يۈرەكنى بىرىش

2015-03-24 12:17:42 -0400
قارنى سېغىندىم قىراۋنى كۆرۈپ،
ساڭىلا ئوخشايتتى ئۇنىڭ ئاقلىقى.
ۋە لېكىن ئەمەستىڭ ئۇنىڭدەك سوغۇق،
سېنىلا تارتقانتى ئۇنىڭ پاكلىقى.

ئۇنىڭدەك تويۇقسىز پەيدا بولاتتىڭ،
ئۇنىڭدەك تويۇقسىز يۈتمەيتتىڭ بىراق.
ئۇنىڭدەك سۆيۈملۈك ئىدىڭكى شۇنچە،
ئۇنىڭدەك ئىنتىزار قىلاتتىڭ ئوزاق.


ئۇنىڭدەك ھەممىگە ياغمىغىن ئەمما،
مەن سېنىڭ ئاسمىنىڭ، زېمىنىڭ بولاي.
يېغىپ تۇر ھەر كۈنى قىشتىلا ئەمەس،
يۈرەككە سېنىلا لىپ- لىق تولدۇراي.

تەۋسىيە
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N