇ چاغلاردا ئاناممۇ كىچىك بولۇپ، بىرەرسىنىڭ مۇھەببەت ئىزھارىنى چۈشەنگۈدەك ياشتا ئەمەس ئىكەنتۇق.
كوپىراتسىيە سەل ئىنسابىغا كېلىپ، يەرلەرنى پۇخرالارغا بۆلۈپ، ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ بېرىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ. تىرىشقانلارنىڭ قازىنى گۆش، توخوسىنىڭ يېنى تۆش كۆرگەن شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانامغا ئەلچى كېلىپتۇ. ھال-ئوقىتى يامان ئەمەس بىر ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق كەنجى بەگزادىسىنىڭ ئانامغا لايىق چىققانلىقىنى ئاڭلىغان دادام جايىدا ئولتۇرالماي قاپتۇ. لېكىن قانچە تىرىشىپ باقسىمۇ تۆشۈك يانچۇقىدا تەڭگە ئورناشماي، تەرلەپ-پىشىپ ئىشلىگىنىگە يارىشا چاپىنى تىزىدىن ئاشماي ‹‹ئاتام ئېيتقان بايىقى›› ھالىتى بويىچە قېلىۋېرىپتۇ. ئەمما كۆيۈك دەۋاسى ‹‹يانچۇق بوش›› دېگەن گەپكە ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام تەۋەككۈل دەرياسىغا كېمە سېلىپ، ئۆز ھالىغا باقماي قولىنى بۇرنىغا تىقىپللا ئاناملارنىڭ ئۆيىگە ئۆزىگە ئۆزى ئەلچى بولۇپ كىرىپتۇ.
بوۋام-موماملار دادامنىڭ مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، چىرايلىرى تاتىرىپ كېتىپتۇ ۋە ئىشەك-قويلىرىغا بېرىشكە كۆزى قىيمىغان يۇندىسىنى ئۈستىۋېشىغا چېچىپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. دادام بۇ ئەلەمگە چىدىماي ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ ھەمدە لىۋى چىشلەپ تۇرۇپ ‹‹خەپ›› دەپتۇ، ئەمما بۇ ‹‹خەپ›› بىلەن ئانامنى ئالالمايدىكەن. دادام يەنە غەيرەتكە كېلىپ، ئانامغا ئۆيلىنىش خىيالى بارلىقىنى كەنت باشلىقى، سىكرىتار، ئاياللار مۇدىرى دېگەندەك كەنتە رەھبەرلىرىگە ئېيتىپ، ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئۇلار دادامنىڭ ۋەيرانە ئەپتىگە، ئەسكى كەپىسىگە قاراپ، بېشىنى چايقاپ قويۇپ دولىسىنى ئىچىگە تىقىۋاپتۇ. ئۇ خىيال، بۇ ئارمانلار بىلەن يۈرۈپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئانامنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەينى چاغدا ‹‹ قىزىمىز تېخى كىچىك، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتسۇن،كىچىك بالىنى تويلاپ قويغان بىلەن بولمايدۇ›› دەپ كەنجى بەگزادىنىڭ ئەلچىلىرىگە كېلەر يىلى توي قىلىش شەرتى بىلەن ‹‹ماقۇل›› جاۋابىنى بەرگەن ئىكەن. دادام ئانامنىڭ باشقا بىرىگە مەنسۈپ بولۇپ كېتىشىگە چىدىماي، تىپىرلاپ قاپتۇ. نەچچە كۈن ئويلۇنۇپ پىلان تۈزۈش ئارقىلىق، بوۋام -موماملارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ، ئانام خاننىساخاننى ئۆزىگە چېتىپ قويۇشقا كۆندۈرۈشكە ئامال تېپىپتۇ. بىراق، بۇ بىر قاملاشمىغان چارىكەن. مەيلى قاملاشسۇن، قاملاشمىسۇن ‹‹زادى ئالىمەن›› دەپ نىيەت قىلغان دادام ئاخىرى شۇ بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئۈسۈپ بېرىپلا بوۋامغا :
-خاننىساخاننى ماڭا بەرسىڭىز،- دېگەن گەپ.
-ھەي، سەن يالاڭتۆشنىڭ قايسى بىر ۋەج-خىراجىڭ بارلىقىغا بېرىمەن قىزىمنى؟،- دەپتۇ بوۋام كۆمۈردەك قارىداپ، پوكانداك ئىسىلىپ تۇرۇپ،- يا ئاتا-ئاناڭ، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭ بولمىسا، يا قول-ئىلكىڭدە بارنىڭ تايىنى بولمىسا، سەن مۇشۇ ھالىڭغا خوتۇن ئالىمەن دەمسەن تېخى؟ تولا نومۇسۇمنى كەلتۈرمەي بېرىپ ئۇمىچىڭنى ئىچكىنە ماڭ!
-ھېلىمۇ شۇ، ئۇماچ ئېتىپ بېرىدىغانغا خاننىساخاننى ئالاي دەيمەن دادىكا. ماقۇل دەپ بېشىمنى بىر سىلاپ قويسىلا، سىلىدىن ئۇ دۇنيا- بۇ دۇنيا رازى بوپ كېتەتتىم جېنىم دادىكا.
-سەن رازى بولماي قالساڭ ئۆلسەم دوزىخى بوپ كېتەرمىدىم ھە قارىم بالام؟- دېگىنىچە دادامغا دېۋەيلەپتۇ بوۋام،- ساڭا دەپ قوياي كۆك پوتلا، خاننىساخاننى سەندەك تىجىمەل يىرتىق ئىشتانغا ھەرگىز بەرمەيمەن. ئۇنىڭ لايىقى بار، سادىراخۇننىڭ كەنجى ئوغلى شەمشىدىن قىزىمغا ئەلچى قويدى. سەن تولا ماڭا قاش ئاتماي ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت!
بوۋام شۇنداق دېگىنىچە غادايغىنىچە كېتىپ قاپتۇ. يەنە بىر قېتىم ‹‹خەپ›› دەپتۇ دادام ئاخىرقى پىلاننى ئىشقا سالمىسا بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ. ئاندىن بوۋامنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ قارىماي كېتىۋەرگىنىگە ئۇنىماي ئالدىنى تورىۋاپتۇ:
-ماڭا قارىسىلا دادىكا، سىلى بەرمەيمەن دېگەن بىلەن بىز ئاللىقاچان ئىشنى ئوخشۇتۇپ بولغان. خاننىساخاننى ماڭا بەرمىسىلىرى مەيلى، لېكىن نەچچە ئايدىن كېيىن ئۆيلىرىدە تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇ چاغ بولغاندا مېنىڭ ئۆيلىرىگە بارغۇدەك ۋاقتىم يوق. ئۆزلىرى ئانا - بالا ئىككىسىنى ئۆيۈمگە ئۆزلىرى ئاپىرىپ قويارلا!
دادام شۇنداق دەپ قويۇپ ئالدى - كەينىگە قارىماي كېتىپ قاپتۇ. دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭقىرالماي ھاڭقىيىپ قالغان بوۋام تاكى ئۇنىڭ قارىسى يىتكۈچە دادامنىڭ گېپىنى چايناپ بېقىپ مىڭ تەستە چۈشىنىپتۇ ئاندىن يۈز - كۆزلىرىگە توپا چېچىپ، ئاللا - كاللا دەپ توۋلىغىنىچە ئۆيگە يۈگۈرۈپتۇ.
