رەنجىشىم يوق
2015-03-24 13:56:32 -0400
رەنجىشىم يوق
ئاغرىنىشلار داۋا ئەمەس دەرتلىرىمگە،
ئەسقاتمىغان يىقىنلاردىن رەنجىشىم يوق.
باھار كەتتى سۈزۈك سۇنى كۆرەلمىدىم،
ئەگىز ئاققان ئېقىنلاردىن رەنجىشىم يوق.
سەۋەپلەرگە كۆنۈپ قالدىم تولا ئاڭلاپ،
قانائەتسىز جاۋاپلاردىن رەنجىشىم يوق.
تەغدىرىمنى يىزىپ بەرمەس ئۆزگى ئىنسان.
پۈتۈلگەن شۇ ئازاپلاردىن رەنجىشىم يوق.
پاك سۆيگۈمگە ۋاپاسىزدۇر بەزى بىرلەر ،
كۆڭلى قارا بىر نادانغا رەنجىشىم يوق.
قىلدى غەيۋەت ئاڭلىمايدۇ قۇلقى دەپلا،
دىلى زەھەر بىر يامانغا رەنجىشىم يوق.
ھەر ئادەمنىڭ ياخشى كۈندە دوستى تولا،
ئېغىر كۈندا ياتلاشقانغا رەنجىشىم يوق.
ئاشكارلايدۇ تۈلكە مىجەز ھەرچاغ ئۆزنى،
ساختا نىقاپ چاپلاشقانغا رەنجىشىم يوق.
ئەسقاتمايدۇ نائەھلىلەر زۇلۇم كۆرسەڭ،
قىممىتىمنى بىلمەي ساتسا رەنجىشىم يوق.
يىقىنلاردىن كەلگەن راھەت ھىجران بولسا،
يات بىرىلەر ئوقيا ئاتسا رەنجىشىم يوق.
ئىلاجىم يوق چۈشەنمەستىن ئەسكى دىسە،
مەن بىر كىتاپ ئوقىمىسا رەنجىشىم يوق.
ئوقىغانلار بىلىپ تۇرۇپ مەردلىكىمنى،
نامەرتلەرچەر كۆزنى يۇمسا رەنجىشىم يوق.
دوستتىن كەلگەن نامەرتلىككە كۆنۈپ قالدىم،
رەقىپ ھامان ئاشكار دۈشمەن رەنجىشىم يوق.
ئاق كۆڭۈللۈك زىيان بولدى ماڭا ئاخىر،
مەن سۆيگەنلەر ئاتتىغۇ ئوق رەنجىشىم يوق.
بۇلاق بولدۇم تەشنالىقتا چاڭقىغانغا ،
مەن چاڭقىسام دەريا قۇرۇق رەنجىشىم يوق !
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N