پوۋېست ، ھاراملىقنىڭ داۋامى

2015-03-18 06:47:38 -0400
ئاتا-ئانام نۇرنىسا ھەققىدىكى گەپلىرىمنى كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى. ئاڭلىغاندىمۇ ھەر بىر گېپىمنى يادلاپ ئېيتىپ بېرەلىگۈدەك بىر ھالەتتە زەڭ سېلىپ ئاڭلىدى. دادام بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز يوتىلىرىغا شاپىلاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
-يارايسەن بالام، داداڭنى تارتىپسەن يىگىتىم. ياش چاغلىرىمىزدا مىجىتاخۇن بىلەن ئاناڭنى تالىشىپ قېلىۋىدۇق. ئەمدى سەن مىجىتاخۇننىڭ قىزىنى كۆندۈرىۋالغان بولساڭ، بۇمۇ بولغىنى. بىر ئېغىز گەپ-ئاغزىڭدىن چىققاننى ئېلىپ بېرىمەن،- دېدى. بىراق ئانام ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ قازناق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. گەپ شۇ يەرگە خۇلاسىلاندىكى- دادم قوشۇلغان ئىشقا ئانامنىڭ ‹‹ياق›› دېيىشى يوق گەپ ئىدى.
ئۆيدىكىلەرنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلشى ئاسانغا توختىغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەندىشىسى بار ئىدى. ئەگەر مۆھتەرەم سىكرىتارىمىز ياش چاغلىرىدىكى ئاداۋەتنى غەلۋىردە سۈزۈپ چىقىپ، قىزىنى ماڭا بەرمەيدىغان قاتارغا چىقسا قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئەلۋەتتە دادامنىڭ ئەندىشىسى ئىدى. شۇڭا نۇرنىساغا بولغان ‹‹تەربىيە›› نەچچە ھەسسە كۈچەيتىشكە توغرا كەلدى. دېيىشىۋالغىنىمىز بويىچە شام ۋاقتى بىلەن مەھەللىمىزدىكى كۆل بويىدا، چۈش مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى چوڭ ئۆرۈك تۈۋىدە كۆرۈشۈپ كېلىۋاتاتتۇق. چوڭ ئۆرۈك تۈۋى غىچچىدە ماندالار غۇژمەكلىشىپ ئۆسۈپ كەتكەن ئالۋاستى ئۆڭكۈرىدەك قورقۇنچلۇق بولۇپ، قارىماققا راستىنلا ئالۋاستى ئۆڭكۈرىگە ئوخشاپ كەتكەچكە ئادەمنى سۈر باساتتى. يېنىدىن ئۆتكەنلەرمۇ ئايەت ئوقۇپ ‹‹سۈف، كۆچ›› لىگەچ تىترەپ تۇرۇپ ئاران ئۆتەتتى. شۇڭا، زورۈرنىڭ زەخمىتى بولمىسا بۇ يەرلەرگە ئانچە بىر كىم كەلمەيتتى. مەن نۇرنىساغا يازغان خەتكە سوغۇق مېھمان بولۇپ زەينەپ، ئارقىدىن كۆزلىرىنى قىزارتىپ نۇرنىسا چىققىنى بىلەن باشقا قىزلار بولسا مەندىن ۋاز كەچسە كېچەتتىكى، بۇ يەرگە ھەرگىز كەلمەيتتى. بىراق نۇرنىسا بىلەن زەينەپ كىچىكىدىن بۇ ماندالىقنىڭ ئەتراپىدا ئويناپ چوڭ بولغاچقا ئانچە قورقۇپمۇ كەتمەيتتى. نۇرنىسانى ‹‹بۇ يەرگە ھېچكىم كەلمەيدۇ›› دەپ مۇشۇ يەردە كۆرۈشۈشكە ماقۇل قىلغان ئىدىم.
ئەلچى كىرگۈزۈش ئىشىدا يۇقۇرقى ئەندىشىلەرنى نۇرنىساغا دەپ ئۆتمەي بولمايتتى. شۇڭا بىر كۈنى نۇرنىسانى ماندالىقنىڭ ئىچكىرىسىگە تارتىپ تۇرۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا ئاتا - ئانامنىڭ ۋە مىجىت سىكرىتارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىپ بەردىم. ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالدى. ‹‹توۋا!...›› دەيتتى ئۇ بەزى گەپلەرگە ئەقلى يەتمەي ھەيران بولۇپ. شۇنداق قىلىپ ئەھدىنى چىڭ قىلىش، قانداقلا ئىش بولسىمۇ ۋەدىگە خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا تەربىيەنى يەنە بىر ھەسسە تولغاپ تۇرۇپ چىڭىتتىمدە، مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ يولغا سېلىپ قويدۇم.
كەچلىكى ئاتا - ئانام ۋە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامىنى ئېلىپ مىجىتاخۇن سىكرىتار، يەنى ھازىرقى قېيناتامنىڭ ئالدىغا ئەلچىلىككە كىرىپ كەتتى. يۇرتىمىزنىڭ قائىدىسە قىز سوراپ كىرگەندە ئوغۇل بىللە ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولغاچقا كۆزۈمنى تۆت قىلىپ ئىشىكىمىز ئالدىدا ساقلاشقا توغرا كەلدى. ئالاھەزەل، بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە ئەگۈن دىرىقشىپ ئېچىلىپ، دادام بىلەن ئانام كىرىپ كەلدى. ئىمام ئاخۇنۇمنى يولدىنلا ئۇزىتىپ قويغان بولسا كېرەك، ئۇ كۆرۈنمەيتتى. دادامنىڭ ئېغىزىغا قاراپ نېمىنىدۇر دېيىشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇراتتىم. ئۇلارنىڭ قىز سوراققا نېمە دەپ جاۋاپ بەرگىنىنى بىلىشكە ئالدىرايتتىم. بىراق، دادام گەپ - سۆز قىلماستىن ئەگۈننى ئەتتى ۋە ئانامنىڭ كەينىدىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. تىت - تىتلىق ئىچىدە ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردىم. كىرسىن چىراقنىڭ يورۇقىدا ئۇلارنىڭ چىرايىدىن يېغىپ تۇرغان خاپىچىلىقنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاغرىغاندەك بولدى. كۆڭلۈم تۇيغان ئىدى، باشتىلا مۇشۇنداق سوغۇق داستىخان بىلەن ئۇزاپ قالىدىغانلىقىنى ئاتا - ئاناممۇ پەملىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغىنىنى كۆرۈپ مەنمۇ چىدىمىدىم.
-قانداق قىلىمىز بالام؟ ‹‹نۇرنىساخاننىڭ بېشى باغلاقلىق، خاپا بولۇشمىسىلا›› دەپ يولغا سالدى. قانچە گەپ قىلىپ باقساقمۇ ئېرىيدىغاندەك ئەمەس،- دېدى ئانام ئۇھ تارتىپ قويۇپ.
-يوق گەپ،- دېدى دادام شاپاق دوپپىسىنى تىزىغا كەيدۈرۈپ قويۇپ،- قىزىغا سۆز سالدۇرۇپ قويغان بىرەرسى بولسا ھېلىغىچە ئىس - بۇسىنى پۇرىماي قالارمىدۇق؟ ئۇلارنىڭزە، قىزىنى بىزگە بەرگۈسى كەلمىدى. ئاداۋىتى ھەجەپ يامان تازكىنا بۇ! قارا بالام، ئوغۇل بالا دېگەن قىلىمەن دەپ نىيەت قىلغان ئىشىنى چوقۇم قىلىشى كېرەك. ئات بېشىدەك ئالتۇن كەتسىمۇ كۆڭلۈڭ چۈشكەننى چوقۇم ئېپ بېرىمەن،- دادام پەخىرلىنىپ تۇرۇپ مەيدىسىگە مۇشتلىدى،- مېنىڭ ئوغلۇم مەن قىلغاننى قىلالمىسا بۇنداق بالىنى ‹‹مەن تاپتىم›› دەپ يۈرەلمەيمەن جۇمۇ! قاراپ تۇر، نۇرنىسەكنى ئاشۇ مىجىتەكنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئالىمىز!
ھەممىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
ئىش ئوخشىدى. ئەلچىلىك سۇغا چىلاشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ نۇرنىسا يەنە قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەكلا يوقاپ كەتتى. ئۆينىڭ ئەتراپىنى ئەگىپ يۈرۈشلەر، ئىززەتنىسادىن سوراپ سۈرۈشتە قىلىشلار، ئىمانىخاچامغا خۇشامەت قىلىپ ھىجىيىپ، سۇۋۇنۇشلار بىكارغا كەتتى. زەينەپ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قاچقانسېرى دائىملا شۇ كۆرۈپ قالاتتى. ئاندىن زەھەردەك ئاچچىق، ھىڭدەك سېسىق گەپلىرى بىلەن چېقىۋېلىپ، ئۆزىچە قاقاقلاپ كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتەتتى. ‹‹خەپ›› دەيتتىم ئىچىمدە. نۇرنىسانىڭ بىرەر خەۋىرىنى بەرگەن بولسا دەسسەپ مىجىۋېتىپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلى دەيتتىم-دە!
نۇرنىسا يوقاپ كېتىپ ئون كۈن بولاي دېگەندە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامىنىڭ ئايالى بۈسارە خېنىم ئانامغا ‹‹مىجىتاخۇنلارنىڭ قىزى نۇرنىساخاننى بىزنىڭ چوڭ ئوغۇلغا بەرگۈسى باركەنمىش، شۇ توغرىلىق گەپ پۇرىتىپتۇ. نۇرنىساخان سىلەرنىڭ ئوغۇل كۆز سالغان قىز بولغاچقا بىز ئارتۇق بىر نەرسە دېمىدۇق. قالغىنىنى بىر مەسلىھەتلىشەرمىز›› دەپتۇدەك. كۆرۈڭ ما ئىشنى. ‹‹ئىگىلەپ قويغان ئادەم بار›› دەپ بىزگە بەرمەيدىكەنۇ، ئىمامنىڭ ئوغلىغا ئۆزى خىرىدارلىق قىلىپ بارىدىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىرۋام قىرىق گەز ئۆلىدى. ھېلىمۇ ياخشى دادام توسىۋالدى، بولمىسا ياشلىقىمغا ئېلىپ، بىرەر ئىش چىقىرىپ قويغىلى تاس - تاماس قالاتتىم. خەيرىيەت، ئىشلار شۇنداق بولدى. ھەر نېمە دېسەممۇ ئاۋال نۇرنىسا بىلەن بىر كۆرۈشۈپ، ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى بېسىشىم كېرەك ئىدى. داداممۇ ئانامنى تارتىۋالغان چاغدىكى ئىشلىرىنى سۆزلەپ، كاللا ئىشلىتىش، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش توغرىلىق جېق تەربىيە قىلدى. بۇنداق چاغلاردا ئانام ھېچنېمە دېمەي كۈلۈپلا قوياتتى.دادامنىڭ دېيىشىچە قانچە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ مىجىتاخۇن سىكرىتارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسام بولماسمىش. خۇدايىم نىسىپلا قىلسا ئۇ ماڭا قېيناتا بولارمىش، باشتىنلا كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالسام قانچە ياخشىچاق بولغىنىم بىلەنمۇ ئالدىدا ئۆمۈرۋايەت ياخشى بولالماسمىشمەن.
ئەمما، ئىش پىلانغا باقمىدى. مەن سەت كۆرۈنۈپ قالماي دېسەممۇ سەت كۆرۈنىدىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. نۇرنىسانى بۇ قەدەر قاپ يۈرەك دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. كۈتۈلمىگەن بىر ئىشى بىلەن ئۇ ئاتا - ئانامنى، مېنى ۋە ئۆيىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
بىر كۈنى ئەتىگەندە ئانام ئەتكەن ئۇماچقا ناشتىلىققا ئولتۇرساق ئىمانىخاچام پايپاسلاپ ئىشىكتىن ئۈسۈپلا كىردى ۋە ھاسىراپ تۇرۇپ تىللاشقا باشلىدى:
-ھۇ تېگى پەس ھاراملىق! بىزدە نېمە ئۆچۈڭ بار ئىدى ھە سەنلەرنىڭ؟ قىزىمنى نېمە قىلدىڭ ھارمى؟ گەپ قىلە شۇم! نۇرنىسانىڭ دېگەنلىرى راستمۇ؟ گەپ قىل دەيمەن تىلىڭنى ئېشەك دەسسىۋەتتىمۇ ھارامدىن بولغان؟!
ئىمانىخاچامنىڭ گەپلىرىنىڭ بىرىنى چۈشەنگەن بولسام ئۆلەي! نۇرنىسانىڭ ئىمانىخاچامغا نېمە دېگەنلىكىنى ئىللا - بىللا بىلمەيتتىم. بۇ خوتۇننىڭ ئۆندەرەپ كىرىپلا ئادەم تىللىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمىسەممۇ، ئىشقىلىپ بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. قىزىنى ئالاي دەپ ئويلىغىنىم راست، لېكىن، تېخى بىر نېمە قىلغۇدەك بولمىغان تۇرسام، نېمىسىگە نېمە يەتمەي چىچقاق موزايدەك يۈگرەپ كىرىپلا ئادەم تىللايدۇ؟
-نېمە بولدىلا ئىمانىخان؟،- دېدى ئانام مەن بىر نېمە دەي دەپ ئېغىزىمنى ئۆمەللەپ بولغىچە ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ،- توخو پوق يېمەستە يىقىلىپ - قوپوپ كىرىپلا تىللاپ كەتكىدەك نېمە ئىش بوپ كەتتى زادى؟ بىر چىرايلىق ئېتى بار بالىنى ‹‹ھاراملىق›› دەپ چاقىرماي ئېتىنى چاقىرسىلا مۇندا، يامان بولىدۇ...
-ئېتى بولامدۇ، ئېشىكى بولامدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق. ماۋو مايماق تاز،- ماڭا قولىنى شىلتىدى ئىمانىخاچام ئېغىزىدىن تۈكرۈك چاچرىتىپ تۇرۇپ،- سىلىنىڭ مونو قوتۇر ئۆچكىلىرى قىزىمنىڭ نۇمۇسىغا تېگىپتۇ. بىز بۇ مەھەللىدە يۈزىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىزمۇ، يۈرمەيمىزمۇ ھە؟ خۇدادىن قورقماي قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى كۆرمەمدىغان! ۋاي مەن ئۆلەي! خوشنا ئولتۇرغاننىڭ سازايىمۇ بۇ؟! ۋاي ئۆلدۈم توغقانلار...