ئۆيگە كېلىپ مومامنى قازناق ئۆيگە سولاپ دادامنىڭ ئېيتقانلىرىنى مومامغا بىرمۇ - بىر يەتكۈزۈپتۇ ۋە ئانامنى سوراق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. موماممۇ ئۆزىنى نەچچە كاچات ئۇرۇپ ھۈ تارتىپ يىغلىغاندىن كېيىن، ئانامنىڭ ئۇششاق ئۆرۈلگەن چاچلىرىدىن سۆرىگەن پېتى قازناق ئۆيگە سولاپتۇ ۋە تامغا نىقتاپ تۇرۇپ سوراق قىپتۇ. ئانام باشتا مومامنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلمەپتۇ. كېيىن مومامنىڭ بېسىم ئىشلىتىۋېرىشى ھەمدە ئوچۇقتىن - ئاشكارا سورىشى بىلەن ‹‹ياق، ئۇنداق ئىش يوق›› دەپلا جاۋاپ بېرىپ يىغلاپ تۇرىۋاپتۇ. بوۋام بىلەن مومام قانچە قىلىپمۇ ئانامنى ئىقرار قىلدۇرالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ‹‹بۇ يوق ئىش ئوخشايدۇ، قاسىم دېگەن قىزىنى بەرمىدى، دەپ دەيۈز بىزگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، شۇ ئاچچىقىنى چىقارغىلى يالغان گەپ قىلغان ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلاپ يۈرۈپتۇ. كىم بىلسۇن؟ كوچا - كويلاردا ‹‹قاسىم بىلەن مەمىتاخۇننىڭ قىزى خاننىساخان ھېلىقىدەكمىش، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ ئېغىر ئاياق بوپ قالغاندا ئاندىن ئۆيىدىكىلىرىگە دەپتۇدەك››، ‹‹مەمىتاخۇنلار قىزىنى قاسىمغا بەرمىسە ئەمدى يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمىگۈدەك، ئەھېال بۇ تۇرسا سادىراخۇنلار شەمشىدىنگە ئېپ بېرەرمۇ خاننىساخاننى؟›› دېگەندەك گەپ - سۆزلەر تارقىلىپ كېتىپتۇ. ‹‹چىراق تۈۋى قاراڭغۇ›› دېگەندەك،
بوۋام - موماملار بۇ گەپلەردىن كېچىكىپ خەۋەر تېپىپتۇ. ئۇلار بۇ گەپلەرنىڭ ئىس - بۇسىنى بىلگەندە ئاللىقاچان پۈتۈن مەھەللىگە پۇر كەتكەن ئىكەن. قانداقلا قىلغان بىلەنمۇ يۇرتتىكىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىيالماپتۇ. ئانام بىچارە ئۆيدىن تالاغا چىقماي يىغلاپلا ئولتۇرۇپتۇ. مومامنىڭ ‹‹قىز باققان گۇناھىم بار، ۋاي ئۆلەي، نېمە ئاھانەت بۇ؟ مۇشۇ كۈنلەرگە قالغۇچە ئۆلۈپلا كەتسەمچۇ؟›› دېگەندەك تاپا - تەنە، قاتتىق گەپلىرىگە چىدىماي يۇشۇرۇنچە قېچىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. بوۋام - موماملار ئىزدە - ئىزدە ئانامنى ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. ئۈچ كۈن بولغاندا ناتونۇشلا بىر ئايال ‹‹كېچىدە ئىشىك چەكتى، سورىسام ئۆيدىن يامانلاپ چىقتىم، ئانام - دادام بەك تىللىۋەتتى، ئۇ ئۆيدە تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى، سىزگە بالا بولاي، دەيدۇ، ئۇ كۈنى چىرايلىقچە يېتىپ قالدۇق. ئەتىسى ئاپىرىپ قوياي دېسەم يىغلاپ ئۇنىمىدى. بۈگۈن ئاران تەستە قايىل قىلىپ ئېلىپ كېلىشىم. بالا قىلىۋالساممۇ ئۆزلىرى ماقۇل بولسىلا ئاندىن قىلارمەن، يەنە كېلىپ ئۆيدىكى ئالتە جاننى باقالماي تۇرغاندا يەنە بىر جان ئارتۇق كەلگۈدەك. شۇڭا يانلىرىغا ئەكەلدىم›› دەپ ئانامنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئۆيىگە ئەكىلىپ قويۇپ كېتىپتۇ. ئانام يوقاپ كەتكەندە چوڭلار پۈتۈن مەھەللىنى قېزىپ ئىزدەشتۈرگەن بولغاچقا ‹‹خاننىساخان ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ، قاسىم ئېلىپ قاچقان ئوخشايدۇ›› دەپ گەپ تارقىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، سۆز - چۆچەكلەرنى كۆتۈررەلمەي ئاران تۇرغان بوۋام - موماملار بۇ گەپلەر بىلەن تۈگىشىپلا كېتىپتۇ. ئەسلىدە دادام ئىچى يامانلىق قىلىپ، شۇنداق گەپ - سۆزلەرنى تارقىتىپ، ئانامغا كەلگەن ئەلچىلەرنى قايتۇرغۇزىۋەتمەكچى ئىكەنتۇق. ئويلىمىغان يەردىن گەپلەر ئاۋۇ، ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ قويۇپتۇ. شۇ ئىشلار بولۇپ ئۆتۈش جەريانىدا ئىككى ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شەمشىدىننىڭ ئەلچىلىرىمۇ توي ئىشىنى قايتۇرىۋېتىپ بىر مۇنچە سېسىق گەپ قىلىپ كېتىپ قاپتۇ. بوۋام - موماملارغا سۈركىلىپ كۆيئوغۇللۇق تاماسىدا يۈرگەن، پۇرىتىپ قۇدىلىق خىيالىدا بولغانلارمۇ شۇنىڭ بىلەن جىممىدىلا بېسىقىپ قاپتۇ. گەرچە ئانامنىڭ قۇرسىقى تومپىيىپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچ ئىش بولمىغىنىغا، دادام بىلەن ئانامنىڭ پاكلقىغا ھېچكىم ئىشەنمەپتۇ. بوۋاملار ئانامنى ئاقلاپ، دادام بولسا يالغان گەپلەرنى مەھەللىگە پۇر قىلىپ يېيىپ يۈرگەچكە ‹‹ياخشى گەپ بوسۇغا ئاتلىغۇچە، يامان گەپ داۋان ئېشىپتۇ›› دېگەن ھېكمەت بويىچە، ئانامغا ئىشەنمەي، دادامغا ئىشىنىدىغانلار جېق چىقىپتۇ.
بىر كۈنى كېچىدە دادام ئەسكى ئۆيىدە يىرتىق يوتقىنىغا يۆگىنىپ ئۇخلاپ ياتسا، ئىشىك زەرب بىلەن ئېچىلىپتۇ. ئاندىن ئۆيگە تۆت - بەش يوغان گەۋدە بېسىپ كىرىپلا دادامنى قارا - قويۇق دەسسەپ، ئۇرۇپ كېتىپتۇ. راسا ئۇرۇپ ھارغاندا، ئارىدىن بىرى ھاۋا گۆلدۈرلىگەندەك قوپال ئاۋازى بىلەن:
-ئەلچى باشلاپ چىق، خاننىساخاننى ساڭا بېرىمىز!
دەپتۇ، ئاندىن گەپ - سۆز قىلماي گۈرسۈلدەپ دەسسەشكىنىچە چىقىپ كېتىپتۇ. دادام ئاغرىغان يەرلىرىنى سىلاپ، ئاغرىمىغان يەرلىرىنى ساناپ يېتىپ ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئورنىدىن تۇرالىپتۇ. ئۇ تونۇش - بىلىشلىرى، مەھەللە ئەھلى ئىچىدىن شۇنچە ئويلۇشۇپمۇ ئۆزىگە ئەلچى بولالىغۇدەك ھېچ بىرەرسىنى تاپالماپتۇ. چۈنكى، دادامنىڭ ئاتا - ئانىسى كىزىك كىسىلى بىلەن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئەسلى ئۆز يۇرتىدىكى پومىشچىك بايلارنىڭ زۇلمىغا چىدىماي، بۇ يۇرتقا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلاردىن ئىكەن. ئۇلار تۈگەپ كېتىپ، دادام ئون ئۈچ ياشتىلا يىتىم قاپتۇ. شۇڭا بىر تالمۇ توغقىنى يوق، خۇدايىمنىڭ تىكەندەك يىتىم بەندىسى ئىكەن. كەنت رەھبەرلىرىنى ئىزدىسە، ئۇلار ‹‹ئىشلارنى ئۆزەڭلار بىلىپ قىلغاچ تۇرۇپسىلەر، بىزنى باشلاپ بارمىساڭلارمۇ بېرىپ يېتىلەپلا ئۆيۈڭلارغا ئاپىرىۋېلىڭلار›› دەپ مازاق قىلىپ، كۈلۈشۈپ قويۇپتۇ. ھېچبىرسىنىڭ كارى بولماپتۇ. ئامالسىز قالغان دادام ئاخىرى ئەڭ بېشىدا قىلغىنى بويىچە، دولىسىنى چىقىرىپلا يەنە قولىنى بۇرنىغا تىقىپ ئەلچىلىككە ئۆزى بېرىپتۇ.
