شىئېر قار سىراش

2015-03-24 10:29:26 -0400
قار ياغمايدۇ تەكلىماكاندا!
قارسىرايمەن قۇم ئارىسىدا
قۇملار ياغار لەىپلدەپ
مەن ماڭىمەن تەنھا ئۇ جايدا...

قارسىرىدىم،
قارنى ئېلىپ پۇرىغۇم كەلدى
قار يېڭى تىلغان تاۋۇزغا ئوخشايدۇ
-دېدى ئاپام تىلىفۇندا...
تىلىفۇنغا قارىدىم ئۇزاق،
قار كۆرۈنمەس، ئاپام كۆرۈنمەس
ئاڭلاپ ئاپامنىڭ ئاۋازىنى
پۇراق بۇرنۇمغا پۇرىدى ئەمما

يوتقاندەك-يوتقاندەك قارلار يېغىپتۇ
دەيتتى دادام سوغۇقتا توڭلاپ
يوتقنىمنى چىڭ يېپىنىپ
يوتقاندەك قارنى قالاتتىم ئويلاپ

قار يېغىۋاتىدۇ
قۇم قار يېغىۋاتىدۇ خىيالىمدا
مەن بىر تال قار دانچىسىغا ئايلاندىم
تەكلىماكان بىر قار يوتقىنى
مەدەنىيەتنى ياتقان باغاشلاپ
مەن بىر تال قار دانچىسى
تەكلىماكاننى قالدىم قۇچاقلاپ

قارسىرىدىم، يېغىڭلار قارلار
خىيالىمغا ياكى ئوڭۇمغا
مەن قار ئاستىدا قالساممۇ مەيلى
قاردا ماڭاي تازا غىچىلداپ
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N