شېئىر: قاغا بولۇپ قالمىغىن سەنمۇ
2015-03-24 11:33:11 -0400
قاغا بولۇپ قالمىغىن سەنمۇ
شىرئەلى مۇھەممەتئىمىن قارائوت
كۈنلەر غېرىب، تۈنلەرمۇ غېرىپ،
يۈرىكىمنى كېتىپسەن ئېلىپ.
ئادەتتىكى ئىشقۇ سەن ئۈچۈن،
ئۆلىۋالسۇن بىرسى ئېسىلىپ.
قۇشقا ئوخشاش سەكرەش خۇيۇڭ بار،
سەكرىشىڭگە دۇنيا كېلەر تار.
بەخىت گۇيا مەڭگۈ سېنىڭدەك،
سۆيگۈ بەرسە ھەسرىتىڭ يانار.
قاغىمايمەن ۋە لېكىن سېنى،
قاقىلدارغا قاغا ئەمەسمەن.
قاغا بولۇپ قالمىغىن سەنمۇ،
خەلق دېگەن ئۇستا بىر مەرگەن.
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N