دادامنىڭ بۇ قېلىقى چوڭلارنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپتۇ. لېكىن ھەممىنى پىشانىسىدىن كۆرۈپ، دادامغا مېھىر ھەققىگە يەتكۈدەك بىر نەرسە تېپىپ كەلسە ئانامنى نىكاھلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تويغا رازىلىق بېرىپتۇ. ئۇ زامانلاردا قۇرساق تويغۇدەك بىرەر ۋاخ تاماققا چىقىش قىلالىسا شۇنىڭ ئۆزى كاتتا توي ئىكەندۇق. يەرلەرنى ئەزالارغا ھۆددىگە بەرگىلى تېخى ئۇزۇن بولمىغان چاغلار بولغاچقا ھەممىنىڭ قولى ئۈزۈك ئىكەن. بولۇپمۇ يالغۇز يىتىم دادامنىڭ قولى تېخىمۇ كالتىكەن. دادام ئاخىرى باشقىلارنىڭ ھاشار ئورنىغا بېرىپ ئىشلەپ بۇنىڭ ھىساۋىغا ئىش ھەققى ئېلىپ دېگەندەك، تۆت ئاي بولاي دېگەندە ئاران بىر كۆڭلەڭلىك چىت، بىر غىجىم رومالغا چىقىش قىلىپ، ‹‹تاپقىنىم مۇشۇ›› دەپ بوۋامنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. زاماننىڭ ئەھۋالى شۇ بولغاچقا بىرەركىم جېق تويلۇق ئېلىپ كاتتا توي قىلىش دېگەنلەر مۇمكىن ئەمەسكەن. بۇ نەرسىلەر ئانامنىڭ تويلۇقىغا يەتكەن بىلەن يۇرتقا ئاش تارتىشقا يەتمەيدىكەن. بىچارە بوۋام بۇنىمۇ ئىچىگە تىنىپ، مەھەللە چوڭلىرىنى چاقىرىپ بىر قازان ئۇماچ ئېتىپلا دادام بىلەن ئانامنىڭ نىكاھىنى قىلىپ قويۇپتۇ. چۈنكى دادام بىلەن ئانامنىڭ يامان ئاتىقى چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ئانامغا كېلىدىغان ئەلچىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ، پۈتۈشكەن تويمۇ يېنىپ كەتكەن، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئانام ئولتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەڭ يامىنى بوۋام - موماملار مىش -مىش گەپلەرنىڭ يەنە چىقىۋېرىشىگە چىدىماپتۇ.
تويدىن كېيىن بوۋام جان ئاچچىقىدا ئاغرىپ قېلىپ، ئىككى ھەپتىدە ئاران ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئەمما ئىلگىرى يالغۇز جېنىنى تەستە باققان دادام ئەمدىلىكتە ئىككى جاننى بېقىشتا قىينىلىپ، ھە دېسە بوۋاملارغا تايىنىۋاپتۇ. بارى - يوقى سەككىز پۇڭ يېرىنىمۇ ئوڭچە تېرىيالماي، چولىسى تەگسىلا چوڭ ئۆيگە چىقىۋاپتۇ. بىراق، چوڭلارمۇ چىداشقا مەجبۇر ئىكەن. چۈنكى ئانام تۆت ئوغۇلنىڭ ئىچىدە بىر تاللا قىز ئىكەن.
دادام بىلەن ئانام توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن مەن تۇغۇلۇپتىمەن. مەن تۇغۇلغاندا ئانام ئون ئالتە ياشتا، دادام ئون توققۇز ياشتا ئىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا دەل بىر يىل بولغاندا تۇغۇلغان بولساممۇ مەھەللىدىكىلەر مېنى ھارامدىن بولغان دەپ قارايدىكەن، ھەتتا ئاتا - ئانام يوق يەردە ‹‹ئۇلارنىڭ ھاراملىقى›› دەپ ئاتايدىغان بولىۋاپتۇ. تېخى ئاتا - ئانام ئېتىزغا كەتكەندە ئۆيدىكى بۆشۈكتە يالغۇز قېلىپ، بىرەر - يېرىم دەپ يىغلاپ قالغۇدەك بولساممۇ ‹‹قاسىمنىڭ ھارىمىسى يىغلاپ بوغۇلۇپ كېتىپتۇ، ھارام بولۇپ قالمىسۇن ھېلى، خاننىساخاننى توۋلاپ قويۇڭلار›› دېگەنلىكىنى دادام باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىكەن. مەندىن كېيىن تۇغۇلغان سىڭلىم پەزىلىيەخان ماڭا قارىغاندا تەلەيلىك، ئۇنىڭغا ‹‹ھاراملىق›› دېگەن تامغا بېسىلىپ باقمىدى. لېكىن ماڭا بېسىلغان بۇ تامغا دادامدىن مىراس قالغان بولۇپ، كېيىن دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، رەھمەتلىك ئانىسىنى ئۆيىدىكىلىرى قازىغا دۇئا قىلدۇرماقچى بولغاندا، دادام ئۇنى ئېلىپ قېچىپ بۇ يۇرتقا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. يۇرت ئەھلىنى چاقىرىپ ئاددىيغىنا توي ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، دادام تۇغۇلغاندا ھەممىسى ئۇنى ھارامدىن بولغان دەپ بىلىپتۇ، خۇددى مەن تۇغۇلغاندا مېنى شۇنداق قاراشلار بىلەن كۈتىۋالغاندەك. داداممۇ كىچىك ۋاقتىدا ئىنتايىن كەپسىز بولۇپ، سېپى ئۆزىدىن ئالىقاپ ئىكەن. مەھەللىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە پەقەت دادامدەك ھارامدىن بولغان بالىلارلا شۇ دەرىجىدە كەپسىز كېلىدىكەن. ئۇنى دېمىسىمۇ دادامنىڭ تېرىغان ئىشلىرىنى دېگىلى تۇرسا، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۆمۈر بويى قاخشىشىغا يېتىدىكەن.
كېيىن ئانامنىڭ دەپ بېرىشىچە مەنمۇ دادامنى كېيىپلا چۈشۈپتىمەن. ئېسىمنى بىلسەم ھەقىيقەتەن كەپسىز ئىدىم. ھېلى بىر كىمنىڭ ئوتلاشقا باغلاپ قويغان كالىسىنى يېشىپ، قۇيرۇق ئاستىغا تىكەن قىستۇرۇپ قويۇپ بېرىپ، چىچاڭشىپ يۈگرۈشلىرىگە قاراپ تاماشا كۆرىۋاتقان، ھېلى گەپلىشىپ ئولتۇرغان ئاياللارنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى سەزدۈرمەي بىرىنىڭكىنى يەنە بىرىنىڭكىگە چىگىپ قويۇپ، يىقىلىپ - قوپۇپ قاخشاشلىرىغا كۈلۈپ، تېلىقىپ يۈرگەن، بىردە باغ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ خوشنىلارنىڭ ئۆزى يېيىشكە قىيماي ساقلىغان مىۋىلىرىنى ئوغۇرلاۋاتقان، بىردە خەقنىڭ توخوسىنى تۇتۇپ ئاپىرىپ باشقا بىرسىنىڭ توخۇ كاتىكىگە سولاپ قويۇپ خەقنى جىدەلگە سېلىۋاتقان. ئىشقىلىپ ئىشلىرىم جېق ئىدى، يەنە كېلىپ ھېچنەرسىدىن قورقمايتتىم ھەم ھېچكىمدىن تەپتارتمايتتىم. مەھەللىدىكى مەن بىلەن بىللە ئوينايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق كەپسىز بولۇپ، يۇۋاش بالىلاردىن بىرەرسى بىزگە قوشۇلۇپ قالدىمۇ، بولدى، ئىككى كۈندە ساۋادىنى چىقىرىپ، ھۈنەرلىك قىلىپ قوياتتۇق. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى بىزدىن قاخشايتتى ھەمدە بالىلىرىنى بىز بىلەن ئويناشتىن توسۇيتتى.
ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، مەھەللىمىزدە بەكرى ئىسىملىك بىر بالا بولىدىغان. ئۆزى بەكلا يۇۋاش بولۇپ، ئادەتتە ھېچكىمگە ئارىلاشماي ئۆزى يالغۇز ئوينايتتى. بىر قېتىم بالىلار بىلەن دۈشمەن - ساقچى ئويۇنى ئويناپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتىمىز. ئۇ ئىشىك تۈۋىدە بوينىنى قىسىپ بىزگە قاراپلا تۇردى ئەمما ئويۇنىمىزغا قوشۇلمىدى. مەن ئۇنى قىزىقتۇرۇپ سېپىمىزگە قوشۇۋالدىم. يۇۋاش بولغاچقا نېمە دىسەم ماقۇللا دەيتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئويۇنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، چالما ئوق ئويۇنى ئوينىدۇق ھەمدە چالما ئىزدەپ يۈرۈپ يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالغان كونا سوقما تامنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتىمىز. تامدا بىر نەچچە كامار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قۇشقاچ بالىلىرى بار دەپ پەرەز قىلدۇق. مەن بەكرىنى تامغا يامىشىپ چىقىپ، قۇشقاچ ئېلىپ چۈشۈشكە بۇيرۇدۇم. ئۇ قورقۇپ ئۇنىمىدى. مەن بالىلارنى كۈشكۈرتۈپ، بەكرىنى زاڭلىق قىلدۇردۇم. بالىلار ئۇنى ‹‹قورقۇنچاق›› دەپ مازاق قىلىشقا باشلىۋىدى، ئۇ لىۋىنى چىشلەپ يىغلامسىراپ تۇرۇپ تامغا يامىشىشقا ماقۇل بولدى. بىز پەستە تۇرۇپ مەدەت بەردۇق، ئۇ بار كۈچىنى يىغىپ تامنىڭ ئويمان يەرلىرىدىن قاماللاپ تۇتۇپ يۇقۇرىغا يامىشىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، كامارغا يېقىنلىشىپ بېرىپ، قورقۇپ تۇرۇپ قولىنى كامارغا تىقىپ ئارقىدىن چىقىرىۋالدى. بىر نەرسىنى مىجىقلاپ ئېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەممىمىز قۇشقاچ ئالدى دەپ خۇشال بولۇپ تۇراتتۇق. ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسە تۇيۇقسىز سۇزۇلۇپ تۇرۇپ ھەر يان تولغۇنۇشقا باشلىغاندا ھەممىمىز قورقۇپ كەتتۇق. بەكرىنىڭ قولىدا دادامنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى چوڭلۇقىدا بىر دانە يىلان تولغۇشۇپ بەكرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىركىشىۋاتاتتى. بەكرى باشتا قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى، ئاندىن يىلاننى تاشلىۋىتىپ، چىڭ چاپلىشىپ تۇرغان تامدىن ئۆزىنى يەرگە ئاتتى. چىرايى تاتىرىپ، قورقۇپ كەتكەن بەكرى ئىشتىنىغا سىيىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ھەممىمىز تىكىۋەتتۇق. ئارىمىزدىن بىرەيلەن بېرىپ بەكرىنىڭ دادىسىغا ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ ھەم ئۇنى بەكرىنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى يىلان بەكرىنى چېقىۋالمىغان ئىدى. كەچقۇرۇنلۇقى ئۇنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى ھەم قىلغان ئىشلىرىمىزنى دەپ دادام بىلەن ئانامغا قاتتىق كايىدى. بەكرىنىڭ دادىسى كەتكەندىن كېيىن دادام ئاناملار مېنى ئىشىك تۈۋىدە ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، بىر ھازا تەنقىدلىدى. ئارىدا ئانام قۇلىقىمنى يۇلۇپمۇ قويدى. مەن كۆڭلۈمگە ‹‹خەپ توختا بەكرى، دادام ئاناملارنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قويدۇڭ، بۇ ئەنتىمنى ئالمايدىغان بولسام›› دەپ خەپتىن بىرنى پۈكتۈم. ئەتىسى باشقا بالىلارنىڭ ھېچقايسىسى مەن بىلەن ئوينىغىلى ئۇنىمىدى، سەۋەبىنى سورىسام بەكرىنىڭ ئىشى سەۋەپلىك ئاتا - ئانىسى بەك قورقۇتىۋەتكەنمىش، ئەگەر يەنە مەن بىلەن ئوينايدىغان بولسا ئۆزىنى بالام دېمەسمىش ھەم تاماقمۇ بەرمەسمىش. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇ ئاتا -ئانىلارنىڭ ھەممىسىگە ‹‹‹خەپ›› دەپ قويدۇم ئىچىمدە. ئاندىن بىر - بىرلەپ ئۆچ ئېلىشقا باشلىدىم. بىرسىنىڭ دۆۋىلەپ قويغان پاخىلىغا ئوي قويۇۋەتسەم، بىرسىنىڭ كەينىدىن مەسچىتكىچە بىللە كىرىپ پايلاپ تۇرۇپ، نامازغا تۇرغاندا كالىچىنىڭ ئىچىگە سۇ توشقۇزۇپ قويدۇم. بىرسىنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ كەتمەن - تاغىرىنى تاپالمايدىغان يەرلەرگە تىقىپ قويسام، بىرلىرىنىڭ ھارۋىسىنىڭ يېلىنى چىقىرىۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ ھەممىسىدىن بىر قېتىمدىن ئۆچ ئېلىپ چىقتىم. ئاتا - ئانىلىرى شۇنداق قۇرقۇتۇپ تۇرسىمۇ بالىلار مەن بىلەن بىللە ئويناشتىن يالتىيالمايتتى. قورقۇتقاندا بىر نەچچە كۈن گەپ ئاڭلىغاندەك قىلغىنى بىلەن، مېنىڭ قىلىپ يۈرگەن كەپسىزلىكىمنى كۆرسە كۈلۈپ تېقىلىپ قالاتتى ھەم ئۆزىمۇ تۇيماي يەنە ماڭا قوشۇلاتتى.
مەن توققۇز ياشلارغا كىرگەندە مەھەللىمىزدىكى كەنت كومىتىتىغا بىر نەچچە مۇئەللىم كەلدى ھەمدە <<مەكتەپكە بالا خەتلەيمىز›› دەپ نەچچە كۈن ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ يۈرۈپ، مەن دېمەتلىك بالىلارنىڭ ھەممىسىنى كەنت كومىتىتىغا يىغىۋېلىپ، دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ چاغلاردا بىزگە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھېساپلا ئۆتەتتى. مەندىن كىچىكلەرمۇ، بىر - ئىككى ياش چوڭلارمۇ بار بولۇپ، بىزنى ئىككى سىنىپقا بۆلۈپ ئۈچ مۇئەللىم نۆۋەتلىشىپ دەرس بېرىشكە باشلىدى. مەن سىنىپ بويىچە دەرسلەردە ھەممىدىن ياخشى ئىدىم. شۇ جەرياندا كەنت كومىتىتىغا يېقىن بىر يەرگە مەكتەپ سېلىندى. يىل ئاتلاپ، ساۋادىمىزمۇ چىقىپ قالدى. خەت ساۋادى بولسا بەكلا ياخشى بولىدىكەن. باشتا مېنى مەكتەپكە خەتلەيدىغان چاغدا ئانام ‹‹ئوقۇماي ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملەشسۇن›› دەپ تۇرىۋالدى. بىراق دادام كوپىراتسىىيە ھازىرقى كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەمدە مۇئەللىملەرنىڭ ساۋاتلىق ئىكەنلىكىنى، ساۋاتلىق بولسا جېق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، مېنىڭمۇ ياخشى ئوقۇپ كېيىنچە كەنت كادىرى بولىدىغانلىقىمنى، ئۇ چاغدا ئۆزلىرىدەك نامرات ئۆتمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئانامنى قايىل قىلدى. گەپ شۇنداق بولدى، مەن ساۋاتلىق بولۇپ قالدىم. يېشىمىزمۇ چوڭىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۈچ يىل ئوقۇدۇق. بۇ جەرياندا كەپسىزلىكىمنى تاشلىماقتا يوق، مەھەللىدىكى ئۇچىغا چىققان ئالىقاپقا ئايلاندىم.
تۆتىنچى يىللىققا چىققان ۋاقتىمىزدا دادام ھاشاردىن كېلەلمەيدىغان، ئانام ئېتىز ئىشىدىن بوشىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىككى سىڭلىم بىلەن بەش قوي، بىر ئېشەككە قاراشمۇ ئانامنىڭ زىممىسىدە ئىدى. ئانام بىچارە يالغۇز يېتىشىپ بولالماي ھالىدىن كېتىپ باراتتى. شۇڭا مەكتەپتىن چىقىۋېلىپ ئۆيدە ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم. ئۇ ۋاقىتلار مائارىپنى ھازىرقىدەك چىڭ تۇتمايتتى. داداممۇ ‹‹ساۋادىڭ چىققاندىكىن بولدى›› دېدى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرلاشتى.
ئون يەتتە ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، مەھەللىمىزدىكى نۇرنىسا ئىىسملىك بىر قىز كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ قىز كەنت سىكرىتارىمىزنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇمۇ نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇپ، كېيىن ‹‹گىلەم توقۇيدىكەنمەن›› دەپ مەكتەپتىن چىقىۋالغان ئىدى. ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا بەك بىلىنمەپتىكەن، لېكىن مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىن يولدا ئۇچرىشىپ قالساقمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە قارايدىغان، توغرىراقىنى دېگەندە، يۈرىكىم ئوڭ – تەتۈر سالىدىغان بولۇپ قالدى. يامان يېرى بۇ قىزنىڭ دادىسى بولمىش سىكرىتارىمىز ئانامغا دەسلەپ لايىق چىققان كىشى مىجىت ئاخۇن، يەدى سادىراخۇننىڭ كەنجى ئوغلى مىجىت شۇ ئىدى. مىجىت سىكرىتارنىڭ ئۈچ قىزى بار ئىدى. دادام ئانامنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئەلەمگە چىدىماي ئالغان خوتۇنى ئۇنىڭغا ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ قىز تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، چوڭ قىزى زەينەپ مەندىن بىر ياش كىچىك، چوڭىدىن كېيىن يىل ئاتلىماي تۇغۇلغان ئىككىنچى قىزى نۇرنىسا مەندىن بىر ياش كىچىك ئىدى. ئەڭ كىچىكى ئىززەتنىسا نۇرنىسانىڭ سايىسىدەك، نەگىلا بارسا ئاچىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپلا يۈرەتتى.
