بىر قىزغا
2015-03-24 13:50:55 -0400
بىر قىز
سىز جەمىيەتتە، تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇچۇرىتىسىز. ئۇلارنىڭ بەزىسى سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرسا بەزىسى ئۆزى بىلەن تەڭلا يۇقايدۇ. بەزىسىنىڭ چىرايىدىن چىڭقىلىپ تۇرغان بىر بەخىت تۇيغۇسىنى كۆرسىڭىز بەزىسىنىڭ چىرايدىن ھېلىلا تۈكۈلۈپ كىتىدىغان قايغۇنى كۆرىسىز.
بىر ئادەملەرنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭ قايسى ئۆتتا كۆيىۋاتقىنىنى ھېس قىلسىڭىز بەزى ئادەملەرگە قاراپ ئۇنىڭ قايسى دەريادا ئېقىۋاتقىنىنى ئازراقمۇ سىزەلمەيسىز. نىمىشقا، بۇ يەردىكى سىر دەل ئۇ كىشىنىڭ كۆيگەن ئۇتىدا سىزمۇ كۆيىۋاتقان بولسىڭىز ياكى كۆيۈپ باققان بولسىڭىز ئۇنىڭ بىرە قەدەم ئېلىشى، بىرە تىنىق تىنىشى، بىر قېتىم قارىشىدىن ئۇنىڭ يۈرىكىدە قانداق ئوتلارنىڭ كۆيىۋاتقىنىنى ھېس قىلالايسىز .
ئاغىنەم بىلەن خېرىدارلارنىڭ تېلفۇنلىرىنى كۆرگەچ گۇڭ-مۇڭ پاراڭ بىلەن ئولتۇرساق بىر قىز كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى قولىدىن ئالغاچ چىرايىغا بىر سەپ سېلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن نىمە مەسىلىلەر بارلىقىنى سورىدىم ۋە بىردەم ۋاقىت كىتىدىغانلىنى ئېيتتىم.
ھەرقانداق خېرىدار دەسلەپ كىرگەندىكى پۇزۇتسىيەسى ئاساسەن بىر خىل بۇلىدۇ. ئەمما، كىرىپ بۇلۇپلا ئاندىن ئۆزىنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پاراڭ قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما، بۇ قىزنىڭ يېشىدىكى قىزلارنىڭ كۆپ قىسمى شوخلۇق، تەنتەكلىك، ھاياجانلىق پۇزۇتسىيەدە بۇلىدۇ. بىزمۇ زۆرۈل گەپلىرىگە قولاق سېلىپ قۇيۇپ ئىشىمىزنى قىلىۋىرىمىز.
ئۈستىدە پاراڭ قىلغىنىمزىدەك بۇ قىز ماڭا بىۋاستە تەسىر قىلىشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ ئولتۇرىشى، قارىشى، مېڭىشى، كىيىملىرىگە قارىتا تەپسلى كۆزىتىشكە باشلىدىم. ئەگەر ئۇنىڭ چىرايى يېشىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكى ئەسكەرتىپ تۇرمىسا ئۇنىڭ .ئېغىر-بېسىق، سالماق، تەمكىن پۇزۇتسىيەسى سىزنى 40 ياشلىق ئايال بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندىمەنمۇ دېگەن تۇيغۇغا كەلدۈرۈپ قۇيىدۇ.
ياش بىر قىزدىكى بۇنداق تەمكىنلىكنىڭ كەينىدە تەسىرلىك بىر ھىكايە بۇلىدۇ بۇنى مەن ئۇبدان چۈشىنىمەن. چۈنكى، مەنمۇ شۇنداق كۈننى كۆرەپ باققان. بولمىسا بۇياشتىكى قىزغا بۇنداق تەمكىنلىكنى دەرىس قىلىپ ئۆتۈپمۇ ئۆگەتكىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ قاراشلىرىن سىزنىڭ چىرايىڭىزغا ئەمەس روھىڭىزغا قارىغاندەك تۇيغۇدا بۇلۇپ قالىسىز. كۆزىنىڭ ئىچىدە شۇنداق بىر چوڭقۇرلۇق بار ئىكەنكى ئۇنى يا دەريا ياكى دېڭىزغا ئوخشىتىشقا بۇلىدۇ.