ئىمانىخاچام شۇنداق دەپلا پۈتۈن ئۆينى بېشىغا كېيىپ يىغلىغىلى تۇردى. ئۇنىڭ خۇددى دادىسى ئۆلگەندەك ھازا ئېچىپ يىغلىغىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. ئەلۋەتتە، دادام بىلەن ئانامنىڭ قۇرقۇنچىمۇ مېنىڭكىدىن كەم ئەمەس ئىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، ئىمانىخاچامنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان خۇلۇم - خوشنىلار ئۆيگە بىر - بىرلەپ يىغىلغىلى تۇردى. سەۋەبىنى ھېچكىم بىلمىگەن بۇ يىغا ئۆيگە ئۇلۇغ - ئۇششاق خولۇم - خوشنىلارنى تامامى يىغىپ بولغان بولۇپ، بەئەينى كەنتە كومىتىتىغا مەجلىس ئاڭلىغىلى يىغىلغان ئەزالاردەك قاتارىسىغا تىزىلىشىپ تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئانام بىچارە كىرگەنلەرنى تۆرگە باشلاپ ئاۋارە، دادام بولسا ئەرلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئەھۋال سوراپ ئۈلگۈرۈپ بولالماي قالغان ئىدى. ئىمانىخاچام كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئۆزىنى كاچاتلاپ بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن جىم بولدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپىغا قاراپ خوشنىلارنىڭ ھەممىسىنى يېنىدا كۆردى ۋە چۆچۈپ كەتتى. ئابايدىن بىرى تارتقۇشلاپ، ئەھۋال سوراپ، يىغىسىنى بەزلەپ، تەسەللىي بېرىپ، يىغىسىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ ھېچ جاۋاپ ئالالمىغان خوشنىلار ‹‹بىردەم يىغلىۋالسا بېسىقىپ قالار›› دېدىمۇ، ئۇنى رايىغا قويۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇ يىغىدىن توختاپ كۆزىنى ئاچقاندىن كېيىن ئەتراپىدىكىلەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى، ئاندىن يەنە ئۆندەرەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ھېچكىمگە خوشمۇ دېمەي، تەرىتى قىستاپ بولالمىغان ئادەم ھاجەتخانىغا چاپقاندەك ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى. ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ بۇ قېلىقىغا قاراپ پىخىلدىشىپ كۈلۈشسە، بەزىلىرى ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ بىردە ئىمانىخاچام چىقىپ كەتكەن ئىشىككە، بىردە دادام بىلەن ئانامغا قارايتتى.
دادام خوشنىلارنى ئۇزىتىپ قويۇپ، مىجىتاخۇن سىكرىتارلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزىرىپ، مۇشتىنى چىڭ تۈگۈۋالغان دادام خۇددى ھازىرلا ئۇرىۋېتىدىغاندەك بىر ئەلپازدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ئاندىن ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلگىنىچە سوراققا چۈشتى:
-گەپ قىلە خۇمسى! مەن سېنى ئوغۇل بالا دەپ باقمىدىممۇ؟ ئالىمەن دېگىنىڭنى ئېلىپ بېرىمەن دېدىم، يۈزۈم سورۇن بولسىمۇ، خەقنىڭ ئالدىدا سارغايساممۇ چوقۇم ئالىمەن دېگىنىڭنى ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدىم. ‹‹ئېلىپ بەرمەيمەن›› دېسەمغۇ شۇنداق قىلساڭ، ‹‹ئېلىپ بېرەي›› دەپ تۇرساممۇ يەنە يۈزۈمگە پوق سۈركەپ يۈردۈڭما نىجىس؟! ئاۋۇلارنىڭ ئالدىدا مېنى ئۆلسۇن دېدىڭمۇ ئىتنىڭ بالىسى؟!...
-ۋاي نېمە بولدىلا بىر دەمدىلا، قانجۇق ئىت تالىۋالمىغاندۇ سىلىنى؟- دېدى ئانام جىددىيلىشىپ دادامنىڭ بىلىكىدىن تارتقۇشلاپ،- گەپ بولسا چىرايلىق دېمەمدىلا بالىنى قورقۇتماي...
-قايسى قىلغان چىرايلىق ئىشىغا چىرايلىق گەپ قىلىدىكەنمەن ھە؟ چىرايلىق گەپ قىلغۇدەك ئىش قىپتىمۇ، ئۆزىدىن بىر سوراپ باقە ئەتىۋارلىق ئوغلۇڭنىڭ!
توۋا! بۈگۈن جىمى ئىنسانلارغا كىسەل تەگدىمۇ نېمە؟ بىرسى ھېچگەپتىن - ھېچگەپ يوقلا ئۆندەرەپ كىرىپ ئوڭ - تەتۈر تىللاپ، يىغلاپ، ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتسە، يەنە بىرى ئۇخلاپ جۆيلىگەندەك بىكاردىنلا ئادەم تىللىسا، مەن زادى نېمىش قىلدىم بۇنچە قىلغۇدەك؟ كاشكى، گۇناھىمدىن كىچىككىنە دەپ بېرىپ ئۇرۇپ مىجىۋەتسىمۇ مەيلىتىغۇ!
-ۋاي جېنىم دادا، ھېلىمۇ شۇ نېمىش بولغىنىنى دەپ بېرىپراق ئاندىن تىللىغىلى تۇرغان بولساڭ! مەن ھېچنېمىنى بىلمىسەم، ئۇنداق، ھەممىڭلار ‹‹قۇرسىقىمدىكىنى تاپ›› دەپ تۇرىۋالساڭلار مەن قانداق قىلىمەن؟
-ھەي، ئاۋۇلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ، ئالداپ - شىلاپ قىزىنى كىلىن قىلىپ كۆچۈرۈپ كىرىۋالغىچە قىسىپ تۇرساڭ بولماسمىدى؟،- دېدى دادام قوللىرىنى شىلتىپ، دومبا - چۆگۈندەك قايناپ سۆزلەپ،- نېمە نومۇس ھە ئويلاپ باققىنا!؟ ئىسىت، ئىسىت! ياش چاغلىرىمىزدىكى ئىشلارنى ‹‹شۇنداق قىلسۇن›› دەپ ئېيتىپ بەردى دەپ قالدىڭما ئەقلى يوق توخو پوقى؟ ھەي، ئۇ دېگەن قاي زامان، ھازىر دېگەن قاي زامان؟ قىزىنى بەرمىسە نومۇسىغا تېگىدىغان گەپ بارمىكەن ھەي دەلتە؟ ئاشۇ شۇ قىز بالىغىمۇ مىڭ لەنەت! ھەر قانچە تەگكىسى كېلىپ كەتسىمۇ ئوغۇل بالىغا ئۆزىنى تۇتقۇزامدۇ دەيمەندە ئىسىت!...
دادام ساقىلىنى يۇلغىدەك بولۇپ سىقىمداپ كەتتى، جان ئاچچىقىدا سۆزلىگەن بولغاچقا ئېغىزىدىن چاچرىغان تۈكرۈكلىرى ساقىلىغا چۈشەتتى. نېمە ئىش بولغىنىنى سەل - پەل ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. دېمەك... توختا، يا ماۋۇ خەق ‹‹قىزىمىزغا چېقىلدى›› دەپ ماڭا تۆھمەت قىلماقچى، ياكى بولمىسا نۇرنىسا ئۆيىدىكىلەرگە يالغان ئېيتىپ، شاپاققا پوقنى ئۇستى.
-دادا، توختا دادا! ئېنىقراق دەپ بەرگىنە ئوبدان دادا، ئاۋۇ ئادەمنىڭ سەتلىرى ساڭا نېمە دېدى؟ مېنى قارىلاپ بىر نەرسە دېگەن ئوخشىمامدۇ؟،- دېدىم مەن دادامنىڭ قولىغا ئېسىلىۋېلىپ، يىلىنغان ھالدا.
-ھە! دېدى! دېگەندىمۇ يۈزۈمدىن - يۈزۈمگە دېدى! ‹‹شۇنداق چىرايلىق بالا بولدى، خۇدايىم ئىنساپ - دىيانىتىنى بەردى›› دەپ يۈرسەم ئەسلى بىر كالا بېقىپتىمەن كالا! مىجىتاخۇنلار ‹‹سىلىنىڭ بالا بىزنىڭ قىزنى ئالداپ نومۇسىغا تېگىپتۇ، قانونغا بارىمەن›› دەپ يۈرىدۇ. ئىسىت ساڭا قىلغان ئەجرىم.
-توختا دادا! مەن چۈشەندۈرەي. زىنھار قارا... ھەرگىز ئۇنداق ئىش يوق...- دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈپ چىقىپ كەتتى. ئوڭۇم تۇرماق چۈشۈمدىمۇ نۇرنىساغا يېقىن يولاپ باقمىغان تۇرسام، بۇ گەپ نەدىن چىقىدۇ ئەمدى؟،- يوق دادا، ئۇنداق ئىش يوق. ئاللاھنىڭ ئالدىدا ساڭا قەسەم قىلىپ بېرەي، نۇرنىسا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇنداق ئىش بولۇپ باقمىدى. خۇدا ھەققى، ماڭا ئىشەنگىن جېنىم دادا!
قانداق چۈشەندۈرەي؟ پاك ئىكەنلىكىمىزگە، ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوقلىقىغا دادام بىلەن ئانامنى قانداق ئىشەندۈرەي؟ دادام گەپنىڭ نېگىزىنى دېگەندىن باشلاپ ئېغىزىنى تۇتۇپ يىغلاشقا باشلىغان ئانام مانا ھازىر راسا ھۈ تارتىپ نەغمە قىلىشقا ئۆتكەن ئىدى. بىردە ئانامغا يالۋۇراتتىم، بىردە دادامغا. بۇنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى قانداق قىلىپ ئىسپاتلارمەن؟ بۇ زادى كىم كۆتۈرۈپ قوپقان گەپتۇ ئەمدى...
-ئاۋۇ نۇرنىسايىڭ ئاتا - ئانىسىغا سېنى ‹‹ماڭا چېقىلدى›› دەپتۇ. يەنە تېخى ‹‹شۇنىڭغا بەرمىسەڭلار ئۆلىۋالىمەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسەڭلارمۇ سىلەر تاپقان لايىققا تەگمەيمەن›› دەپ قورقۇتۇپ، ئۆيدىكى ھەممىسىنى تىللاپ، ۋارقىۋاپ، كىم يېقىن كەلسە ئۇرۇپ، كۈچى يەتمىسە چىشلەپ، قولىغا چىققاننى ئېتىپ، چېقىپ، پۈتۈن ئۆينى بېشىغا كىيىپ ساراڭلىق قىپتۇ. مانا سەن قىلغان ئىشنىڭ تاماشاسى!
نېمە دەيمەن ئەمدى؟ ‹‹بىر پۇل بېرىپ ئۇسۇلغا سالسا ئون پۇل بېرىپ توختاتقىلى بولماپتۇ›› دېگەندەك، مونو ساراڭ جىننىڭ تاپقان ئىشىنى كۆرمەمدىغان!؟ ‹‹سېنى چوقۇم ئالىمەن، سەنمۇ گېپىڭدە چىڭ تۇرمىساڭ بولمايدۇ، قانداقلا ئىش بولسىمۇ ماڭا تېگىشتە چىڭ تۇرالىساڭ چوقۇم توي قىلالايمىز›› دېگەنتىمغۇ ناھايىتى!؟ رازىلىق بېرىشكەندىن بېرى ئىككى قېتىملا مەڭزىگە سۆيۈپ قويغىنىم ئېسىمدە، شۇنچىكى سۆيگەنگىمۇ چېقىلغان بولارمەنمۇ ئەمدى؟ قانداق قىلسام بولار شۇ تاپتا!؟ ئۆيدىكىلەر كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ، مەندىن بىرەر گەپ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بىراق قاراشلىرىدىن ھەر قانچە گەپ قىلساممۇ ماڭا ئىشەنمەيدىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.
-ھەي، زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ قالدىغۇ؟ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن گاچچىدە بىر گەپ قىلساڭ بولمامدۇ لامزەللە گۇي!؟
-ماقۇل دادا، لېكىن قارا... مەن راست گەپ قىلىمەن، ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ راست گەپ قىلىمەن. ئەگەر مېنىڭ دادام بولساڭ ماڭا ئىشەنمىسەڭ بولمايدۇ...
-ما كىسپۇرۇچنىڭ گەپلىرىنى تېخى! داداڭ ئىكەنلىكىمدىن گۇمان قىلىدىكەنسەن دېگىنە!- دېدى دادام كۆزلىرى چاچراپ چىققۇدەك چەكچىيىپ،- شۇمۇ سېنىڭ قىلغان گېپىڭمۇ بەچچىغەر؟
-ياق، دادا... دەيمەنغۇ... ئەمدى شۇ... سېنى ماڭا ئىشەنمەي قالارمۇ دەپ... ئەنسىرەپ...
ئويلىمايلا دەپ تاشلىغان بۇ گېپىمدىن بەكلا خىجىل بولدۇم. جىددىيلەشكىنىمدىن شۇنداق دەپ سالغىنىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلدىم. مەيلى نېمىلا دېمەيلى، بۇ ئىشتا ئاتا - ئانام ماڭا ئىشەنمىسە تەلتەكۆس قارا بولاتتىم.
-دېگىنە، زادى نېمە گەپ بۇ؟
-قارا دادا، نۇرنىسا بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوق. خۇدانىڭ ھەققىدە بىز پاك. مەن ئۇنىڭغا ئانامنى مىجىتاخۇنكامدىن قانداق تارتىۋالغىنىڭنى دەپ بەرگەن... سەن ئىرادەڭدە چىڭ تۇرالىساڭ چوقۇم توي قىلالايمىز دېگەنتىم... لېكىن ھازىرغىچە نۇرنىساغا يېقىنراقمۇ ئولتۇرۇپ باقمىدىم. ماڭا ئىشەنگىن دادا، ئوتتۇرىمىزدا ھېچ ئىش بولغىنى يوق...
-راستمۇ؟ ئاللاھنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلالەمسەن؟- دادام گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. ئاندىن خۇشال بولغان ھالدا مۈرىلىرىمدىن تۇتۇپ چىڭڭىدە قىستى،- يالغان گەپ قىلساڭ خەقنىڭ ئالدىدىمۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ قارا يۈز بولۇپ كېتىمىز بالام. جان چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ راست گەپ قىل!
-راست دادا، يالغان گەپ قىلغان بولسام دوزىخى بولۇپ كېتەي!
-ئىللا - بىللا چوقۇممۇ؟
-ئىللا - بىللا چوقۇم! ئىمانىم بىلەن كاپالەت بېرىمەن!
-كۆردۈڭمۇ ئانىسى،- دادام قاتتىق ھاياجانلىنىپ قولۇمدىن تارتقان پېتى ئانامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئاناممۇ كۆزلىرىدىن ياش تاراملىغان ھالدا ۋېلىقلاپ كۈلۈپ بىزگە قاراپ تۇراتتى،- ئوغلۇم مېنى تارتىپتۇ. مەندەكلا غورورى بار، ھايالىق بالا بولۇپتۇ. تېخى كۆزى چۈشكەن قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ شۇنچە چوڭ ئىشتىمۇ بىلىنى باغلاپ ئالدىغا چىقالىغۇدەك قىلىۋېتىپتۇ. ياق، ياق، ئوغلىمىز مېنى بېسىپ چۈشۈپتۇ. ئەينى چاغدا سەن توغرىلىق مەن يامان گەپ تارقاتقان، لېكىن بالىلارنىڭ ئىشىدا ئوغلىمىز ئەمەس كېلىنىمىز يامان چىقىپتۇ...
-ۋىيەي، سەتلىشىپ يۈرۈشلىرىنى كۆرەيمۇ، خۇددى شۇنچە كاتتا ئىش قىلىۋەتكەندەك، نېكەمدىكى ئىشلارنىڭ مېزىنى چۇۋۇپ يۈرۈيدىكەنلا...بالىنىڭ ئالدىدا سەت ئەمەسمۇ.
ئانام شۇنداق دەپ ياشلىرىنى سۈرتتى. داداممۇ ‹‹ئۇف›› دەپ يېنىك تىن ئالدى.