نۇرنىسا چىرايلىق ھەم شوخ قىز ئىدى، مېنى يىراقتىن كۆرسە ۋىللىدە قىزىرىپ يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتەتتى. مەنمۇ ئۇنى مېنى ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلايتتىم، شۇنىڭ بىلەن كەچلىرى ئۇ سۇغا چىقىدىغان ئېرىق بويىدا ياكى ئەتىگەنلىكى ئوت ئالغىلى بارىدىغان ئېتىز يولىدا ئاتايىن ئۇنى ساقلاپ تۇراتتىم ھەمدە ئۇ كەلگەن ھامان ھىجىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قادىلىپ بىر قارىۋالغاندىن كېيىن، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتۈپ كېتەتتىم. كېيىنچە جۈرئەتكە كېلىپ بىرەر ئېغىز چاقچاقمۇ قىلىپ قويىدىغان بولدۇم.
بىر كۈنى پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى، دەپ ئويلۇدۇممۇ، قاملاشتۇرۇپ سالامخەتتىن بىرنى يازدىم. خەتنىڭ ئاخىرىدا ‹‹ئەگەر ماڭا كۆڭلىڭىز بولسا، ئەتە ناماز دېگەر ۋاقتى بىلەن ئۆيڭىزنىڭ كەينىدىكى چوڭ ئۆرۈك تۈۋىگە چىقىڭ، شۇنىڭدا مەن سىزنى ماقۇل بوپتۇ دەپ بىلىمەن، ئەگەر چىقماي قالسىڭىز كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلمايدىكەن، ماڭا كۆڭلى يوقكەن دەپ بىلىمەن، شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىز بىلەن توي قىلىپ قەدىناس ھەمراھلاردىن بولۇپ قالغۇم بار، سىزنى ساقلايمەن›› دەپ يازغان ئىدىم. پىلانىمدا، ئۇ ئوت ئالغىلى چىققاندا ئاستا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق ئۇ كۈنى ئوت ئالغىلى نۇرنىسا چىقماي، ئاچىسى زەينەپ چىقتى. بوپتۇ دەپ كەچ بولۇشىنى ساقلىدىم. ئەمما كەچتە سۇغىمۇ زەينەپ چىقتى، ئامالسىز ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردۈم. بىر چاغ بولغاندا ھويلىدىن پوتلىسىنى ئېقىتىپ كىچىك سىڭىل ئىززەتنىسا چىقتى. كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى. مەن ئىززەتنىسانى چاقىرىۋېلىپ، خەتنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم ۋە ھېچكىمگە كۆرسەتمەي نۇرنىسا ئاچىسىغا بېرىپ قويۇشىنى تاپىلاپ كىرگۈزىۋەتتىم. يولدا ماڭغاچ ئالەمچە تاتلىق خىياللارنى سۈرۈپ، تويۇمنى قىلىپ، نەچچە بالىنىڭ دادىسىمۇ بولۇپ كەتتىم تېخى. ئەتىكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، تولا ئويلاپ، نۇرنىسانىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى خىيالەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، ھەر خىل قىياسلارنى قىلىپ دېگەندەك، بىر كېچىلىك ئۇيقۇمنى ھارام قىلىپ ئاران دېگەندە تاڭنى ئاتقۇزدۇم. ئادەتتە ‹‹ئۆھھۆ›› دەپ بولغىچە كەچ بولۇپ قالىدىغان كۈن بۈگۈن مۇشكۈل تەستە كەچ بولۇشقا بەل باغلىدىمۇ، كۈن قايرىلغىلى ئۇنايدىغاندەك قىلمايتتى. ۋاقىتمۇ بىزەڭلىك قىلىپ ھېچ ئالدىغا ماڭمايۋاتاتتى. ناماز دېگەرنىڭ كويىدا ئاسمانغا تولا قاش ئېتىپ، ئاخىرى كەچنىمۇ قىلدىم. خەتتە دەپ قويغىنىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى چوڭ ئۆرۈكنىڭ تۈۋىگە چىقىپ ساقلاپ تۇردۇم. بىرەرسىنى كۆرۈپ قالمدىكىن دەپ ئەنسىرىمىسەم تېخى، نۇرنىسانىڭ چىقمىغىنىغا قاراپ جىلە بولمىسام تېخى، ئىچىمدىكى ئالا – توپىلاڭلارنى بېسىقتۇرالماي تۇرغىنىمدا يېنىك شىۋىرلاپ يېنىمدا بىر گەۋدە پەيدا بولدى. نېمىسىنى دەيكى، بۇ گەۋدە نۇرنىسا ئەمەس، ئۇنىڭ ئاچىسى زەينەپ ئىدى. ئۇ ئاستا يېنىمغا كېلىپ ماڭا قاراپ پىسسىڭڭىدە كۈلدى. مەن نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ھۇدۇقۇپ كەتتىم. مەن تېخى ئۇنى بىرەر ئىش بىلەن بۇ تەرەپلەرگە ئۆتكەن بولسا مېنى كۆرۈپ سالام قىلغۇسى كەلدى بولغاي، دەپ ئويلاپتىمەن. بىراق ئۇ تولۇمدىن توقماق چىققاندەك قىلىپ:
-كۆڭلى بار ئادەم بالدۇرراق گەپ قىلمامدۇ؟ ئۆيدىكىلەر بىرسىگە ماقۇللۇق بېرىپ بولدى. ئەمدى ئۇلارنى ئۆزىڭىز ياندۇرۇڭ ئەسكى، مېنىڭغۇ ئۇ بالىغا تەگكۈم يوقتى. باشتىراق ئەلچى كىرگۈزسىڭىزغۇ شۇ ئىشلارمۇ يوق..- دەپ ماڭا دۇمسايغاچ كۈلدى. مەن خاتا كۆرىۋالدىممۇ يا دەپ سىنچىلاپ قارىدىم. ئەمما خاتا ئەمەس ئىدى. ئالدىمدا ھەقىيقەتەن زەينەپ تۇراتتى. قورقۇپ كەتتىم، چېكەمدىن پۇررىدە تەر چىقىپ كەتتى.
-سىز... سىز نېمىنى دەۋاتىسىز؟ قا... قانداق گەپ بولۇپ كەتتى بۇ؟...
-ھېلىقى... سىز دېگەن گەپلەرچۇ؟... مەنغۇ خالايتتىم، شۇ سىز گەپ قىلماي...
-نې... نېمىنى خالايتتىڭىز؟ نېمانداق ئېغى بىلەن بېغى يوقلا بىر گەپلەرنى قىلىسىز زەينەپخان؟- دېدىم ئۇنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ.
-ماڭا يازغان خېتىڭىزنى ئوقۇدۇم. بەك... بەك...
-نې... نېمە بەك بەك؟ گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىم مەن.
-شۇ... خىجىل بولىدىكەن ئادەم... مەنمۇ سىزدەك خەت يېزىپلا دەيمۇ يا كۆڭلۈمدىكىنى؟...
-خەت يېزىش كەتمەيدۇ، قانداق گەپ بولسا دەۋەرمەمسىز!- ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كاللام قوچۇلۇپ كەتتى. گەپ كوچىلاش مەقسىتىدە شۇنداق دېدىم.
-شۇ... شۇ... بەك خۇش بولدۇم... دادام بىلەن ئانام نېم دەيدىكى ئۇنى بىلمەيمەن لېكىن...
زەينەپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا يەر جىجاپ قىزىرىپ تۇرۇپ شۇلارنى دېدى. مەن يەنىلا ئاڭقىرالمىدىم. ئەمما ئىشتىن چاتاق چىققانلىقىنى ئېنىق ئىدى. قايسى چاغدا ئېتىزلىقىمىزنىڭ يېنىدا ئۆيى بار ئەمىتىكام مۇزدوز ھويلىسىدا ئۆتۈك مىخلاپ ئولتۇرۇپ ‹‹چوڭ قىزىڭنى بەرمىسەڭ كىچىكى قاش ئاتىدۇ›› دەپ ناخشا توۋلىغان ئىدى. بۇ گەپ قىزىق تۇيۇلۇپ، تالاي زامانغىچە ھەجىلەپ، كۈلۈپ يۈرگىنىم ئېسىمدە. بىراق، مېنىڭ ئىشلىرىم مۇنداق بولسا بولمايتتى. يەنە كېلىپ كېچىكىگە ئاتقان قاشنىڭ چوڭىغا تېگىپ كەتكىنى نېمىسى ئەمدى؟
-بىر ئۇققىدەك گەپ قىلسىڭىز پوككىدە چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتەرسىزمۇ؟ يا نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بولمىدى. يا بىر گەپ قىلمايلا ئۆتۈپ كەتمىدىڭىز، غەلىتە قېلىقلىرىڭىز باركەن جۇمۇ! يا مېنى خاتا تونۇپ قالدىڭىزمۇ؟ مەن قاسىماخۇن تۆگىنىڭ ئوغلى ياسىن قاسىم بولىمەن جۇمۇ!-دېدىم سەل تىرىكىپ.
