كىرىپ قاپسەن دادا چۈشۈمگە

2015-03-24 12:15:34 -0400
كىرىپ قاپسەن چۈشۈمگە دادا،
كۈلۈپ تۇرار كۆزۈڭ قۇياشتەك.
ساقاللىرىڭ شۇنچىلىك رەتلىك،
گۇيا بىرسى تاراپ قويغاندەك.

يۈزلىرىڭدە قورۇقمۇ يۇقتۇر،
ياپياش پېتى تۇرۇپسەن يەنە.
ئەركەپ كەبى ياشىدىڭ، شۇڭا-
ياراپ قالدىڭ بەلكىم ئىگەمگە.

تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى پەقەت،
دادا، دادا...
ۋاقىرىدىم شۇنچىلىك ئۈنلۈك،
تىترەپ كەتتى يەر- زېمىن ھەتتا.

كېچىك بالا ئەمەسمەن بۈگۈن،
بۈگۈنىمنى كۆرمىدىڭ دادا.
شۇنچە ئىگىز ئۆرلىشىم ئۈچۈن،
كۈندە ماڭا قىلدىڭمۇ دۇئا.

قاپقارىغۇ چاچلىرىڭ تېخى،
ياش تۇرۇپلا ئاقاردى چېچىم.
كۆرۈپ ھەيران قالمىغىن دادا،
سېنىڭ غېمىڭ، مېنىڭ ھەسرىتىم.


مەنمۇ سەندەك ياشايمەن كۈندە،
قېرىمايمىز سەن تۇرغان يەردە.
ئەنسىرمىگىن ئانام، ئېنىمدىن،
چاندۇرمايمەن يوقلىقىڭنى ھېچ،
بىر غېرىچ جان قالغۇچە تەندە.
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N