شۇ كۈنى كەچتە ئۆيدە ئېغىر مەسلىھەت بولدى. دادام نۇرنىسا ئىككىمىزنىڭ ئىشىدا ئالدىرىماسلىقنى، مىجىتاخۇنكاملارنىڭ ئاچچىقى سەل يانغاندا قىز سوراپ يەنە بىر كىرىپ باقىدىغانلىقىنى، ھازىر بۇ ئىشقا كىرىشىۋالساق ئىشنى خېمىغا ياندۇرۇپ قويىدىغانلىقىمىزنى تەھلىل قىلىپ سۆزلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مىجىتاخۇنكاملارنىڭ ئۆيىدە ئۇنچىلىك گەپ - سۆزلەر چىققان ئىكەن بۇ گەپ ھامان تاراپ كەتمەي قالمايمىش. ئەگەر شۇنداقلا بولسا مىجىتاخۇنكاملارمۇ يۈزىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ نۇرنىسانى ماڭا چېتىپ قويارمىش. بۇ گەپكە چىن پۈتسەممۇ، نۇرنىسا كۆتۈرۈپ قوپقان ‹‹چېلىقىش›› ئىشىنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشىگە ئىشەنمىدىم. چۈنكى ئىمانىخاچام نۇرنىسانى قازنىقىغا سولىۋالغان تۇرسا، جىدەل - ماجرا چىقسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆي - ئىچىدە چىقىدىغان تۇرسا، بۇ گەپلەر قايسى تەرىپىدىن پۇت چىقىرىپ تارقىلىپ يۈرەتتى؟ ئەمما چوڭلار شۇنداق دەۋاتسا ماقۇل دېمەي نېمە چارە؟ يەنە كېلىپ بۇ ئىشتا دادامنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش ئىدى. گەپلەر شۇنداق مەسلىھەت تاپتى. مىجىتاخۇنكاملار يەنە قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ، قاراپ باقىدىغان بولدۇق.
مىڭنى قىلسا چوڭ دېگەننىڭ چوڭلىقى بار-دە! دادام ئىشنىڭ كېيىنلىكىنى ھەقىقەتەن توغرا قىياس قىلغان ئىدى. نۇرنىسانىڭ ئاچىسى زەينەپ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى يارداڭلىقتا قوي بېقىۋېتىپ، مۇشۇ مەھەللىلىك بۈۋىسۈدە ئسىملىك قىزغا نۇرنىسانىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە ئېيتقانلىرىنى چالا قويماي تۆكۈپ بېرىپتۇ. بۇ قىز ئوبدان بىر خەۋەر تاپتىم دەپ خوش بولۇپ كەتتىمۇ، ياكى سەھرا يېرىنىڭ ئەزەلدىنلا غەيۋەت - شىكايەت تىز تارقىلىدىغان ئەنئەنىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇسى كەلمىدىمۇ، بىر كۈن ئىچىدىلا بۇ ‹‹چېلىقىش›› ۋەقەسىنى سورىغان - سورىمىغاننىڭ ھەممىسىگە دەپ بېرىپ، پۈتۈن مەھەللىگە پۇر كەتكۈزىۋېتىپتۇ. ئاڭلىغانلار خۇددى مەھەللىمىزدىن غەلىتە مەخلۇق چىققاندەك، ماڭا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ قارىشىدىغان، بەزىلىرى يىراقتىنلا غەلىتە كۈلۈپ سالام قىلىپ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە سەت قارايدىغان بولۇپ قالدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلار مەھەللىگە تامامىي تارقىلىپ بولدى. ئەمدى مىجىتاخۇن سىكرىتار ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ بۇ ئىشلارغا نېمە دەپ، قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىغا قاراپ، شۇ تەرەپنى تىڭشاشقا چۈشتۇق. ئۇلار جىم ئىدى. بىراق ئىمانىخاچام مېنى كۆرسە خۇددى نىجاسەتنى كۆرگەندەك يىرگەنگەن قىياپەتتە قارايتتى. زەينەپ بولسا بۇرۇنقىدەكلا سېسىقىنى چىقىرىپ يۈرەتتى. مىجىتاخۇن سىكرىتارنى تالا - تۈزدە كۆرمەيتتۇق. بەلكىم بۇ ئىشلار ئېغىر كېلىپ، يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش تەس كەلگەن چېغى، ئۆيىدىن بەك چىقمايدىغانلا بولۇپ كەتتى.
بىر كۈنى دادام ‹‹ئەمدى ۋاقتى كەلدى›› دېدى ۋە تۇنجى قېتىم ئەلچىلىككە بىللە كىرىشىپ بەرگەن ئىمام ئاخۇنۇمنى ئالدىغا سېلىپ، مىجىتاخۇنكاملارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىشتى. ئۇلار سىكرىتارىمىزنىڭ ئۆيىدە خېلىلا ھايال بولدى. يېنىپ چىققان ۋاقتىدا ھەر ئىككىسىنىڭ يۈزلىرىدە كۈلكە پارلايتتى. دادامنىڭ دېيىشىچە ئىمانىخاچام داداملارغا تۈزۈك چىراي ئاچماپتىمىش، لېكىن مىجىتاخۇنكام ئۇنداق قىلماپتۇ. نۇرنىسانى ماڭا ئىككىنچى قېتىم سورىغىنىدا ئىمانىخاچام ئاياق - قوشۇقنى ئۆچى باردەك تاراقشىتىپ تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ، مىجىتاخۇنكام بولسا بۇ ئىشقا ئۆزى يالغۇز جاۋاپ بېرىۋىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئاۋال ئىمانىخاچامغا بىر مەسلىھەت سېلىپ باقىدىغانلىقىنى، ئاندىن نۇرنىسانىڭ ئاغزىغا بىر قارىۋەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چىرايلىق گەپ بىلەن يولغا ساپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەر ھالدا خاتىرجەم بولدۇم. داداممۇ ‹‹ئەمدى ئۇلارنىڭ ‹ماقۇل› دېگەن بىر ئېغىز گېپىلا قالدى›› دېگەندىن كېيىن، تامامەن كۆڭلۈم تىندى.
ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى. مىجىتاخۇنكام ئىمانىخاچامغا مەسلىھەت سېلىپ بولالمىدىمۇ ياكى نۇرنىسانىڭ ئاغزىغا تېخىچە قاراۋاتامدۇ، ئىشقىلىپ ئۈچىنچى، تۆتىنچى قېتىملىق قىز سوراقلاردا يەنە شۇ جاۋاپلارنى بېرىپ ياندۇرىۋەردى. داداممۇ ‹‹مانا بولۇپ قالار، ئەنە ئۇناپ قالار›› دەپ ئاغزىمنى تاتلىق قىلىپ يۈرىۋەردى. كېيىن ئۇقساق، مىجىتاخۇنكام بىلەن ئىمانىخاچامنىڭ قىزىنى ماڭا بەرگۈسى يوق، نۇرنىسا بولسا ماڭا تېگىشتە چىڭ تۇرغاچقا بۇلار قاراردا بىرلىككە كېلەلمەي ۋاقىتنى سوزغان گەپكەن. ‹‹بەرمەيمىز›› دەي دېسە، ھېلىمۇ ساراڭلىقنى يەتكىچە قىلىپ تۇرغان قىزىنىڭ بىرەر ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسېرىگەن گەپ. ‹‹بېرەيلى›› دەي دېسە، ياشلىقتىكى ئاداۋەت، قېرىغاندىكى ئۆچمەنلىكنىڭ قوقاسلىرى يۈرىكىدىن كەتمىگەن گەپ. شۇنىڭ بىلەن ئازراق ۋاقىت ئۆتسە قىزىنىڭ ساراڭلىقى ئوڭشىلىپ قالامدىكىن دەپ، قاراپ بېقىش نىيىتىدە جاۋاپنى كەينىگە سۈرىۋەرگىنى ئىكەن. شۇنىڭغىچە نۇرنىسا ئىككىمىزمۇ جىگدە تۈۋىدە ئۇچرىشىپ، گەپ - سۆزلەر بولسا دېيىشىپ تۇردۇق. ئىشقىلىپ ھامان توي قىلىمىز دېگەن ئىدىيەدە ئىدۇق. بارا - بارا خۇۋالىشىپ يۈرگىنىمىزنى پۈتۈن مەھەللىدىكىلەر بىلىپ كەتتى، ھەتتا ھېچقانچە يېڭىلىق تۇيۇلمايدىغان بىر ھالەتكىمۇ ئۆتتى.
نۇرنىسا ئانىسىنىڭ يىپقا ئۆتكۈزۈپ قويغان چار مېغىزلىرىنى، بالىلىرىغا بېرىشكە، ئۆزى يېيىشكە كۆزى قىيماي، ھېيت - ئايەملەر ئۈچۈن دەپ تىقىپ قويغان بادام - ياڭاق، گۈلە - قاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ماڭا بېرەتتى. بىز ئەتە - ئاخشاملىرى كۆرۈشۈپ ئۆيلىرىمىزدە نېمە ئىش بار، خەۋەرلىشىپ تۇراتتۇق. ئوغۇل بالىچىلىقتە، نۇرنىسانىڭ ئۆيىدە مىجىتاخۇنكامدىن باشقىلىرى ھەممىسى ئايال كىشى بولغاچقا ئېتىز ئىشلىرىنىڭ غول ۋاقىتلىرىغا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىدىغان بولدۇم. باشتا مىجىتاخۇنكام ئۇنىمىدى، دادام ‹‹قېلىنلىق قىلىپ بېرىۋەر، ئىشنىڭ يولى شۇ›› دەپ ئۆگەتكەندىن كېيىن بۇ ئىشمۇ ئەپلەشتى. شۇ باھانىدا نۇرنىسانى كۆپرەك كۆرۈۋالاتتىم، ھەمدە بولغۇسى قېيناتا - قېينانىلىرىمغا ياخشىچاق بولىۋالاتتىم. ھەر نېمە دېگەن بىلەن ئۇلارمۇ سەل - پەل يۇمشىدى. بىرلا يېرى - مەن ئېتىزغا چىقىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلىگەندە زەينەپ ھەرگىز چىقمايتتى، تاكى ئىش تۈگەپ ئۆيگە قايتقىچىلىكمۇ ئۇنى كۆرمەيتتىم. بۇ تەرىپى كۆڭلۈمنى غەش قىلاتتى. ‹‹ئەگەر نۇرنىسا بىلەن توي قىلىپ قالسام تۇغقان بولىمىز، شۇ چاغدىمۇ مۇشۇنداق تەتۈر قارارمۇ؟›› دەپ ئەنسىرەيتتىم.
چوڭ بولساممۇ پالاكەتلىكىمنى تاشلىيالمىدىم. بەزى - بەزىدە قىلغان ئىشلىرىمدا ئاۋارىچىلىق تېرىپ يۈرۈپ بۇلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالدىم. دادام ھە دېسە ئىش ئۆگۈتۈپ ئاۋارە ئىدى.
بىر كۈنى كۆڭلۈمنىڭ ياخشىلىقى تۇتۇپ كېتىپ، مىجىتاخۇنكاملارنىڭ بىر تەرىپى ئاجراپ كېتىپ مايماق بولۇپ قالغان پەغىزىنى ئوڭشاپ بېرىمەن دەپ ئۇلارنىڭ ئۆگزىسىگە چىقتىم. پەغەز ئېغىلغا يانداش سېلىنغان سامانلىقنىڭ ئۆگزىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا شۇ يەرگە چىقىشقا توغرا كەلدى. سوقما لاي تاملىق بۇ سامانلىقنىڭ ئۆگزىسىنى ئۈستىنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مۇنداقلا يېپىپ قويغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟ ئۆگزىگە چىققىنىمنى بىلىمەن، شۇنداقلا دەسسىشىم بىلەن يىرتىق تاغاردىن چامغۇر تۆكۈلگەندەك سامانلىققا چۈشۈپ كەتتىم. ئەڭ چاتاق بولغىنى، بۇ ئۆيدىكى گومىنداڭنىڭ قالدۇقلىرى سامانلىققىمۇ قۇلۇپ سېلىپ قويىدىغان بولغاچقا تېشىغا چىقالمىدىم. ۋارقىراپ باقتىم، ئىشىڭنى مۇشتلاپ چاقىرىپ باقتىم، بايا چۈشكەن يېرىمدىن ئۆگزىگە يامىشىپ باقتىم، ئۈستىبېشىمغا سامان تۆكۈلۈپ، ئەسلىدىنلا ۋەيرانە تۇرقۇم تېخىمۇ ۋەيرانە بولۇپ كەتكەندىن باشقا پايدا بولمىدى. ھېچ ئامال قىلالماي كەچ كىرىشىنى، ماۋۇ چاشقان تۆشۈكىگىمۇ قۇلۇپ سېلىشتىن يانمايدىغان جانابى قېيناتام ياكى شۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولمىش بىرەرسىنىڭ كېلىپ مېنى چىقىرىۋېتىشىنى ساقلاشقا توغرا كەلدى. شۇ چاغقىچە ئەسكى سامانلىقتا توڭلاپ تىترەپ، كاچكۇلغا چۈشكەن مۈشۈكتەك جاقىلداپ ئولتۇردۇم.
يەنە بىر كۈنى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئارغامچا تارتىۋېلىپ كىر يېيىۋاتقان ئىمانىخاچامنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم. قارىسام كەينى تەرىپىدە يېيىپ قويۇلغان بىر دانە تامبال ئارغامچىدىن چۈشۈپ كەتكەنمۇ، ئىشقىلىپ توپىغا مىلىنىپ لاي بولۇپ يەردە تۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئىشىمنى قىلىپ يولۇمغا ماڭسام بولىدىغان نېمە، ياخشى كۆڭلۈم بىلەن:
-ئىمانىخاچا، تامبال چۈشۈپ كېتىپتۇ،- دەپتىمەن.
-نېمە؟،- دېدى ئۇ گېپىمنى ئاڭقىرالمىغاندەك كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قاراپ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا دۆتلىكىنى مەن بىلمەيمەندە!
-تامبىلىڭىز چۈشۈپ كېتىپتۇ دېدىم، ئا تامبال...- مەن يەردە تۇرغان تامبالنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسىتىپ بولغىچە ئۇ پىشى پۇتلىرىغا يۆگۈشۈپ تۇرغان ئۇزۇن كۆينىكىنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ، كىيىۋالغان تامبىلىغا قارىدى ۋە تامبال بېغىغىچە تۇتۇپ تەكشۈرۈپ باقتى. قارىماققا ئىمانىخاچام جىددىيلىشىپ قالغاندەك تۇراتتى. مېنىڭ بايىقى گەپلىرىمنى ئاڭلاپ، ئىمانىخاچامنىڭ قېلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرغان بىر نەچچە خوشنىمىز پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئىمانىخاچامنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى- دە، شۇ يەردىلا ماڭا تىل سالدى:
-يوقالغىنە ماڭ زىنا سۈيدۈكى ھاراملىق! بەز مارىغان مۈشۈكتەك ئىشىكىم تۈۋىدىن كېتەلمەيسەن، پوق بارمۇ سەن تازغا ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا؟! شۇنچىلىكمۇ قېلىن بولىدىكەن ئادەم دېگەن، ھەي ئادەم دېگەن ئازراق ئىزا تارتىشنى بىلگۈلۈك. شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بىز بىر ئۆيلۈكنى ئەخمەق قىلغىنى يەتمىگەندەك، ئەمدى بۈگۈن مېنى ئەخمەق قىلماقچىمىدىڭ لەنىتى شۇم...
ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىن بىر قۇچاق ئوتۇن كۆتۈرۈپ كىرگەن ئانام ئىمانىخاچامنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغان گەپ. مەن زورىغا چىدىغان بۇ گەپلەرگە ئانام چىدىمىدى بولغاي، شۇ زاماتلا ئىمانىخاچامغا گەپ ياندۇردى:
-گەپ قىلمىسا نېمە بۆشۈكىنى تەۋرىتىپ قويغاندەك ئاقچى - كۆكچى دەپ تىللاپ كېتىلا ئىمانىخان؟ زىنادىن بولغانلىقىنى سىلى بىلەتتىكەنلىدە دادىسى بالا تاپقاندا قاراپ تۇرغاندەك! ئاغزىلىرىنى چايقىۋېتىپ گەپ قىلسىلا! ئولتۇرۇپ قالغان ماڭقىلىرىنى ئېلىپ بېرەيلى دېدۇق، شۇنچە يامان كەتتىمۇ؟ نېمىلىرىگە نېمە يەتمەي سەت گەپ قىلىپ تىللايلا مېنىڭ بالامنى؟ ھەر ئىشنىڭ ھىساۋى بار ئىمانىخان. شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى سىلىگە كۆيئۇغۇل بولىمەن دەپ قىلمىغانلىرى قالمىدى بۇ بالىنىڭ، ئالدىلىرىدا قىلىپ سالغان قايسى گۇناھىغا شۇنچە دوقۇسلاپ قاپاقلىرىنى ئاچمايتتىلە؟ ئەر ئالمىغان ماڭقىلىرىنىچۇ، كىمگە بەرسىلە بېرىۋالسىلا! مەن ئۇنداق ماڭقۇشلىرىنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەرمەيمەن تازا! ‹‹مەن كۆتۈمنى ياراتماي بۇسۇرۇپ ئولتۇرىمەن، كۆتۈم مېنى ياراتماي ئوسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ›› دېگەندەك، ھەجەپ ھاللىرى يوغانكەن. ئاسماندىن چۈشكەن كۆك مۇنچاق ئەمەس سىلىمۇ، بىلىمىز ئىمانىخان ھەممىلىرىنى! گەپ قىلمىسا بوزەك چاغلايدىكىنا بۇ...
خوشنىلار تۇشمۇ - تۇشتىن كېلىپ ئانامنى بەزلەپ ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىشتى. ئىمانىخاچام ئانامنىڭ گەپلىرىگە چىدىمىدىمۇ، تېخى يېيىپ بولمىغان كىرلىرىنى داس بىلەنلا كۆتۈرۈپ يىغلامسىرىغان پېتى ئالدىراپ ھويلىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ توختىماي مىتىلدىشىدىن ئانامنى ياكى مېنى ئىچىدە قارغاپ تىللاۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
شۇ كۈنى كەچتە ئانام ‹‹نۇرنىسانى ئېلىپ بەرمەيمەن، ئاشۇ ئىمانەكنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ چىكىپ تاللاپ تۇرۇپ پەرىزاتتەك قىز ئېلىپ بەرمىسەم›› دەپ كېچە تەڭ بولغىچە قايناپ كايىپ چىقتى. دادامنىڭ تەسەللىي بېرىپ گەپ ياساشلىرى، مېنىڭ چىرايلىق گەپ قىلىپ كۆڭۈل قويۇشلىرىم ئانامغا كار قىلىدىغاندەك قىلمايتتى. ئىشقىلىپ كۆڭلۈم بەكلا غەش بولدى. بۇ ئىشلارنىڭ مۇنداق ئوسال ھالغا كېلىپ قېلىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن.
ئەتىسى ئاشۋاختىدىن سەل ئاشقاندا كىرسىن چىراغقا سالىدىغانغا پىلىك ئېشىپ ئولتۇرسام، قوتاندىن موزاي چىققاندەكلا ئىشىكنى داراقشىتىپ ئاچقان پېتى نۇرنىسا كىرىپ كېلىۋاتمامدۇ، ئەلپازىغا قارىسام چېلىش مەيدانىغا ماڭغان جامبازدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. دادام بىلەن ئانام ئۇن تارتقىلى تۈگمەنگە، ئىنى - سىڭىللىرىم مەكتەپكە كەتكەن ئىدى. ئۆيدە يالغۇز بولغاچقا بىرەركىم كىرىپ قالسا گەپ تېپىپ قالارمۇ دەپ ئۇ تەرىپىنى ئويلاپ كېتىپتىمەن. نۇرنىسا كىرگەن پېتى ئۇرىدىغاندەك تەرزدە ئۇدۇلۇمغا كەلدى ۋە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ سورىدى:
-گەپ قىلە، مېنى ئالامسەن يوق؟
-ئا... ئالاي دېدىمغۇ شۇ... نېمە بولدى؟... نېمە بۇنداق...
ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ تىلىم كالۋالىشىشقا باشلىدى.
-ئاڭلىشىمچە ئاناڭ مېنى ساڭا ئېلىپ بەرمەيمىش. تۆنۈگۈن كەچتە بولغان ئىشلارنى ئۇقتۇم، ئانامدىن ئۆتۈپ كەتكەن يېرى باركەن. بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئاخشامدىن بىرى جىدەل. مېنىڭ ئاناممۇ مېنى ساڭا بەرمەسلىكنىڭ جىدىلىدە چىڭ تۇرىۋالدى. سەن باشتا ‹‹سېنى چوقۇم ئالىمەن›› دېگەن بولغاچقا ساڭا ئىشىنىپ ئۆيۈمدىكىلەر بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتىمەن. ئانام مېنى ساڭا بەرمەيمىش، ھىم، بەرمىگىنىنى بىر كۆرەي قېنى! ھازىر چىقىپ بىزنىڭ ئۆينىڭ كەينىدىكى پاسار دۆۋىسىگە ئوت قويىۋىتىمەن. ئىىسڭدە بولسۇن ياسىن، ساڭا تەگكىنىم تەگكەن!...
نۇرنىسا دەيدىغانلىرىنى دەپ بولۇپ بوغوز كالىدەك پالاقشىغىنىچە كېلەڭسىزلا مېڭىپ چىقىپ كەتتى. كەينىدىن چىقىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرغان ئىدىم، بىراق ئۇ ئىشىك سىرتىغا چىقىپلا ئىلگۈچنى ئىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىگە سولۇنۇپ قالدىم. ئىسمىنى چاقىرىپ توۋلاپ باقتىم، مېنى چىقىرىۋەت دەپ ئۆتۈنۈپ باقتىم. لېكىن ئۇ خۇددى قۇلاقتىن كەتكەندەك پەرۋامۇ قىلماستىن ئىشىكتىن يىراقلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشى بارا - بارا يىراقلاپ ئاڭلانماي قويغاندىن كېيىن، ئەگۈننىڭ غىچ قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ بىزنىڭ ئۆيگە تەۋە بولغان بارلىق ئۈن - تىۋىشلەر غايىپ بولدى.
تىت - تىتلىق ئىچىدە ئىككى ئاش پىشىم ۋاقىتنى تەستە ئۆتكۈزدۈم. سىرتقا چىققۇم كېلىپ چىدىمىغانسىرى دادام - بىلەن ئاناممۇ خۇددى تۈگمەندە ئۈنۈپ قالغاندەك ھېچ كېلەي دېمەيتتى. ئىشىكنىڭ ئىلغۇچى بىلەن ھەپىلىشىپ قىلمىغانلىرىم قالمىدى. ھەي، دادام ئەتكەن ئىلغۇچ-تە، ئۆزىدەك چىڭ، پۇختا ئەتمەي قالارمىدى؟ مېنىڭ ھەپىلەشكىنىمگە ئېچىلىدىغان نېمىنى ‹‹ئۆيۈمنىڭ ئىلغۇچى›› دەپ يۈرمەيدۇ-دە دادام! قانداقلا قىلسام مۇشۇ ئىشىكتىن بىر چىقىۋالسام بولاتتى.
بىر چاغدا بىزنىڭ ھويلىنىڭ ئالدىدىمۇ ياكى يان خوشنىمىزنىڭ ھويلىسىدىمۇ، ئەيتاۋۇر بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ئالا - توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ‹‹يۈگۈر، تىز بول، قېنى...›› دېگەندەك قىلىشقان غەۋغالىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقىش ئىستىكىم تېخىمۇ كۈچىيىپ، تالادىكى پاتىپاراقچىلىقنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈم كېلىپ كەتتى. تۇيغۇمنىڭ بىر يەرلىرى ‹‹نۇرنىسا تېرىغان بالا›› دەپ بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. يەنە ئىشىك ئىلغۇچى بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىدىم. خېلى ھەپىلەشكەن بولساممۇ ھېچ ئۈنۈمى بولمىدى. ئاخىرى بولماي ئىچكەركى قازناق ئۆيدىن بىر تاغار قوناقنى يۈدۈپ چىقىپ غۇۋا يورۇق چۈشۈرۈپ تۇرغان تۈڭلۈكنىڭ ئۇدۇلىغا قويدۇم-دە، قوناق ئۈستىگە چىقىپ تۈڭلۈككە ئېسىلدىم. بىراق قولۇم يەتمىدى. ئۇ ياق - بۇ ياققا قارىسام قوناق ئۈستىگە قويغىدەك ھېچنېمە يوق، بىر كەمدە كۆزۈم ئەتىگەن ئۆزۈم ئەپكەش بىلەن ئېرىقتىن سۇ ئەكىرگەن چىلەككە چۈشتى. سۇنى تۆكەي دېسەم تۆككىدەك باشقا نەرسىمۇ يوقكەن. قازانغا ۋە خېمىر يۇغۇرىدىغان تەڭنىگە تۆكۈپ چىلەكنى بىكارلاپ، بىر تاغار قوناقنىڭ ئۈستىگە دۈم كۆمتۈردۈم ئاندىن پەم بىلەن ئۈستىگە چىقىپ تۈڭلۈككە ياماشتىم. نەچچە ئېسىلىپ يامىشىپ ئاران دېگەندە تۈڭلۈك ئېغىزىغا يېپىلغان يالتىراق بىلەن غەلۋىر قاسقىنىنى ئېلىۋېتىپ، تۈڭلۈكتىن يامىشىپ ئۆگزىگە چىقتىم. قارىسام مىجىتاخۇنكاملارنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋادا تولغۇشۇپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ. مەھەللىدىكى كۆپ سانلىق خوشنىلار شۇ تەرەپتە بىر ئىشلار بىلەن ئاۋارە. بىرلىرى چىلەكلەردە ئېرىقتىن سۇ توشىسا، بىرلىرى ئوت كۆيىۋاتقان پاسار دۆۋىسى بىلەن ئوت تۇتۇتۇشقا ئۈلگۈرمىگەن پاسار دۆۋىسىنى ئايرىپ، پاسار يۆتكەش بىلەن ئاۋارە ئىدى ‹‹ئاپلا!…›› دېدىم ئىچىمدە. بۇ نېمە كارامەت ئەمدى؟ پىشانەمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. تۇرۇپلا نۇرنىسادىن قورقتۇم. مۇشۇنداق ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئەركەك مىجەز قىز بالا بىلەن توي قىلسام، كېيىن مەن ئۇنى خوتۇن قىلىپ ئولتۇرماقتا يوق، ئۇ مېنى خوتۇن قىلىپ ئولتۇرسا، ئۇ چاغدا قانداق قىلارمەن؟ بۇ خىيال كاللامغا كېلىش بىلەن تەڭ چۆچۈپ كەتتىم. خۇددى نۇرنىسا ھاۋادا لەيلەپ كېلىپ ماڭا چاپلىشىۋالىدىغاندەك بىلىنىپ، ئىختىيارسىز كەينىمگە داجىپتىمەن. ئۆزۈممۇ سەزمەيلا كەينىمگە پالاققىدە چۈشتۈم. سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ، نۇرنىسانىڭ خىيالى سايىسىدىن قورقۇپ ئولتۇرسام دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ھايال ئۆتمەي شوتىدىن يامىشىپ دادام، ئارقىدىن ئانام ئۆگزىگە چىقتى. ئۇلار ئۆيگە كىرىپ تۈڭلۈك ئاستىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملىگەن بولسا كېرەك، ئالدىراپلا چىقىشقىنى ئىكەن. مەن بولغان ئىشلارنى ئانام بىلەن دادامغا دەپ بەردىم، ئۇلارمۇ نۇرنىسانىڭ بۇ قىلغىنىدىن ھەيران بولۇشۇپ ‹‹توۋا!›› دەپ قېلىشتى. توۋا بىلەن ئىش تۈگىسىغۇ بولغىنى ئىدى. لېكىن دادام ‹‹بولغان ئىشلارنى مىجىتاخۇنلارنىڭ قولىقىغا يەتكۈزۈپ قويايلى، بولمىسا يەنە سېنى ئىش ئۆگەتتى دەپ يامان بىلىدۇ›› دەپ تۇرۇپلىۋالدى. قانداق قىلاتتىم، ئالاي دەپ قويغان گۇناھ ئۆزۈمدە بولغاندىن كېيىن، چىدىماي بولمىدى. شۇ كۈنى كەچتە دادامنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ يۇۋاشلىق بىلەن مىجىتاخۇنكامنىڭ ئىشىك ئالدىغا باردىم، زەينەپ ئارقىلىپ مىجىتاخۇنكامنى ئىشىك تۈۋىگە چاقىرتىپ چىقتۇق ۋە نۇرنىسانىڭ ئەتىگەن بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ نېمىلەرنى دەپ قويۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى تولۇقى بىلەن سۆزلەپ بەردىم.
مىجىتاخۇنكامنىڭ كەيپى جايىدا ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە، قىزى پاسارلىقىغا ئوت قويىۋېتىپ ‹‹بەرسەڭ شۇنىڭغا بەر، بولمىسا مۇشۇنداق قىلىمەن›› دەپ كۆزىگە كۆرسىتىپ ئىش تېرىپ يۈرسە قانداق دادا خاپا بولمايدۇ؟ ئەمما بۇ ئادەم قىزلىرىغا شۇ قەدەر ئامراقكى، ئالقىنىغا تەرەت قىلىپ قويسىمۇ ئاچچىقلانماي ئۆتكۈزىۋېتەمدىكىن دەيمەن.