-بىلىپ گەپ قىلىۋاتىمەنغۇ شۇ...- زەينەپ تېخىچە نازلىق ھىجىيىپ تۇراتتى. قارىغاندا ئۇ مېنى چاقچاق قىلىپ قەستەن گەپكە سېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغاندەك قىلاتتى،- تۆنۈگۈن ئاخشام ئىززەتنىسادىن خەت كىرگۈزۈپتىكەنسىز، ئوقۇپ بەك خۇش بولۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن... خۇشلۇقتا بىر كېچە ئۇخلىماي خەتنى قۇچاقلاپ يېتىپ...خىيال سۈرۈپ چىقتىم... سىزنىمۇ بوش چاغلىغىلى...
-ئۇ... ئۇنداق ئەمەستۇ؟ مەن نەدە... سىزگە خەت كىرگۈزىمەن؟- دېدىم ھۇدۇقۇپ تۇرۇپ. تىلىم كالۋالىشىپ گەپكىمۇ كەلمەيتتى. راست گەپنى قىلسام قورققان ئىدىم. خىيالىمدىن كەچمىگەن ئىشلار ئاز قالدى. ئىززەتنىسا ئاچىسىغا بەرگەن خەتنى نۇرنىسادىن بۇرۇن زەينەپ كۆرۈپ قالدىمۇ يا؟ دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە. ياكى، زەينەپ نۇرنىسانىڭ قولىدىن خەتنى تارتىۋېلىپ گەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچىمىدۇ؟ چوقۇم بىر گەپ بار، يا بولمىسا ماۋۇ ئىككى جىن بىرلىشىپ مېنى سىناپ بېقىۋاتىدۇ. شۇلارنى ئويلاپ سەل ئۆزۈمگە كەلدىم.
-ۋىيەي، تولا ساختىپەزلىك قىلماڭە. تارتىنىش دېگەن بىز قىز بالىلارنىڭ ئىشى. كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ خەت يېزىڭ دېسە بىر ئوبدان يازىسىز، ئەمدى ئېگە بولمايدىكەن كۆرۈڭ ھى ھى ھى...
-قىزىقچى بولۇپ قاپسىز جۇمۇ. مەكتەپتىن چىققاندىن بېرى قولۇمغا دەپتەر - قەلەم ئېلىپ باققىنىمنى ئۇقمايمەن. نەدە يۈرۈپ سىزگە خەت يازىمەن مەن؟ توۋا!...
قىز پەرۋايىمدا يوق شۇنداق دېگىنىمدىن سەل ئېسىنى يىغدى بولغاي، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قادىلىپ تۇرۇپ:
-تولا چاقچاق قىلماڭە؟ ئىززەتنىسادىن كىرگۈزگەن خەتنى ‹‹مەن يازمىدىم›› دېمەيدىغانسىز؟ - دېدى.
تۇرۇپلا خىجىل بولۇپ كەتتىم. لېكىن زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىسەم بولمايتتى. شۇڭا:
-ھە، ئىززەتنىسا خەتنى سىزگە بەردىما؟- دەپ سورىدىم.
-ھەئە،- دېدى زەينەپ ئەلەم بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ،- ‹‹ياسىن ئاكام بۇنى ساڭا بەردى›› دەپ ئەكىرىپتىكەن، ھويلىدا دادام بار ئىدى، كۆرۈپ قالغىلى تاس قالدى. ئاران دېگەندە قولىدىن ئېلىپ قوينۇمغا تىقىۋالدىم...
-قېنى شۇ خەت؟- دېدىم زەينىڭ گېپىنىڭ بىلىگە تېپىپلا،- ئېلىڭە مەن بىر كۆرەي.
-نېمە دەيسىز؟- زەينەپ چەكچەيدى،- مەن سىزگە خەت يازمىدىم دېمەكچىما؟ بۇ قانداق ئىش ئەمىسە؟ ئىززەتنىسا ماڭا يالغان گەپ قىلمىغاندۇ!؟
مەسىلە ئايدىڭ بولدى. ئىززەتنىسا دېگەن كۆك پوتلا نۇرنىساغا كىرگۈزگەن خەتنى چوڭ ئاچىسى زەينەپكە بېرىپ قويغان ئىدى. ئىسمىنى خاتا ئاڭلىۋالغانمىدۇ ياكى ‹‹قايسىسىغا بەرسەم ئوخشاش›› دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ؟ كىچىك بالىنىڭ زادى كىچىكلىكى بار-دە! ھەي توۋا، قاراپ تۇرۇپ ئۆزۈمگە ئىش تاپتىممۇ ئەمدى؟ ئۆزۈمگىمۇ ئاز، ئەتىسىگىچە تەخىر قىلىپ، خەتنى نۇرنىساغا ئۆز قولۇم بىلەن بەرگەن بولسام مۇشۇ ئىش يوق.
-يا... ياق... مەن... شۇ ... خەتنى كۆرگۈم بار... يىرتىۋەتمەي ئەكىرىپ بەرگەنمىكىن دەپ... مەنمۇ شۇ ئۆيىڭىزدىكىلەردىن ئەنسىرەپ مىڭ مۇشەققەتتە كىرگۈزۈپ...
يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ يالغان ئېيتتىم. زەينەپ سەل پەسكارىغا چۈشتى بولغاي، يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ، پاختىلىق جىلىتكىسىنىڭ يانچۇقىدىكى خەتنى ئاستا چىقاردى.
-ياق، يىرتىۋەتمەپتۇ. مانا يانچۇقۇمدا بار...
ھاۋا ئۇنچە سوغۇق بولمىسىمۇ ئۇنىڭ قوللىرى تىترەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ خەتنى ئېلىشى ھامان چاققانلىق بىلەن ‹‹كاپ›› قىلىپلا قولىدىن تارتىۋالدىم. ئۇ چۆچۈپ كەتتى ھەم ھەيران قالغان ھالدا دومسايدى:
-نېمە بۇلاڭچىدەك تارتىپ يۈرىدىغاندۇ؟ سىز ماڭا بەرگەندىكىن مېنىڭ بولدى ئۇ، مەن بەرگەندە ئاندىن ئالسىڭىز بولىدۇ ئەمدى...
ئۇنىڭ ماڭا ئەركىلەۋاتقانلىقىنى سەزدىم، بىراق، ئۇنى ئەركىسىگە قويسام بولمايتتى. كىچىك قىزىغا كۆڭلۈم تۇرسا، چوڭىنى قاش ئاتقۇزۇپ يۈرسەم قانداق بولىدۇ!؟ زەينەپنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا ئۇمۇ ماڭا خىيال تارتىپ قالغاندەك قىلاتتى. لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھېلىمۇ باشقىلار بىلىپ بولغىچە يۈزلەشكىنىمىز ئوبدان بولدى. خۇدايىم بىر ساقلىدى. ياخشى يېرى، ماۋۇ قاپاق كاللام ئىشلەپ قېلىپ، بىر ئاماللاپ خەتنى ئېلىۋالدىم. بولمىسا ‹‹خەتنى سىزگە يازمىغان›› دېسەم سەتچىلىكتىن بىرسى مەيدانغا چىقاتتى-دە، ئاچا - سىڭىل ئىككىلىسىگە سەت كۆرۈنۈپ قالاتتىم. ئەمدى ‹‹تۆگە كۆردۈڭمۇ؟›› دېسە ‹‹ياق›› دەپلا قۇتۇلىمەن. ‹‹خەت›› دېسە <<نەدە؟>> دەيدىغان گەپ، ئىسپاتى بولمىغاندىكىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، نىشان يەنىلا نۇرنىسا. مەن خەتنى ئېچىپ بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە ئۆز جايى بىلەن قاتلاپ، پاختىلىق چاپىنىمنىڭ قويۇن يانچۇقىغا سالدىم.
-ئەمدى قاراڭ،- دېدىم قولۇمنى ئىشقىلاپ ھىجىيىپ تۇرۇپ،- مەن... خەتنى سىزگە يازمىغان. باشقا بىر قىزغا يازغان خەت ئىدى. بەرگىلى ۋاقىت چىقماي، يانچۇقۇمدا تۇرۇپ قاپتىكەن. كونىراپمۇ قاپتۇ، بۇ خەتنى تاشلىۋېتىپ، كۆڭلۈم چۈشكەن ئۇ قىزغا باشقىدىن خەت يازاي دەپ ئويلىغانتىم ئۆزۈممۇ. تۆنۈگۈن كەچ قارىسام ئىززەتنىسا ئىشىك ئالدىدا ئويناپ ئولتۇرۇپتىكەن. ‹‹ئويناڭ›› دەپ بەرگەن ئىدىم. ئۇقۇشماي سىزگە ئەكىرىپ بەرگەن چېغى. خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، خاپا بولماڭ ھە!
بۇ گېپىم بىلەن زەينەپنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ بايىقىدىنمۇ بەك تىترەپ مۇشتىنى چىڭ تۈگدى.