دوكانغا كىرگەن خېرىدارلار ھەممىسى ئەينەككە قارايدۇ. ئەينەكنىڭ كەينىدىكىنى كۆرگۈدەك ياكى ئۇنىڭغا قارىغۇدەك دانالىق ئۇلاردا ھازىرلانمىغان بۇ قىزنىڭ ئەينەككە سىنچىلاپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئەينەكتىن بىرە نەرسىنى كۆرگەن بولسا كېرەك دېگەن ئىدىم. ئەمما، ئۇنىڭ ئەينەكنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىگە، تەبىئەتكە قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم.
دەپ بېقىڭلارچۇ كىملەر ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن زامانىۋېى تېخنىكىنىڭ نەمۇنىسى بولغان ئالما مەھسۇلاتلىرى بولغان دۇكاندا دىققتىنى يىغىپ ئەينەكنىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا نەزەر سالالايدۇ.
دىمەك ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۈزى، ھەربىر ئىش ھەركىتى مەندە قىزغىن تەسىر قالدۇماقتا ئىدى.
ئۇنىڭ ۋېيشىنىسىنى قۇشۇۋالدىم. ئەلۋەتتە تېلفۇنى قۇلۇمدا بولغاندىكىن تەس ئەمەستە . . .
ئەمما مىجەزى بەك سۇغۇق ئىدى. گەپ قىلسام كۆڭۈل ئاياش دىگەننى قايرىپ قۇيۇپ ئۇدۇللا ياق، بولمايدۇ دەپ جاۋاپ بىرەتتى. ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ بۇنداق سۇغۇق ئەمەسلىكىنى، ئۇغۇللارغا بۇنداق سۇغۇق بۇلۇۋېلىشنى جەمىيەت ئۆگەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇراتتىم. ئۇنىڭدا كۆيۈپ تورىدىغان بىر يۈرەك بارئىدى. ئەمما، ئۇ يۈرەكنى قوغداش ئۈچۈن مۇزدەك سۇغۇقنىڭمۇ زۆرۈللىكىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى. مانا بۇ مۇھەببەتتە زەربە يىگەنلەردە ئورتاق كۆرىلىدىغان پىسخىكا ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ سىرلىرىنى بىلىشتىن، ھىكايىسىنى ئاڭلاشتىن ۋاز كەچمىدىم. بەك قاتتىق گەپ قىلىۋەتسە بىرە ئىككى كۈن قەيداپ يۈرۈپ يەنە گەپ قىلدىم.
كىيىن بىرپۇرسەتتە بېشىدىن ئۆتكەزگەن ئىشلىرىنى قىسقىلا سۆزلەپ بەردى. مىنىڭ ھېس قىلغىنىم ئازراقمۇ خاتا ئەمەستى. جەمىيەت ئۇنىڭ سەبىيلىكى، ئاق كۆڭۈللۈكىگە قاتتىق بىر شاپىلاق سېلىۋەتكەن ئېدى.
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ بىر تىكەن گۈلگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
ئۇ ئاق كۆڭۈل، چىدامچان، كەسكىن، غۇرۇرلۇق ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئارلىشىش دائىرىسى، خىزمەت ئورنى سەۋەپلىك ئەتىراپىدا ناچار ئادەملەر سەل جېقىراقتەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. بۇ خۇددى ھەرقانچە ئاق پاكىزە ئاققۇنىمۇ ئېغىلغا سۇلاپ قويسا قارىداپ قالغاندەك ئىش ئىدى.
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ دوستى بۇلۇپ قالدىم. كىيىن ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا ماڭا ياردەم قىلدى. باشتا دىگىنىمدەك ئۇنىڭ بىلەن مىنى يېقىن قىلغان نەرسە دەل ئىككىلىمز ئوخشاش كۆيۈپ باققان ئوت ئېدى. بىز بىرقىسىم ئىشلاردا تەقدىرداش ئىدۇق. ھېچ بولمىغاندا ئوخشاش بىر قىسمەتنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان.
ھايات يۇلى ئۇزۇندۇر، بۇ يولدا بىر نىيەتتىكىلەر، تەقدىرداشلار ئۇچۇرشىدۇ ۋە ھەمنەپەس بۇلۇپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. گەرچە بىر قوساقتىن چۈشسىمۇ تەقدىرداش بولالمىغانلار شۇتىنىڭ ئىككى بالدىقىدەك مەڭگۈ بىريەرگە كېلەلمەيدۇ.
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N