شۇ كېچە تاڭ ئاتقىچە زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. نۇرنىسانى زادى ئالايمۇ، ئالمايمۇ؟ بۇنداق بىشەملىكى، ئاچچىقىنىڭ يامانلىقى، قورقماسلىقى بىلەن قولىدىن ھەر بالا كەلگىدەك. كېيىنچە ئانچە - مۇنچە گەپ تەگىشىپ قالساق ئانام بىلەن دادام تەگىشىپ قالغاندا، ئانام جىم تۇرىۋېلىپ دەردىنى كۆزىدىن ئالغاندەك ئىشلار قولىدىن كەلمىگۈدەك. مەندىن بۇرۇن مۇشت كۆتۈرۈپ، ئۇرۇپ - دەسسەپ ياتقۇزۇپ قويسا بۇ ئەركەكچىلىكتە يۈزۈمنى نەگە قويىمەن؟ ۋاي توۋا! خۇدايىم ساقلىسۇن ‹‹خوتۇندىن تاياق يەيدۇ›› دېگەن ئاتاققا قېلىشتىن. ئۇف! قانداق بولۇپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان بولغىيدى؟ بۈگۈنغۇ ‹‹ساڭا بەرمىسە مۇشۇنداق قىلىمەن›› دەپ ئۆزىنىڭ پاسارلىقىغا ئوت قويدى. بىر چاغلار كېلىپ ‹‹سىزغان سىزىقىمچە ماڭمىساڭ مۇشۇنداق قىلىمەن›› دەپ بىزنىڭ ئۆيگە ئوت قويسا... ۋاي توۋا... تاس قاپتۇغۇ مېنى قارا باسقىلى...
شۇنىڭدىن تارتىپ نەچچە كۈنگىچە نۇرنىساغىمۇ، مىجىتاخۇنكاملارغىمۇ كۆرۈنمىدىم. بولسا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگىمۇ كۆرۈنگۈم يوق ئىدى، لېكىن بۇنىڭغا ئىمكان بولمىدى. بىراق تويغا قوپىمىز دەپ قېلىشىدىن، مىجىتاخۇنكاملارنىڭ قىز سوراققا ‹‹ماقۇل›› دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. شۇنچە ئۇزۇن كۆيۈپ، ئالىمەن دەپ نىيەت قىلىپ يۈرگەن بولساممۇ، ھازىرغا كەلگەندە نۇرنىسانىڭ بۇ قەدەر قاراملىقىنى كۆرۈپ راستىنللا قورقتۇم. ئاناممۇ قايسى كۈنى ئىمانىخاچام بىلەن خىرىلدىشىپ قالغان ئىشنى باھانە قىلىپ ‹‹پالتاڭ بولسا ئوتۇن كەممۇ، ئوغلۇڭ بولسا خوتۇن كەممۇ›› دەپ بىر گەپنى كۆتۈرۈپ چىقتى ھەمدە نۇرنىسانى ئېلىشىمغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تاش چىشلىۋالدى. بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولدى. قىزىنى بەرمىسە مەيلى، شۇ باھانىدا مەنمۇ بۇ قارام، ئەركەك زەدەك قىزدىن قۇتۇلاي.
ئارىدىن ھەپتە ئۆتتى. بىر كۈنى كەچتە كىرسىن چىراغ يورۇقىدا ئۆتۈك مىخلاپ ئولتۇرسام خۇپتەن نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسھىتكە چىقىپ كەتكەن دادام ئىشىكتىن ئالدىراشلا كىرىپ كەلدى ۋە مەسچىتتە مىجىتاخۇنكام بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، نۇرنىسا ئىككىمىزنىڭ تويىغا رازىلىق بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ ھىجىيىپ كېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئالماسلىقنىڭ قازىنىنى ئۇ ياقتىن ئېسىپ بولغىچە بۇ ياقتىن قىزىنى تۇتقۇزۇپ قويغۇسى كېلىپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان؟ دادامغا كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ بىر ھازا قاراپ تۇردۇم ۋە شۇنداق دېدىم:
-دادا، مەن... مەن نۇرنىسانى ئالمايمىكى...
-ۋوي،- دېدى دادام دىرىڭڭىدە چۆچۈپ،- شۇنىڭدىن باشقىنى ئالمايمەن دەپ نوچىلىق قىلىۋاتقانتىڭ، ئەمدى نېم بولدى بالام؟
-ھېچنېمىغۇ بولمىدى، شۇ... شۇ ئالمايمىكى دەپ...
-توۋا ماۋۇ بالىنى، بىر چاغلاردا قىزىنى بەرمىسە ‹‹بەرمىدى›› دەپ خاپا بولۇپ، ئارا كۈندە ئالتە قېتىم قاترىغىلى سالىسەن. ئەمدى بىر چىرايلىق ‹‹ماقۇل›› دېگەندە نېمە جىن تەپكەندەك ئالا جۆيلۈپ قالغاندۇ بۇ؟- دېدى دادام سەل تىرىكىپ.
-بوپتۇ، ئالمىسا ئالمىسۇن. ئۇنداق پىتۋاش ماڭقىنى ئالمىسىمۇ بالامغا قىز دېگەننى چېكىپ تاللاپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىمەن،- دېدى ئاناممۇ ئالدىراپ-تېنەپ.
-ۋاي گەپكە لوقما سالماي جىم تۇرۇڭلار ئانىسى،- دېدى دادام ئانامغا چېچىلىپ،- مەن بۇ يەردە ئىشنى قۇراشتۇرالماي ئاۋارە تۇرسام خىيالىڭلىدا يوق گەپ قىلىدىكەنسىلەر. مونو بەگ غوجام ئويلىغانلىرىنى دەپ باقمىسۇنمۇ ئاۋۋال، چەك باسمىغۇدەك سەۋەپ كۆرسەتسە مەن ئۇنىمايمەن ئىشقىلىپ.
-مەن... مەن نۇرنىسادىن قورقۇپ قالدىم. قارا دادا، بۇ قىز... بۇ قىز بەك قارامكەن، ئۆيىدىكىلىرى ماڭا بەرمىگەنگە قېيداپ ئۆزىنىڭ پاسارلىقىغا ئوت قويىۋەتسە، كېيىن ئانچە- مۇنچە تاكاللىشىپ قالغۇدەك بولساق بىزنىڭ ئۆيگە ئوت قويۇشتىن يانمىغۇدەك. شۇڭا...
-ۋاي توۋا، شۇنداقمۇ بولارمۇ!؟
دادام بىلەن ئانام بۇ گېپىمدىن لەسسىدە بولۇپ بوشاپ قېلىشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ مەسلىسىنىڭ زادى بىر ئويلاشمىساق بولمايدىغان جىددىي ئەھۋال ئىكەنلىكىگە ئۇلارنى ئىشەندۈرگەن ئىدىم. شۇنداقتىمۇ دادم قېيداپ ماڭا قارىماي قويدى. ‹‹قانداق قىلىشساڭ ئۆزۈڭ قارار چىقىرىش، توي قىلىمىز دېيىشسەڭ تويۇڭنى قىلىپ قويىمىز، توي قىلمايمىز دېيىشسەڭ ئۇنى ئاڭلارمەن›› ماڭا تاشلاپ قويدى.
نۇرنىسادىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئېشەك ھارۋىلىق كېتىپ بارسام نەخ ئۆزى ئالدىمنى توسۇدى. نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ھىجايغان پېتى ھارۋىدىن چۈشتۈم ئۇنىڭ ‹‹مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇردۇڭ، نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن؟›› دېگەن سۇئاللىرىغا ئېغى بىلەن بېغى يوقلا بىر گەپلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ كۈلۈپ تۇرىۋالدىم. لېكىن ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قالغاندەك، ‹‹بىزنىڭكىگە قاچان داستىخانلىق ئەكىرىسىلەر؟ سېنى دەپ شۇنچە نومۇسقا چىداپ تەۋەككۈل قىلغانغا چۇشلۇق تىزراق يۈزۈمنى يورۇق قىلمىساڭ بولمايدۇ›› دەپ تۇرۇپلىۋالدى. گەپ بۇ يەرگە يەتكەندە ئارتۇق باھانە تاپالمىدىم.
-نۇرنىسا، بىز توي قىلمايلىمىكى،- دېدىم قىزىرىپ-تاتىرىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىدىن كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ.
-نېمىشقا؟،- نۇرنىسانىڭ كۆزلىرى جايىدىن چىقىپ كەتكۈدەك چەكچەيدى،-نېمە بولدى ئەمدى؟ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ قوشۇلدىغۇ ئەنە؟!
-ئۇ... ئۇغۇ شۇ... لېكىن مەن... قارا، بىز سەل ئالدىراپ قالدۇقمىكى دەپ قالدىم. بىر مەزگىل ئۆتسۇن... ھېچ... ھېچبولمىسا ياز تەرەپلەردە...
-بىر كىم گەپ ئۆگەتتىما؟ ئاناڭ ئۇنىمايۋاتامدۇ يا؟ راست گېپىڭنى قىل ياسىن! ساڭا تېگىمەن دەپ شۇنچە ئىزاغا، ئار-نومۇسقا قارىماي قىلمىغان گۇناھنى ئۈستۈمگە ئالدىم. ئۆيۈمدىكىلەر مېنى ئاز دۈشكەلىدىمۇ؟ ئاز ئۇرۇپ-تىللىدىمۇ؟ پىشانەمگە يېگەنلىرىم ئازمۇ؟ ئەمدى بولغاندا مېنى تەخسىگە چىقىرىپ قويۇپ ‹‹ئالمايمەن›› دېسەڭ مەن يۈزۈم قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىمەن؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ زۇۋانىم تۇتۇلدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى راست ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ مېنى دەپ خېلىلا بەدەل تۆلەپ كەتتى. لېكىن بۇنى دەپلا تەۋەككۇل قىلسام بولمايدۇ. ئوتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تۇتسام قولۇمنى كۆيدۈرىۋالمامدىمەن؟...
-گەپ قىلە! تىلىڭنى قاغا ئۈزىۋالدىمۇ؟
نۇرنىسانىڭ ۋارقىرىشى بىلەن خىيالىم ئۈزۈلدى. قارىماققا ئۇ بەكلا تاقەتسىزلىنىپ كەتكەندەك تۇراتتى. كۆز جىيىكىدە لىغىرلاپ قالغان ئىككى تامچە ياش ھازىرلا دۇمىلاپ چۈشۈشكە تەييار تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى. قانداقلا بولمىسۇن بىر جاۋاپ بەرمىسەم بولمايدىغانلىقى ھېس قىلدىم.
-مەن سەن بىلەن توي قىلالمىغۇدەكمەن،- دېدىم ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ،- قارىسام سەن بەك قارامكەنسەن. ئوغۇل بالىلار قىلىشتىن قورقىدىغان ئىشلارنى ‹‹قىلىمەن›› دەپلا قىلىپ يۈرسەڭ، مەن سەندىن قورقتۇم، سەن بىلەن توي قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. كەچۈرگىن نۇرنىسا، ئۆزەڭگە لايىق بىرەرسى بىلەن توي قىلىپ بەختىڭنى تېپىۋال!
گېپىمنى تۈگىتىپلا ئېشەك ھارۋامنى ھەيدەپ كېتىپ قالدىم. تاكى ھويلىغا كىرگۈچە كەينىمگىمۇ قارىمىدىم. ئۇمۇ مېنى چاقىرمىدى. بۇ ئىشنى مۇشۇنداق ھەل بولدى دەپ ئويلىدىم.
ئىككى كۈندىن كېيىن ئەپكەشتە سۇ ئېلىپ كېلىۋاتسام ئاتايىن مېنى ساقلاپ تۇرغانمۇ قانداق، نۇرنىسا ئۇچراپ قالدى ۋە كەچتە نامازشامدىن بۇرۇن جىگدە تۈۋىدىكى ماندالىققا چىقىشىمنى تاپىلاپ قويۇپ، ماقۇل بولۇش بولماسلىقىمنى كۈتمەيلا يولىغا راۋان بولدى. ياق دېيىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىكەنمەن ئۇ دېگەن يەرگە چىقىشىم كېرەك ئىدى. ئەگەر چىقمىسام ئەتە قوپۇپ بىزنىڭ ئۆيگە ئوت قويۇۋەتسە قانداق قىلىمەن. ئۆزۈم خالىماي قورقۇپ تۇرساممۇ، نۇرنىسانىڭ قاراملىقىنىڭ سۈرى ئېغىر كېلىپ، بوينۇمدىن باغلاپ سۆرىگەنچىلىك قىلىپ ماندالىققا چىقتىم. ‹‹نامازشامدىن بۇرۇن›› دەپ تاپىلاپ قويغان يېرىگە چىققان ۋاقتىمدا ئاللىقاچان نامازشامغا ئەزان چىققان، ئەتراپقا گۇگۇم يېيىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەتراپتا ئىنسى-جىن يوق، بىر خىل ۋەھىمىلىك ئىدى. بۇ يەر ئادەتتىمۇ مۇشۇنداق سۈرلۈك بولغاچقا بەك ئېرەڭشىپمۇ كەتمىدىم. ماندالىققا يېقىن كېلىپ نۇرنىسانى كۆردۈم ۋە ئەيمىنىپقىنا يېنىغا باردىم.
-نېمانچە كەچ قالىسەن؟- دېدى ئۇ مېنى كۆرۈپلا سوراققا ئۆتۈپ.
-قويلارغا ھەلەپ ئېتىپ بولغىچە كەچ بوپ قاپتۇ. چىقتىمغۇ مانا. نېمە گېپىڭ بار ئىدى، تىز دە. ئانام ئىزدەپ قالىدۇ...
-ھەجەپ ئىلگىرى ئىزدەپ قالمايتتى ھە ئۇ ئاناڭ؟- دېدى ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ،- قىز بالا تۇرۇپ مەن چېغىمدا ئۇنداق دېمىسەم ساڭا نېمە قويدى بۇ يۈزى تۆۋەنلىكنى؟ سەندە زادى بىر گەپ بار. يا باشقا بىرىنى كۆزلەپ قالدىڭ، يا بولمىسا ئۆيۈڭدىكىلەر ‹‹نۇرنىسانى ئالمايسەن›› دەپ قورقۇتقان گەپ! بۈگۈن زادى ئوچۇق گېپىڭنى قىل. ساڭا نېمە بولدى تۇيۇقسىز؟ مەن بىلەن توي قىلامسەن قىلمامسەن؟
-ئەمدى نۇرنىسا... مەن سېنىڭ قاراملىقىڭدىن قورقۇپ قالدىم. سېنى ئالامىغۇدەكمەن. كېيىن بىرە-بىرە گەپ تالىشىپ قالساڭمۇ ھېلى ئۆيگە، ھېلى پاسارلىققا ئوت قويغىلى تۇرساڭ... ئىشقىلىپ مەن قورقىمەن. ئاچچىقىڭ بەك يامانكەن، سەن بىلەن خاتىرجەم بىر ئۆيگە كىرەلمىگۈدەكمەن. شۇ... شۇڭا...
-دېمەك، سەۋەپ مۇشۇ، شۇنداقمۇ؟
-ھە...
-مەن بىلەن راست توي قىلمايسەن؟
-خاپا بولما...
-بوپتۇ ئەمىسە، ئۆزۈڭگە قىلدىڭ، مەندىن يامانلىما! قىزلار، قېنى چىقىڭلار!