-كاللىڭىزنىڭ سۈيى بارمۇ سىزنىڭ؟ خەتنى يېزىپسىز، ئۇكامدىن كىرگۈزۈپسىز، ئەمدى سىزگە يازمىغان دەيسىزغۇ؟ ماڭا كىرگۈزمىسىڭىز ئىززەتنىسا بىكاردىنلا ماڭا بېرەمدۇ؟
-ئۇنى مەن نېمە بىلىمەن؟- دېدىم مەن قېتىمغا ئالماي،- ئاچىڭىزغا بېرىڭ دەپ مەن دېمىدىم ئىشقىلىپ. ‹‹ئويناڭ›› دەپ بەرسەم سىزگە ئەكىرىپ بېرىپتۇ. بۇنى مەندىن كۆرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ قىزىقكىنا سىز!؟- بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ يېنىدىن تىزراق كېتىشكە ئالدىراپ قالدىم،- نەدىكى بىر ئىشلارغا يۇلۇقىدىكەن دېسە...
-بۇ قانداق بولغىنى... ئىززەتنىسا ماڭا...
-بۇ قانداق بولغىنى... ئىززەتنىسا ماڭا...
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرسام ھەم چۈشەنچە بەرسەم بولمايدىغاندەك تۇراتتى. كۈلكەم قىستاپ، ئۆزۈمنى مىڭ تەسلىكتە تۇتۇپ تۇراتتىم. زەينەپنىڭ ئەلەملىك ئۈمچەيگەن چىرايىغا قارىغانسېرى كۈلگۈم كېلىپ كەتتى. شۇ تاپتىكى ھالىتى ھەم بايىقى ئىپادىسىدىنلا ئۇنىڭمۇ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى بىلىپ قالدىم. بۇ ئىش ماڭا بەكلا قىزىق تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا كۈلۈپ سالماسلىق ئۈچۈن كېتىشكە تەمشەلدىم.
-ھەي توختاڭە... چاقچاق قىلىپ ‹‹سىزگە يازمىدىم›› دەۋاتامسىز يا؟...
-خۇدا ھەققى، سىزگە يازمىدىم. نېمە دەپ بەرسەم ئىشىنىدىغاندۇ ئەمدى!؟ مۇشۇ كەمنىڭ قىز بالىلىرى ئەرگە تەگكۈسى كېلىپ قالسا ئۆزىچىلا سۇۋۇنۇپ باقامدىغاندۇ، خۇدايا توۋا! ھەجەپ بىر...
شۇلارنى دەپ بولۇپ، چوڭ - چوڭ چامداپ ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتىم. ئىچىمدە چىداشقا قانچە تىرىشىپ تۇرساممۇ، قەدىمىمنى يۆتكىگەن ھامانلا پىخىلداپ كۈلۈشنى باشلىغان ئىدىم. نەچچە قەدەم ئېلىشىمغا كەينىمدىن ئۇنىڭ پاڭڭىدە يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە كۈنگىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىنى تىڭشاپ ئايلىنىپ يۈردۈم. نۇرنىسانىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، ماڭا بولغان مۇئامىلىسىنى كۆزەتتىم، باشقىچە ئۆزگۈرۈش بولغاندەك قىلمايتتى. دېمەك، زەينەپ بىلەن بولغان ئىشنى ئۇ بىلمىدى دېگەن گەپ. ئەمما زەينەپتە ئەھۋال باشقىچە. ئۇ ماڭا تەتۈر قاراپ، ئۇدۇل كېلىپ قالساقمۇ سالام قىلماي يەر بېقىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. قارىغاندا مەندىن بەكلا كۆڭلى ئاغرىغاندەك قىلاتتى. ھەممىدىن قىزىقى، شۇ كۈندىن باشلاپ ئىززەتنىسا مېنى كۆرسە ئالۋاستىنى كۆرگەندەك قورقۇپ قاچىدىغان، گەپ قىلساممۇ تامدەك تاتىرىپ، كۆزۈمگە تامنىڭ تۆشۈكىدەك تىكىلىپ قاراپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇنقىدەك ‹‹ئاكو›› دەپ ئەركىلەپ قويىدىغان، يەيدىغان بىر نەرسىلەرنى بەرسەم خۇشاللىق بىلەن ئالىدىغان، چۇرۇقلاپ سۆزلەپ، ۋىلىقلاپ كۈلىدىغان ئىشلىرىمۇ يوق بولغان ئىدى. قارىغاندا، زەينەپ ئىززەتنىسانىڭ خەتنى خاتا بەرگەن ئىشىنى دەپ سىڭلىسىنى تازا دىكتاتۇرغا تارتقاندەك قىلاتتى. ئىشقىلىپ ئويلىسىمۇ كۈلكە قىستىغۇدەك قىزىق ئىشلار-دە!
ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ، نۇرنىسادىن ئېشىپ قالغان ئاشۇ خەتنى ئېتىزغا ئوت ئالغىلى ماڭغان يېرىدە ئالدىنى توسۇپ نۇرنىساغا ئۆز قولۇم بىلەن بەردىم ۋە كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن كېتىپ قالدىم. خەتنىڭ مەزمۇنى بىر، بىكىتكەن ئورۇن ئوخشاش، ئەمدى نۇرنىسا جاۋاپ بېرىۋەتسىلا ئىش پۈتەتتى. ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، ئالدىنقى قېتىمقىدەك ناھايىتى ئۇزۇن بىر كېچىنى تەستە تاڭ ئاتقۇزدۇم. ئەتىسى نامازدېگەر ۋاقتى بىلەن ئالدىنقى قېتىم زەينەپ چىققان ئۆرۈك تۈۋىگە چىقسام ئىش باشقا، كۆرۈڭ ما ئىشنى! ئۆرۈك تۈۋىدە يىغلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن نۇرنىسا بىلەن ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، سامان يېگەن كالىدەك پۇشۇلدىغان ھالدا زەينەپ تۇراتتى. ئۇلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ مېڭەمدىن تۈپۈن چىقىپ كەتتى. بىراق كەلگەن ئىكەنمەن، بېرىپ سالام بېرىشىم كېرەك، غىپلا تىكىۋېتىش مۇمكىن ئەمەستە. ئەمما نېمىمۇ دەرمەن؟!...
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزلار،- دېدىم ئامال بار ئۆزۈمنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ،- بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسىلەرغۇ؟
بىسمىللىسىدا دېگەن گېپىمنىڭ قاملاشماي قالغانلىقىنى شۇ گەپ ئېغىزىمدىن چىقىپ كېتىپ بولغاندا ئاندىن ھېس قىلدىم. بىراق ئۇنى دەپ بولغان ئىدىم.
-يۈزىنىڭ قېلىنلىقىنى!- دېدى زەينەپ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ كۆزۈمگە مىختەك قادىلىپ. ئۇ مېنى گەپتە كەتكۈزۈپ قويغان ھالەتتە قويۇپ بەرمەيتتى ئەلۋەتتە،- مۇشۇ يەردە كۆرۈشىلى دەپ خەت يېزىپتىكەنلا، شۇڭا چىقىپ قالدۇق. باشقىراق يەردە تۇرساق بولاتتىكەندە ئەمىسە؟
-بولدى قىلە...- نۇرنىسا زائىپ بىر ئاۋازدا ئىڭرىغاندەك سۆزلىدى. ھەممىنى چۈشەندىم. ئاچا-سىڭىل ئىككىسى مۇشۇ ئىشنى دەپ ئۇرۇشۇپ قالغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟
-ھەي، سىز زادى قانداق نېمە؟ ھېلى ماڭا، ھېلى سىڭلىمغا خەت يېزىپ نېمە قىلماقچى زادى؟
-مەن... بۇ...
تىلىم كالۋالىشىپ، پۇت-قوللىرىم تىترەشكە باشلىدى. دۇنيادا مۇنداقمۇ سەتچىلىك بولىدىكەنغۇ تېخى. قانچە ئەسلىسەممۇ بۇنىڭدىن قىيىن بىرەر كۈننى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.
-چۈشەندۈرۈڭە ياسىن، زادى قانداق ئىش بۇ؟...- نۇرنىسا شۇنداق دەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ يەنە جىم تۇرسام ياخشى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
- بۇ مۇنداق گەپ،- دەپ سۆز باشلىدىم مەن زەينەپكە قاراپ،- ئەسلىدە نۇرنىساغا كۆڭلۈم بارئىدى، ئۇنىڭغا سالام خەت يازغان ھەم ئىززەتنىسادىن كىرگۈزۈپ بەرگەن ئىدىم. لېكىن ئىززەتنىسا خەتنى سىزگە بېرىپتۇ. سىز بۇنى بىلمەي مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. كەچۈرۈڭ زەينەپخان، مېنىڭ سىڭلىڭىزغا ئۆيلەنگۈم بار، كۆڭلۈم چۈشكىنى سىز ئەمەس...