نۇرنىسانىڭ شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىنى بىلىمەن. ئاسماندىن چۈشتىمۇ، يەردىن ئۈندىمۇ بىلمىدىم، يېنىمىزدا تۆت - بەش قىز بالا پەيدا بولۇپلا كالتەك - توقماقلار بىلەن مېنى قارا - قويۇق ئۇرۇپ كەتتى. باشتا باش - كۆزۈمنى قوللۇرۇم بىلەن دالدا قىلىپ توسۇۋېلىپ باقتىم. لېكىن قىزلارنىڭ قولىدىكى تاياق - توقماقلاردىن، يەنە كېلىپ ئۈزۈلمەي تېگىۋاتقان تاياقلاردىن ئۆزۈمنى دالدا قىلىش مۇمكىن بولمىدى. بىرسىنىڭ قولىدىكى كالتەكنى كۈچەپ تۇرۇپ تارتىۋالدىم، بۇنى كۆرۈپ باياتىن بىرى قاراپ تۇرغان نۇرنىسامۇ نەدىندۇر بىر كالتەكنى تېپىپ كەلدى-دە، ئۇمۇ ھۇجۇمغا ئۆتتى. نۇرنىسانىڭ قوشۇلغىنىنى كۆرگەن قىزلار تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ بىردەملىك ‹‹ۋايجان - ۋاييەي››لەر بىلەن ئەتراپنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ ۋارقىراپ، پۇخادىن چىققۇچە تاياق يەۋالدىم. قىزلار بىر ھارغۇچە ئۇرۇپ دەردى چىققاندىن كېيىن بېسىقىپ قېلىشتى ۋە ‹‹خوپ بولدى تازا، تويسۇن›› دەپ غودۇراشقاچ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. ئاغرىغان يەرلىرىمنى سىلاپ، ئاغرىمىغان يەرلىرىمنى ساناپ، دوڭغاسلاپ ئاقساپ مېڭىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە ئاللىقاچان خۇپتەن مەھەلى بولغان ئىدى. دادام بىلەن ئانام مېنىڭ يۈز - كۆزلىرىمنى كۆكەرتىپ، قانىتىپ، ئاقساپ كىرگىنىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشتى. مەن بولسام ھەر ھالدا ھايات قالغىنىمغا خوش ئىدىم.
دادام بىلەن ئانام يىقىلىپ قوپۇپ، ئۆندەرەپ ئالدىمغا كەلدى ۋە سوراققا ئۆتتى:
-نېمە ئىش بولدى؟ بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشتۇڭما جېنىم بالام؟
-نىم بولدى يەنە؟ نېمە ئالا-بۇلىماچ بولىۋالدۇق؟ ئىت تالىۋالمىغاندۇ؟
-ۋاي...- دېدىم دادامنىڭ گېپىگە ئۇغام قايناپ،- ئىت تالىسا مۇشۇنداق باش - كۆزنى تالامدىكەن؟ مەھەللىمىزنىڭ قانجۇقلىرى تالىۋالدى. ئەر ئالمايدىغان كۇسۇكلار...
-زادى نېمىش بۇ؟ تىلىڭنى چاينىماي...
-ۋاي بىچارە بالام...
دادام بىلەن ئانامنىڭ ھالىمغا ئېچىنىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم، شۇنداقتىمۇ تىن ئالغىلى قويماي سوراققا تارتىشى سەل ئىچىمنى پۇشۇردى. نېمىسىنى دەي؟ ‹‹ئالمايمەن›› دەپ قويغىنىم ئۈچۈن قىزلارنى توپلاپ ئۇرغىلى سالغىنىنىمۇ؟ ئۇستىخانلىرىمنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ؟ ئىشقىلىپ ئاچچىقتىن يېرىلاي دېدىم.
- ۋاي بىر گەپ قىلغىنە، نېمە بولغان ئىش بۇ؟ ،- دېدى ئانام پىشانەمدىن تەپچىرەپ چىقىۋاتقان قاننى قولياغلىق بىلەن سۈرتكەچ- ساپ - ساق چىقىپ كېتىپ نېمە بۇنداق بولۇپ كىردىڭ؟
-ئاۋۇ نۇرنىسا... ئىمانىخاچامنىڭ قانجۇقى... ئىككى كۈن ئىلگىرى نۇرنىساغا ‹‹ سەن بىلەن توي قىلسام بولمىغىدەك، ياخشىسى توي قىلمايلى›› دەپ قويغانتىم. ئۇ چاغدا جىملا تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن چېغى دەپتىمەن. بۈگۈك كەچتە چىقساڭ گېپىم بار دېگەنتى، ماقۇل دەپ چىقتىم. ‹‹مېنى ئالامسەن، ئالمامسەن›› دەپ سوراپ تۇرۇپلىۋالدى. مەن... مەن... شۇنىڭ بىلەن ‹‹ئالمايمەن›› دېسەم... نەدىن پەيدا بولدىكىن، بەش - ئالتە قىز بالا چىقىپلا مېنى كالتەكلەپ ئۇرۇپ كەتتى. ۋايجانلىغانغا، يالۋۇرغانغا ئۇنامدىغان... كاساپەت قانجۇقلار... خەپ...
-يەنە شۇ نۇرنىسا دېگەن پوتلىۋاش ماڭقا... خەپ توختاپ تۇر! مەن چىقىپ بۇرنىدىن بۇلاق...
دادام پايپاسلىغان پېتى تالاغا ماڭغان ئانامنى چاقىرىپ توختىتىۋالدى:
-ۋاي توختاڭلا ئانىسى، خوتۇن كىشى دېگەننىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا زادى. نەگە چىقىسىلەر بۇ كەچتە؟ بىز ئوغلىمىزغا ساقلاپ ياتمىغان بىلەن خەق ئاللىقاچان يېتىپ ئۇخلاپ بولغاندۇ...
-ئۇخلاپ بولغاندۇ دەپ مۇشۇنداق ئىچىمىزگە يۇتىمىزما؟ - دېدى ئانام چالۋاقاپ،- ئاۋۇ توڭگۇزنىڭ قارنىدىن چۈشكەنلەر شۇنداقمۇ بوزەك قىلامدۇ ئادەمنى؟! بىر كۈنى قوپۇپ ئانىسى سەتلەپ تىللاپ يۈرسە، بىر كۈنى قوپوپ دادىسى ئالىيىپ يۈرسە، بىر كۈنى بولسا قىزى ئادەم يىغىپ ئۇرغۇزۇپ، زادى نېمە قىلدۇق بۇ رەزگىلەرگە؟! ھەر قانچە نان چايناپ بېرىپ بېقىپ قويغان بولسىمۇ ئۇنچىۋالا ئانىي تاپسا بولمايدۇ - دە!
-ھېلىمۇ شۇ، بوزەك بولايلى دېمىدىم، دېيىشسەڭلىمۇ ئەتە چىقىڭلا دەۋاتىمەن! بۇ كېچىدە خەقنى يوتقىنىدىن سۇغۇرۇپ چىقىپ ئۇرۇشماقچىمۇ سىلەر؟ ھەر گەپ بولسا ئەتە خۇدانىڭ كۈنى تاڭ ئاتسۇن ئانىسى!
دادام ئانامنىڭ قولىدىن تارتىپ ئىشىك تۈۋىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. ئاغرىق دەستىدىن ئۇستىخانلىرىم زىڭىلداپ تۇراتتى.
-كىملەر ئۇ شۇنچە بېشى يوغان؟ - دېدى ئانام ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي سۆزلەپ،- كىمنىڭ قانجۇقلىرىكەن زادى؟
- نۇرنىسادىن باشقىلىرى... كىمتى؟ ئاۋۇ ھېلىقى... ھە... بارات غىجەكنىڭ قىزى بۈۋىھەجەرخان، ئوسمان توپاقنىڭ قىزى سۈدۈممە... ھاشىم پوستەكنىڭ قىزى جىمىنىخان، پاتەمخان تومپاينىڭ قىزى ئامانگۈل... ھە... ئىۋۇ ئوبۇلقاسىم ماتاڭنىڭ ئۆگەي قىزى بۈزۆھرە... يەنە بىرسى... ئىسىمدە قالماپتۇ. ئىشقىپ ھەممىسى ئالتە...
-ۋاي يۇغانباش دەلتى! گاچىمۇ چۆچۈرە يېسە ئىچىدە ساناپ يەيمىش، سەن تېخى تاياق يەپ كېلىپ يەنە تاياقنى كىمدىن يېگىنىڭنى بىلمەيدىكەنسەن دېگىنە! ئىسىت سېنى ئوغۇل بالا دەپ باققىنىم!...
دادام شۇنداق دېگىنىچە كۆتمەك ساقىلىنى قاماللاپ بېشىنى چايقاپ كەتتى. بۇ گەپ ماڭا بەكلا ھار كەلدى. شۇ ھامان باياتىن قىزلار ئېتىلىپ كەلگەندە كىمنىڭ نېمىسى بولسا ھېساپلاشماي، ھۇجۇمغا ئۆتۈپلا تاراس - تۇرۇس ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتمىگىنىمگە پۇشايمان قىلىپ كەتتىم. ئۇنداق ئويلىغىنىم بىلەن بىراقلا كەلگەن ئالتە قانجۇققا كۈچۈمنىڭ يېتىشىمۇ بىر گەپتە!
-قىزىق گەپ قىلىدىكەنغۇ بۇ ئادەم! ئۇ سايمالار ئارام بەرمەي ئۇرۇپ تۇرسا، بۇزە، بۇياقتا يېگەن تايىقىنى ساناپ تۇرسا بوپتىكەندە ئەمىسە؟ ھېلىمۇ ساق يېرى قالماپتۇ بىچارە بالامنىڭ.
دادام بىلەن ئانام جىدەل تەھلىل قىلىۋاتامدۇ ياكى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ ھالىمغا ئېچىنىۋاتامدۇ، بۇنى بىلمىدىم. ئىشقىلىپ مېنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆز - ئارا تاكاللىشىشقا چۈشكەن ئىدى. شۇ تاپتىكى دەردىمنى بىر ئۆزۈم بىلەتتىم. ‹‹ئالاي›› دەپ قويغان گۇناھىمغا قىلغان ئەسكىلىكىغۇ بۇ؟! خەپ نۇرنىسا! ئەر ئالماي ئولتۇرۇپ قالارسەن ئىلاھىم!
‹‹ۋايجان - ۋاييەي›› لەپ يېتىپ بىر كېچە ئۆزۈممۇ ئۇخلىمىدىم، ئاتا - ئانام، ئىنى - سىڭىللىرىمنىمۇ ئۇخلاتمىدىم. ئانام بولسا تاڭ ئاتقىچە نۇرنىسا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى تىللاپ قارغاپ چىقتى. دادامغۇ خورەكنى بىر باشلىسا بېشىدا ئۇرۇش پارتلىسىمۇ تۇيمايدىغىنى. ئاخشام ياتقانچە مىدىراپ قويايمۇ دېمەي ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان. ئادەتتە ئانام بەك سەھەر ئويغۇتىۋىتەتتى. بامدادقا ئەزان چىقىش بىلەنلا نوقۇلاپ كايىغىلى تۇرىدىغان بولسا ھېلىغۇ مەنكەنمەن، ئۆلۈك بولسىمۇ چىدىماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكۈدەك تولا چالۋاقايتتى. لېكىن بۈگۈن ئەتىگەن كايىمىدى، مېنى ئويغاتمىدى. بىچارە ئانام ئەزەلدىن يىغامغا تەڭ يىغلاپ، كۈلكەمگە تەڭ كۈلۈپ كەلگەن بولغاچقا، كېچىدىن بىرى مەن بىلەن بىللە ۋايساپ چىققان ئىدى.
ئانام دادامنى ئويغىتىپ مەسچىتكە ئالدىراتتى، ئاندىن تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئادىتى بويىچە بىر ئاش پىشىمچىلىك ۋاقىت بارماقلىرىنى ساناپ دۇرۇت ئوقۇپ بولۇپ جەينامازدىن تۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھويلىغا چىقىپ كېتىۋىدى، بىر ھازاغىچە ھويلىدىن شاخ سۈپۈركىنىڭ شارتىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ خېلى ئۇزۇندا توختىدى. بۇ چاغدا ئىنى - سىڭىللىرىممۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان بولۇپ، جەينامازدا ئولتۇرۇپ كىرسىن چىراغنىڭ يورۇقىدا قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى. مەن بولسام ئاخشام يېگەن تاياقنىڭ ‹‹ھوزورى›› نى سۈرۈپ، جۆنۈمنى كۆتۈرەلمەي ئىنجىقلاپ ياتاتتىم.
ناشتىلىق ئۈچۈن چاي قاينىتىشقا تەمشەلگەن ئانام ئەتىگەندىلا ئەگۈننىڭ بوش جالاقشىپ قېقىلىشى بىلەن:
-توخۇ پوق يېمەستە كىمدۇ بۇ ئەمدى... - دەپ غۇدۇرىغاچ ئىسەنكىرىپ تالاغا ماڭدى. ھايال ئۆتمەي بوسۇغىدا ئاۋال ئانام ئارقىدىن نۇرنىسا پەيدا بولدى. نۇرنىسا ئوڭ قولىدا يوغان بىر ئاياق كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، ئاياقتا ئاش بولسا كېرەك، ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. ئانامنىڭ چىرايى ئاچچىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر قارىداپ كەتكەن بولۇپ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ تۇراتتى. قاق ئەتىگەندە سوغۇق مېھمان بولۇپ ئىشىك چەككەنلىكى ئۈچۈن نۇرنىساغا قاتتىق تېگىپ سالارمۇ دەپ ئەنسىرەيتتىم. تۇرۇپلا نۇرنىسانىڭ ئازار يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگىنىمگە ھەيران بولۇپ قالدىم. ئانام نۇرنىسانى ئۆيگە باشلاپ قويۇپ يا قولىدىكى ئاياقنى ئالمىدى، يا سۇپىغا باشلاپ ئولتۇرۇڭ دېمىدى. ئۇ ھۇدۇققىنىچە بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن سۇپىغا چىقىپ يېنىمغا كەلدى ۋە ئاياقنى ياستۇقۇمنىڭ يېنىدا قويدى:
-قانداقراق تۇرىسىز؟ ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ مىجەزى يوق بولۇپ قالدىمىكىن دەپ يوقلاپ كىرىشىم. ئوخشىتىپ ئۈگرە ئەتكەن، قازاننى چۈشۈرىۋېتىپلا بىر ئاياق ئۇسۇپ كىردىم، ئىسسىقىدا ئازراق ئىچىپ باقامسىز؟
ئۇنىڭ خۇددى ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك قىلچە تارتىنىشسىز، قىلچە ياتسىرىماي تۇرۇپ شۇنداق دېگىنىگە، تېخى ھېچ ئىش بولمىغاندەك پەرۋايىدا يوق ئەھۋال سوراۋاتقىنىغا قاراپ بىر تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلسە بىر تۇرۇپ كۈلكە قىستاشقا باشلىدى. شۇنداقمۇ مەمەدان بولارمۇ قىز بالا دېگەن ھە؟ ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك، قىلغان ئىشى پەقەتلا ئۆزىگە ئېلىنمايدىكەنغۇ ئۇنىڭ!؟ تېخى تۆنۈگۈنلا ھە؟...
- مەنمۇ ھازىر قازان بېشىدىتىم، ناشتىلىق بىر دەمدە تەييار بولىدۇ. ئارتۇقچە جۇۋاپ كېتىپسىز خېنىم بالام! ئاشنى ئېپ چىقىپ ئىمانىخانغا سۇنۇڭ. سىلەرنى ئاۋارە قىلساق بولماس.