شۇ گەپنى دەپ بولغىچە بېشىمدا نەچچە تۈگمەن پىرقىرىدى. قىينالساممۇ ھەر ھالدا ئېنىق چۈشەنچە بەردىم. گەپلىرىمنى ئاڭلاپ زەينەپ سىڭلىسىغا يەۋەتكۈدەك سەت ئالايدى ۋە ماڭا ئوبدان بىر قارىۋېتىپ يەرگە ‹‹شالاققىدە›› بىرنى تۈكۈرگەندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. ئۇف، ھەر نېمە دېگەن بىلەن بۇ ئوڭايسىزلىقتىنمۇ ئۆتتۈم.
زەينەپ كەتتى، نۇرنىسا تېخىچىلا خىتىلداپ يىغلاپ، ئاچىسىنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇراتتى.
-ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارما؟- سورىدىم نۇرنىسادىن.
-ھەممىنى قىلغان سىز، نېمە بار ئىدى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئوغرىدەك تىمىسقىلاپ يۈرۈپ، ئاچام سىزنى كۆرۈپ قېلىپ كۆزىتىپ يۈرۈپتىكەن. ماڭا خەتنى بەرگىنىڭىزنىمۇ كۆرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئارقامدىن بېرىپتۇ. قولۇمنى مورلاپ تۇرۇپ خەتنى تارتىۋالدى... ئۆتكەندە ئوتتۇراڭلاردا بولغان ئىشنى دەپ بەردى... ھەجەپمۇ بىر... دىققەت قىلسىڭىز نېمە بولىدۇ...
توۋا ماۋۇ قىزىقچىلىقنى. زەينەپنىڭ راستىنلا ئىچىگە ئېلىپ كېتىشىنى نەدىن بىلەي؟
-ئەمدى قانداق بولار؟
-نېمىسى قانداق بولىدۇ، ئاچام بۇ ئىشنى ئانامغا دەپ قويىدۇ. ئەمدى ئىش ئوخشىدى. مەن تۈگۈدۈم...- نۇرنىسا شۇنداق دەپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى. ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە ئەمدى يېنىۋېلىشقا بولمايتتى. زەينەپ بۇنچىلىك ئاچچىقلىغان ئىكەن، بۇ ئىش تېرىلىپ كەتمەي قالمايدۇ. ئىشلار بەرىبىر شۇنداق بولىدىغان بولغاندىكىن ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرۇپ، چوقۇم نىشانغا يېتىش كېرەك. مەيلى ئىشلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نۇرنىسانى ئالغىنىم ئالغان!
-نۇرنىسا، بىز قانداق قىلىمىز؟ ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولارسىزمۇ؟
قېلىنلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ئىشقا سالدىم.
-ۋاي توۋا بۇنى، ‹‹قاسساپ ياغ قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا›› دەپ، مەن ئۆيدە بولىدىغان جىدەلدىن قورقۇپ تۇرسام خىيالىڭىزدا يوق گەپ قىلىسىزغۇ؟...
-خاتىرجەم بولۇڭ،- دېدىم مەن ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ،- سىزلا ماقۇل دېسىڭىز مەن ئۆيۈڭلارغا ئەلچى كىرگۈزىمەن. ئۇ چاغدا ھېچكىم ھېچنېمە دېيەلمەيدۇ. قورقىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
-ھە...- نۇرنىسا كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا تاتلىققىنە كۈلدى،- شۇنداقمۇ بولارمۇ؟
مانا تاماشا، ئەتىسىدىن باشلاپ نۇرنىسا كۆزۈمدىن ئۇچۇپ كەتتى، زەينەپ بولسا بوينىنى غازدەك سوزۇپ، يىراقتىن كېلىشىم بىلەنلا غىڭشىپ ناخشا توۋلاپ ‹‹قانداقكەنمەن›› دېگەندەك قاشلىرىنى ھىمىرىپ قاراپ تۇرىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئاز كەلگەندەك، ھازىرقى قېينانام، يەنى-نۇرنىسا، زەينەپلەرنىڭ ئانىسى ئىمانىخاچام مېنى كۆرسىلا يەۋەتكۈدەك قاراپ، ئالىيىدىغان بولۇۋالدى. دەل بىر ھەپتە شۇنداق ئۆتتى، بۇ بىر ھەپتىنىڭ ئۆتمىكى ماڭا شۇنچىلىك تەس تۇيۇلدىكى، بىر يىلمۇ بۇنچىۋالا تەستە ئۆتمەس دەپ ئويلاپ كەتتىم.ھەپتىدىن كېينكى بىر كۈنى نۇرنىسا چىرايى سۇلغۇن بىر ھالەتتە ئېتىزغا كېتىۋاتقىنىدا ئۇچراپ قالدى. ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ ئادەم يوقلىقىغا كۆزۈم يەتكەندە ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇدۇم. ئەمما ئۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، مېڭىشقا ئالدىرىدى. ئۇنى قىيىن ئەھۋالدا قويماسلىق كېتىشىگە يول قويدۇم. ھەمدە كەينىگە چۈشۈپ ئېتىزىغىچە باردىم. كۆزىگە كىرىۋېلىش ئارقىلىق شۇلارنى بىلدىمكى، زەينەپ ئارىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئانىسىغا دەپتۇ ھەمدە سىڭلىسىنى بولۇشىغا چېقىشتۇرۇپ، مەن بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگەن قاتارغا چىقىرىپ بوپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان جانابىي قېينانام ئىمانىخاچام نۇرنىسانى بىر ھارغۇچە تىللاپ، ھەپتىگىچىغە ئۆيگە سولاپ قويۇپ، يەيدىغان - ئىچىدىغىنىنى ئەكىرىپ بېرىپ بېقىپتۇ. ئۆيدىكى ئىشقا يارايدىغان بىرسى بىكارلىق يەپ - ئىچىپ ياتقىنى بىلەن، ئېتىز ۋە ئۆي ئىشىغا يېتىشىپ بولالمىغان قېينانام ئاخىرى نۇرنىسانى يەنە بىر پەدە دۈشكەلىگەندىن كېيىن، سولاپ قويغان ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن ئالاقە قىلماسلىق، ئۇدۇل كېلىپ قالساقمۇ سالاملاشماسلىق، ئۇچرىشىپ قېلىپ گەپ قىلغۇدەك بولسام يۈزۈمگە تۈكۈرۈپ ھەيدىۋېتىش توغرىلىق سۆزلەپ قۇلىقىغا قۇيىۋېتىپتۇ. نۇرنىسا سىرتقا چىققۇدەك بولسىلا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ كەينىدە بىرەر كۆز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر مەن بىلەن كۆرۈشكىنىنى بىرەرسى كۆرۈپ قالغۇدەكلا بولسا ئانىسىدىن دەشنام يېيىشىدىن قورقىدىكەن. شۇڭا بايا ماڭا قارىماي ئۆتۈپ كەتكىنىمىش. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكلا ھەيران قالدىم. ئالدىمدا تولىمۇ قىيىن بىر داۋان بارلىقىنى ھېس قىلدىم. نۇرنىسامۇ شۇلارنى دەۋېتىپ يامغۇردەك تۆكۈلۈپلا كەتتى. ئۇنىڭ ماڭا قىيالماسلىق بىلەن باققان ئۇياتچان كۆزلىرى ئۇنىڭمۇ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى سۆزلەپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم ھەمدە قانداقلا قىلسام قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىقىمنى، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شەرتلىرى بولسىمۇ ئىمانىخاچام ۋە مىجىتاخۇنكاملارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، يۇرتتا كاتتا ئاش تارتىپ توي قىلىدىغانلىقىمىزنى دېدىم. گەرچە بۇلار پەقەت ئارزۇ بولۇپ، ئىشقا ئېشىش ئاشماسلىقى ھازىرچە قاراڭغۇ بولسىمۇ نۇرنىسا گەپلىرىمنى ئاڭلاپ تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. مەن ئەھدىمىزدە چىڭ تۇرۇش، ئانىسىنىڭ ئانچىكى قۇرقۇتقانلىرى بىلەن ئىرادىسىدىن تەۋرىنىپ قالماسلىق، كەلگۈسىدىكى بەختلىك ئائىلىمىز ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە ئازراق جاپاغا بەرداشلىق بېرىش، تويىمىزنى قىلىۋالساقلا ھەممە ئىشنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى تەسىرلەندۈرۈپ بايىقىدىنمۇ بەكرەك يىغلىتىۋەتتىم. ئۇنىڭ ئاغزىدىن <<ماقۇل>> جاۋابىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن كۆڭلۈم سەلگىنە بولسىمۇ تىندى. شۇنچىلىك بولسىمۇ كۆرۈشكىدەك پۇرسەت چىققىنىغا خۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ بىردەمدىلا تۈگۈتىۋەتتىم ھەمدە ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۆيگە بېرىپلا ئاتا - ئانامغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، نۇرنىساغا ئەلچى كىرگۈزۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرۈپ كەتتىم.
----Comments(1)----
bahtim33 (@bahtim338) |
@ at 2015-03-18 05:45:
..... داۋامى بار
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N