ئانامنىڭ زەردە بىلەن دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى. ئەمما نۇرنىسا خۇددى ئانامنىڭ ئاشۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدىغاندەك، قىلچە تەمتىرىمىدى ھەم كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
-ئانامغا سۇنىدىغاننى قازاندا قويۇپ كىردىم، ئەمدى چىقىپ سۇنساممۇ بولىۋىرىدۇ. يا بولمىسا ئۆزى ئېلىپ ئىچىپ تۇرار. بىرەر قېتىم مەن سۇنمىغانغا ئاش ئىچەلمەي قالماس، قوشنا بولغاندىكىن ئانچە - مۇنچە ئىسسىق سۇنۇشۇپ تۇرايلى دىدىم. ئاناممۇ شۇنى شۇنداق دېگەن.
نۇرنىسانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئانامنىڭ چىرايى بىلىنەرلىك تاتاردى، شۇ تاپتا سەپرا مىجەز ئانامنىڭ ئاچچىقىغا ئاران ھاي بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى.
-ۋوي، ۋوي كىم بۇ؟ قەدەم يەتتى بالا يەتمىسۇن قىزىم!
دادامنىڭ شۇنداق دېگىنىچە كىرىپ كېلىشى ئوڭايسىز كەيپىياتنى ئوڭشىدى. ئۇ گويا كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تۇغقىنىنى كۆرۈۋاتقاندەك ئالەمچە خۇشال ئىدى. نۇرنىسانىڭ بۇ ئۆيگە كىرىشى تۇنجى قېتىمدەك، ئەسلىدە بۇرۇنراق مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكتەك، دادام ئۇنىڭغا بەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. بۇنى كۆرۈپ ئانامنىڭ تېخىمۇ بەك جۇدۇنى ئۆرلىدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىمكا! ياسىناخۇننى ئىسسىق ئىچىپ باقامدىكىن دەپ ئۈگرە ئەكىرىۋىدىم، - دېدى نۇرنىسا سەل خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ،- ئەمىسە مەن چىقاي، ئانام ئىزدەپ قالمىسۇن...
-ۋوي ئولتۇرمامسىز قىزىم، خاننىساخان ئانىڭىزنىڭ چېيىمۇ تەييار بولاي دەپتۇ، بىرەر پىيالە چاي ئىچىپ ماڭسىڭىز بولاتتى.
-رەھمەت، بولدى ئۆيگە چىقاي. يەنە كىرەرمەن.
نۇرنىسا شۇنداق دەپ شىپىلداپ ماڭغىنىچە چىقىپ كەتتى. دادام ئانامنى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان نۇرنىسانى ئۇزۇتۇپ قويۇشقا شەرەتلىدى، بىراق ئانام دادامغا قاتۇرۇپ بىرنى ئالىيىۋەتتى- دە، مورا ئوچاقنىڭ ئالدىغا موككىدە ئولتۇرۇپ ئوچاققا ئوتۇن سېلىشقا باشلىدى. دادام ئانامنىڭ بۇ قېلىقىغا قاراپ خىرىلداپ كۈلگىنىچە نۇرنىسانى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى.
ھايال ئۆتمەي قايتىپ كىرگەن دادامنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى.
- مانا، ئالساڭ مۇشۇنداق قىز ئال بالام! - دېدى دادام ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالدا كۈلۈپ ، - بىر قولىدا ئوت، بىر قولىدا سۇ، كارامەت جېنى بار قىز بالا بوپتۇ. تۆنۈگۈن كەچتە ئۇرۇپ ماكچايتىپ قويۇپ، بۈگۈن ئاش كۆتۈرۈپ ئەھۋال سوراپ كىرىپتۇ. مەن مەن دېگەن ئەركەكمۇ قىلالمايدۇ ئۇ قىلغاننى! كۆزۈڭ باركەن بالام، خاتا نىشانلىماپسەن. بولدى، قۇرۇق گەپنى قوي. ساڭا خوتۇن بولۇشقا نۇرنىسادىن باشقىسى بىكار. ئات كاللىسىدەك ئالتۇن كەتسىمۇ ساڭا مۇشۇ قىز بالىنى ئېلىپ بېرىمەن!...
-ۋۇيت دادىسى، چۈشەكەپ قېلىۋاتمايدىغانلا؟! مەن ئېلىپ بەرمەيمىز دەۋاتىمەن ئاۋۇ ئادەم سەتىنى! ‹‹ئەتىگەندە كەلگەن مۇشتتىن يانما›› دەپتىكەن كونىلار، شۇڭا ئىززىتىنى قىلىپ ئۆيگە باشلىدىم، قاتتىق تەگمىدىم. ھېلىراقتا ئۆيىگە چىقىپ دېيىشىمەن تېخى چالىسىنى. ئۆيگە باشلىغىنىمنى خاتا چۈشۈنىۋېلىپ پەيلىدىن يېنىپ قالغان چېغى دەپ قالمىسىلا، مەن بۇ پوتلىۋاشنى بالامغا ھەرگىز ئېلىپ بەرمەيمەن. ھېلىغۇ ئاش كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ، بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن ئېلىپ كىرسىمۇ بىكار!...
-بالا يالغۇز سېنىڭلا بالاڭمۇ؟ مېنىڭ گېپىم ئۆتمەمدۇ بۇ ئۆيدە؟ كاللاڭ بولسا ئويلاپ باق خوتۇن،- دادام ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىنەپ تۇرۇپ قەھرى بىلەن ۋارقىرىدى،- مۇشۇنداق جېنى بار بىر قىز بىلەن ئۆيلەپ قويساق، كېيىنكى كۈنلەردە ئوغلۇڭ كۆڭلى توق، خاتىرجەم ئۆتىدۇ. يا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالمايدىغان، يا كىشىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالمايدىغان، يا قولىدىن كەلمەيدىغان، يا ئاغزىدىن كەلمەيدىغان، ‹‹بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن›› دەپلا گۆشىيىپ ئولتۇرىدىغان تەتۈر پايتىمىلاردىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەھەللىمىزدىكى قىزلارغا قاراپ باققىنا، قايسى بىرى نۇرنىسا، زەينەپلەردەك ئۆزىنى تۈزەپ، كېيىم - كىچەكلىرىنى شاي كىيىپ يۈرىدۇ؟ كۆڭلىنىڭ سۈيى بار ئادەم ئاشۇنداق قىلالايدۇ خوتۇن! نەدىكى پوتلىسىنى ئوڭشاپ ئېيتالمايدىغان قىزلارنى ئېلىپ بەرگىنىڭ بىلەن يا ئۆزىنى ئوڭشاپ ئادەم قىلالماي، يا ئېرىنى ئوڭشاپ ئەر قىلالماي، قاچان قارىسا چاپىنى تىزىدىن ئاشماي ئۆتەمدۇ؟ ‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن›› دېگەن ھېكمەتنى ئۇنتۇپ قالماڭلار جېنىم ئانىسى! مەنمۇ بالىنىڭ بەختىنى ئويلاۋاتىمەن!...
دادام گەپلىرىنى تۈگىتىپ بولغىچە گۈرەن تۇمۇرلىرى كۆپۈپ، چىرايى قىزىرىپ تىترەپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئانامنىڭ گەپلىرىگە بەكلا ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.
-شۇ... شۇ مەنمۇ بالىمىزنىڭ...
-بولدى، سىلە قانداق قارار چىقارساڭلار كارىم يوق. ئانىسىنىڭ ئىككى ئېغىز تىللىۋالغىنىغا قىزىنى ئېلىپ بەرمەيمىز دېگەن گەپنى قىلماڭلار، بىر زامانلاردا سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ مېنى ئاز تىللىغانمۇ؟ تېخى يېرىم كېچىدە كىرىپ ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويمىدىمۇ؟ ‹‹جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولماس›› دەپ بىر گەپ بار، ھە! ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بىلىنى باغلاپ پۇتىنى بىر يەرگە تىكلىسۇن! ئۇنى يامان ئۆتۈگۈپ مۇشۇ كۈنگە كەلدۇق. بۇ قېتىم يول قويمايمەن. ئۇرىدىغاننى ئۇرۇپ بولۇپ ئارقىدىن كۆڭۈل سوراپ كىرگەن بولسا بوپتۇ. ئۇمۇ ئاچچىقىدا شۇنداق قىلغاندۇ. باشتا ‹‹ئالىمەن›› دەپ قويۇپ تەخسىگە چىقىپ بولغاندا گەپتىن يېنىۋالسا كىمنىڭ ئاچچىقى كەلمەيدۇ؟ بۇ توينى قىلغىنىمىز قىلغان. خوشنىلارنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ تەييار بولۇڭلار، پىشىن نامىزىدىن يېنىپ مىجىتاخۇنلارنىڭكىگە داستىخانلىق ئەكىرىمىز!
دادام شۇلارنى دەپ بولۇپ، ناشتىغىمۇ قارىماي ئىشىكنى داراقشىتىپ ئېچىپ چىقىپ كەتتى. ئۆزۈمنى خۇددى ئۇلۇغ بىر ئوتنىڭ ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. دادام چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئانام ئېغىر خىياللار بىلەن خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا مەڭزىگە تاشلىنايلا دەپ قالغان ئىككى تامچە ياش پارقىراپ تۇراتتى. ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاتا - ئانامنىڭ جىدەللىشىپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم. ئەمما بولغۇلۇق بولدى، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. ئەمدى زادى قانداق قىلىش كېرەك. ئانامغا تەسەللىي بېرىشنى ئويلايتتىم، بىراق نېمە دېيىشىمنى بىلمەيتتىم. دادامنىڭ كەينىدىن چىقىشنى ئويلايتتىم، ئەمما ئاغرىق دەستىدىن مىدىرلىيالمايتتىم، ئورنۇمدىن تۇرغىدەك ماغدۇرۇم يوق ئىدى.
-ئانا، چاي تەييار بولدىمۇ؟ بىز مەكتەپكە ۋاخ قالىمىز.
سىڭلىم پەزىلىيەخان مەكتەپكە مېڭىش ئۈچۈن ئالدىراپ ئانامغا ئۆتۈنگەندەك قارىغاندا ئاندىن ئېسىگە كەلگەن بىچارە ئانام، ئىنى - سىڭىللىرىمنىڭ چېيىنى بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى.
دادامنىڭ زورى بىلەن نۇرنىسا ئىككىمىزگە سۆز سالدۇرۇپ قويۇلدى. ھېساپتا نۇرنىسا ئىككىمىزنىڭ توي ئىشى ئاغزاكى كىلىشىمگە ئېگە بولدى دېگەن گەپ. دادامنىڭ نۇرنىسا ھەققىدە ئانامغا كايىغانلىرىنى چۈشىنىشكە، قوبۇل قىلىشقا تىرىشتىم. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ ئوت قويغانلىرى، قىزلارنى توپلاپ مېنى ئۇرغۇزغانلىرى يادىمدىن چىقمىدى. ئاشۇ قىز بىلەن توي قىلىشنى ئويلىسام خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ قالاتتىم. لېكىن نېمە ئامال؟ ئەمدى تىرەجىسەم ئاتا - ئانام قاتتىق ئۇرۇشۇپ كېتىدىغان چىراي. تېخى ئۆزۈممۇ يەتكىچە گەپ ئاڭلىشىم مۇمكىن. بۇ ئۆيدە ئەزەلدىن دادام ‹‹قىلىمىز›› دەپ بىكىتكەن ئىش قىلىنماي قالغان ئەمەس. شۇنداق ئىكەن، ئەمدى بولغاندا قانچە قىلساممۇ گېپىم ئاقمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىغا ئۆزۈم سەۋەپچى. شۇڭا، ھەممىنى ئىتتىكلىكىمدىن كۆرۈپ باشقا گەپ - سۆز قىلمىدىم.
نۇرنىسانىڭ ئاچىسى زەينەپ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان بولغاچقا ئاۋۋال زەينەپنى ياتلىق قىلىپ چىقىرىۋېلىشى، ئاندىن نۆۋەت نۇرنىساغا كېلىشى كېرەكمىش. قائىدە بويىچە باشتا چوڭى، ئاندىن كىچىكى تالالىق بولسا بولىدىكەن. ئىككى قىزنىڭ تويىنى بىللە قىلىش مەسلىھەتىگە ئىمانىخاچام كۆنمەي كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقارغانمىش. بىر ھېساپتا بۇمۇ ياخشى بولدى، بۇ توينى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قانچە كەينىگە سۈرۈلسە مەن ئۈچۈن شۇنچە ياخشى.
تاياق يېگەن كۈنۈمدىن باشلاپ ھېساپلىسام ساق بىر ئاي بولغاندا يۈز - كۆزلىرىمدىكى ئالا - يېشىللار يوقالدى. پۇتۇمدىكى ئىششىق، بەدىنىمدىكى زىدىلەر ساقىيىپ ئادەمگە ئوخشىغىنىمدا نۇرنىسا بىلەن بولغان قەدىناسلىقىم ئاللىقاچان ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ - چىقىپ يۈرۈپ ئانامنىمۇ ئىندەككە كەلتۈرىۋالغان بولۇپ، ئانامنىڭ ھەر گېپىدە ئاغزىدىن نۇرنىسا چۈشمەيتتى. بىرەر نەرسە يېسىمۇ نۇرنىساغا سىقىنىپ ئازراق ئېلىپ قويىدىغان، بىرەر ۋاق تاماق ئەتسە نۇرنىساغا سۇنمىسا يېگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ قارىماققا ياخشى ئىشتەك قىلسىمۇ، ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن يامان خەۋپ بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئانام نۇرنىساغا ۋاي دېيىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق بالىسى مەن ئىدىم، گېلى سىقىلىپ تاتلىق - تۈرۈملەرنى سىقىنىدىغىنىمۇ مەن ئىدىم. ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى، ئەڭ كۆيۈنىدىغىنى، ھەمىشە مۇڭدىشىدىغىنىمۇ مەن ئىدىم. ئەمما ھازىر ئۇنداق بولماي قالدى. ئۇمۇ پىشانەمگە پۈتۈلگىنى دەپ بىلىپ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم.
توي ئىشى چوڭلارنىڭ دېگىنى بويىچە بولغان بىلەن كۆڭۈل ئىشى ئۇلارنىڭ دېگىنىچە بولمايدىكەن. زەينەپنىڭ تويى بولغان كۈنى شۇ تويغا كەلگەن قىزلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ، نۇرنىسا كۆزۈمگە سىغماس بولۇپ قالدى. بەلكىم مېنى تۇتامى يوقكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئويلاپ بېقىڭ، سىز كۆڭۈلنىڭ مۇنداق ئىشلىرىغا يولۇقۇپ باقمىغانمۇ؟ ئىشقىلىپ شۇنداق بولدى. مەن بۇنى كىمگە دېيەلەيتتىم؟ئامالسىز بۇنىمۇ ئىچىمگە يۇتتۇم. بىراق ئۇ قىزنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى تاپتىم. ئۇنىڭ ئىسمى گۈلجامال بولۇپ، خوشنا يېزىدىكى مەسچىتنىڭ خاتىپىنىڭ چوڭ قىزى، بۇ يىل ئون بەش ياشتا ئىكەن. ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈلجامال، يەنى كەم - كۈتىسىز چىرايلىق قىز ئىدى. چولپاندەك كۆزلىرى يۈرەكنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتكۈدەك بىر قارايدىغان بولسا، ئەييۇھەنناس! كىچىك ھەم ئوماق لەۋلىرى خۇددى گىلاس دانىسىدەك ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. ئىشقىلىپ شۇ تويدا بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭغا كۆيدۈم. قانداق قىلىمەن؟ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن مېنى نېمە دەپ تىللىسىڭىز تىللاڭ، ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالغىنىم راست! بۇ ئىشنى ئانامغا دەيمۇ، دادامغىمۇ دەپ بىر قارارغا كېلەلمەي بەك ئۇزاق باش قاتۇردۇم. ئەمما قانداقلا قىلسام ئۇلارنىڭ نۇرنىسادىن يالتايمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
مەيلى قانداقلا قىلسام ئۆزۈم ياقتۇرغاننى ئالىمەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ رايىغا قاراپ ئولتۇرسام بولمايدۇ-دە! بۇ ئىشلارنى كېينگە قويۇپ، ئاۋۋال گۈلجامالنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش قارارىغا كەلدىم. نۇرنىسا چىراي جەھەتتە يامان ئەمەس بولغان بىلەن گۈلجامالدەك چىرايلىق ئەمەس، يەنە كېلىپ، گۈلجامالنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشلىرىمۇ، گەپ – سۆزلىرىمۇ، كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىمۇ خۇددى ئېقىن سۇدەك يېقىملىق، مەجنۇنتالدەك ئەۋرىشىم، ئاپتاپتەك ئىللىق ئىدى. نۇرنىسادەك قوپال، ئەركەك مىجەز، تۇرغان – پۈتكىنى سېپى ئۆزىدىن تومپاي ئەمەس ئىدى. ھەم ئۇنىڭدەك ئاغزىنى ئاچسا ئادەم تىللايدىغان، قولىنى كۆتۈرسە كىشىگە شىلتىپ، شالىنى چاچىدىغان خۇيلىرى يوق ئىدى. ئەمدىغۇ نۇرنىسا باشتىن تارتىپ ئۇنداقمۇ ئەمەستى، شۇ مەن ‹‹توي قىلىمىز›› دەپ ئازدۇرۇپ، مۇشۇ كېچىككە باشلىغاندىن بىرى شۇنداق ئەركەك مىجەز قېلىق چىقىرىۋالدى. بەلكىم ئەركىلەپ شۇنداق قىلىدىغاندۇ، ئەمما بۇنىڭغا داۋاملىق يول قويىۋەرسەم بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھازىر كۆڭۈل نۇرنىسادا ئەمەس.
گۈلجامالنىڭ ئۆيىنىڭ خوشنا يېزىدىكى مەسچىتنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ دەرھال شۇ تەرەپكە چاپتىم، ئاندىن خەقتىن سوراپ سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ ئابدۇللا خاتىپ ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىنى تاپتىم. لېكىن شۇنچە جاپا تارتىپ ئىزدەپ تاپقىنىمغا ھەم چىڭقى چۈشتىن باشلاپ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ، ئەگىپ يۈرگىنىمگە تۇشلۇق گۈلجامال ئۆيىدىن چىقماي قويدى. ئەلۋەتتە، ئۇ مېنىڭ ئىزدەپ كېلىشىمدىن بىخەۋەر ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئاللاھىم ياراتقان ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، خۇدانىڭ ئاپتىپىغا بىرەر دەم قاقلانغىلى بولسىمۇ چىقمىدى. بۇ ئىشقا ئىچىم پۇشۇپ جىلە بولۇپ تۇرسام، ئۆتكەن – كەچكەن قىز – چوكانلارنىڭ سۈيدۈك پۇرىغان ئېشەكتەك چىشلىرىنى چىقىرىپ، بىزەڭلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشلىرى جېنىمغا پاتتى. بۇ يەردە چۆگىلەپ يۈرىۋېرىپ كىملەرنىڭدۇر دىققىتىنى تارتىپ قويغان بولسام كېرەك، يېنىمدىن ئۆتۈپ قالغان بىر قىز كۆزلىرىمنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ – قاراپ قويۇپ، يېنىمدىن قايتا – قايتا ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ ئۆيگە كىرەتتى، ئۇ ئۆيدىن چىقىپ بۇ ئۆيگە كىرەتتى. يەنە ئۇ يەردىن چىقىپ باشقىلا بىر ئۆيگە كىرەتتى. ئىشقىلىپ كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە نەچچە ئۆيگە كىرىپ چىقىپ بولدى. كۆزلىرى مەندىن ئۈزۈلمەيتتى، مېنىڭ ئەتراپىمنى ئايلىنىپ يۈرگەندەك مەن تۇرغان يەرگە كېلىشنىلا خالايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ ھال ئۇنىڭ ماڭا قىزىقىپ قالغانلىقى ھەمدە مەندىن گەپ تاما قىلىپ قالغانلىقىنى پۇرىتىپ تۇراتتى. شۇڭىمىكىن، بۇ يەردە ئايلىنىپ يۈرۈش ماڭا تەس كېلىۋاتاتتى. ئاخىرى بۇنداق ساقلاپ تۇرۇش بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.ئاخىرى كەچمۇ بولدى، كېتەيمىكىن دەپ تۇرسام نەلەردىندۇر مەزىن ئاخۇنۇمىڭ جامائەتنى نامازشامغا چاقىرىپ توۋلىغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى چىقتى. ‹‹توختا!›› دېدىم ئۆزۈمگە كاللامغا بىر ئەقىل كېلىپ. ‹‹نامازشامغا بەرىبىر يولدا قالدىم. شۇڭا گۈلجامالنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ تاھارەتكە سۇ سوراي، تاھارەت ئېلىپ نامازشامنى شۇنىڭ ئۆيىدە ئوقۇۋالاي، مۇشۇ باھانىدا گۈلجامالنى كۆرۈپ كۆزۈمنى ھېيتلىتىۋالارمەن››. تاپقان بۇ ئەقلىمدىن سۆيۈنۈپ يۈرىكىم ئويناپ كەتتى، ئۈستىۋېشىمنى بىرەر قۇر تۈزەشتۇرگەندىن كېيىن ئاستا بېرىپ قوش قاناتلىق ئەگۈننى يېنىك مۇشتلىدىم. شۇ ھامان ھويلا ئىچىدىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ئىشىك ئوچۇق، كىرىۋەرسىلە!
يېنىك ئىتتىرىپ ئېچىشىم بىلەن خۇددى بىر يېرى چىمدىۋېلىنغان ئادەمدەك ئېچىنىشلىق غىچىرلاپ كەتكەن ئەگۈننى ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ، ئەيمىنىپقىنا ھويلىغا كىردىم. ھويلىدا بېشىغا ئاق ياغلىق تاشلىۋالغان، ئۇزۇن چىت كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكى يەر سىيپاپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال بىر دانە چىلەكنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەن كىرىپلا ئوڭ قولۇمنى كۆكسۈمگە قويۇپ ئايالغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلدىم:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاچا!
ئۇ مېنى كۆرۈپ قولىدىكى چىلەكنى يەردە قويدى ۋە قول باغلاپ تۇرۇپ سالىمىمغا جاۋاپ قايتۇردى:
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام! ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟ بۇيان كەپسىز؟
-ھە، بىر ئىش بىلەن تۆۋەنكى مەھەللىدىن كېلىۋىدىم، قايتاشىمدا كەچ قالدىم. قارىسام نامازشام قازا بولۇپ كەتكۈدەك، شۇڭا... شۇڭا تاھارەتكە سۇ بېرەرمىكىن دېگەن ئۈمىدتە كىرىۋىدىم خان ئاچا! ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلسام بولارمۇ؟
قىزارماي – تاتارماي شۇنداق دېيەلىگەنلىكىمدىن بىر تۇرۇپ نۇمۇس قىلىپ كەتتىم. لېكىن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم. ئۆزۈمنى ئۇرۇپ بەرسەممۇ ئاغزىمدىن چىقىپ بولغان گەپنى ئىچىمگە سۇلىۋالالمايمەن.
-ۋاي بولمامدىغا بالام،- دېدى ئايال چىرايىغا ۋىللىدە كۈلكە يۈگۈرتۈپ،- تولا ئوبدان بولىدۇ. بۇ ساۋاپنى خۇدايىم بىزگە يەتكۈزگەن چېغى،- ئۇ شۇنداق دەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ سوقما تاملىق ئۆينىڭ مىلەڭزىلىك ئىشىكىگە قاراپ توۋلىدى،- گۈلجامالخان بالام! ھۇي گۈلجامالخان! شاققىدە چۆگۈندە سۇ ئەپچىقىڭە خېنىم بالام!
ئايالنىڭ گۈلجامالنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشى بىلەن يۈرەكلىرىم تېخىمۇ ئويناپ، باشقىچە سوقۇپ كەتتى. لېكىن چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ھويلىنىڭ ئۇ يەر – يەرلىرىگە قارىغان بولۇپ تۇرىۋالدىم
-بىزنىڭ ئاخۇنۇم مەسچىتكە چىقىپ كەتكەن، تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە بارغىچىلىك نامازنىڭ ۋاقتى كەتكىدەك ئەمدى. مەن ئۆيگە جەيناماز سېلىپ قوياي، باغ تەرەپتە تاھارەت ئالىدىغان يەر بار، سىلى دىككىدە چىقىپ كىرسىلە غوجام بالام.
ئايالنىڭ شۇنچىلىك مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان گەپلىرى كۆڭلۈمنى شۈررىدە ئىرىتىپ، ۋۇجۇدۇمغا ئىللىق بىر سېزىم تارقىتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئىمانىخاچامنىڭ قوپال گەپ – سۆزلىرى ھەم سەت ئىزا – ئاھانەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ھايال ئۆتمەي گۈللۈك مىلەڭزە قايرىلىپ ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ، چۇچىلىق ياغلىقىنى بويۇنلىرىنى يۆگەپ چىگىۋالغان، ئوسما قويغان ئىنچىكە قاشلىرى قارلىغاچنىڭ قاناتلىرىدەك قايرىلىپ تۇرىدىغان گۈلجامال ئىشىكتە پەيدا بولدى. ئۇ بوينى ئۇزۇن مىس چۆگۈندە سۇ كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، مېنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى، ئاندىن ھۇدۇقۇپقىنا كېلىپ قولىدىكى چۆگۈننى ئانىسىغا سۇندى. ئايال گۈلجامالنىڭ قولىدىكى چۆگۈننى ئېلىپ ئىككى قوللاپ ماڭا سۇندى:
-مەڭسىلە بالام، باغقا ئىۋۇ تەرەپتىن كىرىدىلا،- دېدى ئۇ سوقما تامنىڭ يان تەرىپىگە قولىنى چىنەپ كۆرسىتىپ،- مەن جەيناماز سېپ قوياي.
ئايالنىڭ قولىدىن چۆگۈننى ئېلىپ ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە ماڭدىم. چۆگۈننى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپلا قاياققىدۇر غايىپ بولغان گۈلجامالغا ئاچچىقىم كېلىپ ئىچىمدە غۇدۇراپ قويدۇم. تاھارەت ئېلىپ ھويلىغا كىرگەن چېغىمدا نامازشامنىڭ دەل ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ بىركىمنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئازراق تۇردۇم. بىراق بايىكى ئانا – بالا ئىككەيلەننىڭ بىرسىمۇ يوق. شۇنىڭ بىلەن غەيرەتكە كېلىپ مىلەڭزىنى قايرىپ ئىشىكنى چەكتىم. ئىشىكنى بايىقى ئايال ئاچقان بولۇپ، ئۆي ئىچى كىرسىن چىراغنىڭ يورۇقىدا غۇۋا يورۇپ تۇراتتى. مەن ئۆيگە كىرىپ قولۇمدىكى چۆگۈننى ئايالغا ئۇزاتتىم.
-كەلسىلە بالام، ئەنە جەيناماز، ئاخۇنۇمنىڭ يەكتىكىنى كىيىۋالاملا يا بالام؟
-بولسىغۇ...- دېدىم ئارتۇق گەپ قىلالماي. قارىسام گۈلجامال جەينامازدا ئىكەن. ماۋۇ ئاچامغا بىلدۈرمەي ئۇنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقاندىكى تۇرقىغا سىنچىلاپ قاراپ چىقتىم. ئۇنىڭ ئىگىلىشلىرى، ئولتۇرۇپ قوپۇشلىرىمۇ شۇنچىلىك ئەۋرىشىم، نازاكەتلىك ئىدى. توۋا! ئەسلىدە كۆڭۈل دېگەنمۇ تېگى – تەكتىدىن چىرايلىققا، نازاكەتلىككە، ئەدەپ، ئىمانلىققا كۆيىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۆزۈممۇ بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قاپتىمەن. ئايال ناۋات رەڭلىك ئۇزۇن يەكتەكنى ماڭا ئۇزاتقاندا ئاندىن ئېسىمگە كەلدىم ۋە يەكتەكنى كىيىپ، شاپاق دوپپامنى ئوڭشاپ كېيىپ جەينامازغا چىقتىم. بۇ ئابدۇللا خاتىپ دېگەن ئاخۇنۇم دەرۋازىدەك يوغان، تەمبەل كىشى بولسا كېرەك، مېنىڭ ئورۇق، ۋىجىك ئۇستىخىنىم ئۇنىڭ يەكتىكى ئىچىدە لاغايلاپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ چاپىنى ئۈستىدىن چىگىۋالغان پوتامنى يېشىپ ئېلىپ يەكتەك ئۈستىدىن باغلىدىم-دە، قەددىمنى تىك تۇتۇپ نامازغا تۇردۇم. بىراق ھە دېگەندىلا دىققىتىم گۈلجامال تەرەپكە كېتىپ قېلىپ ئايەتلەردە نەچچە ئازدىم. ‹‹ئەستاغپۇرۇللا شەيتان!›› نى تولا دەپ ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ شام نامىزىنى ئوقۇپ بولغان چېغىمدا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى. مەن جەينامازدىن چۈشكەندە گۈلجامال كات سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان داستىخانغا ياغاچ ئاياقلارغا ئۇسۇلغان قۇناق ئۈگرىسىنى قويۇۋاتقان ئىكەن. ئايال ئىچكەركى ئۆيدىن لىگەندە نان كۆتۈرۈپ چىقىپ داستىخانغا قويدى ۋە ماڭا قاراپ باشقىچە ئىللىق كۈلۈمسىرىدى.
-ئاشمۇ پىشىپ قاپتۇ، كەلسىلە بالام بىرەر قوشۇقتىن ئىسسىق ئىچىلى. ئاخۇنۇمنىڭ مەسچىتتىن يېنىشىغا ئۈلگۈرتۈپ پىشۇرايلى دەپ قازاننى توختىتىپ قويغان. بىرەر ئىش چىقىپ قالدىمىكى، سەل ھايال بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، ھېلىغىچە كېلىپ قالار. بىز تاماققا باققاچ تۇرىلى،- دېدى ئايال مېنى داستىخانغا تەكلىپ قىلىپ. مەن ئۆزرە ئېيتىپ قايتماقچى بولدۇم ۋە ئۇچامدىكى يەكتەكنى سېلىپ ئايالغا ئۇزاتتىم، ئايال قولىدىكى ئۇن يۇقۇندىلىرىنى قېقىشتۇرۇپ تۇراتتى، ئاڭغىچە گۈلجامال شىپىرلاپ كېلىپ قولۇمدىكى يەكتەكنى ئالدى. ئۇ يەكتەكنى ئالغىچە كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى، نە ئۇچراشتىكى ئۇنىڭ ماڭا لەپپىدە قارىغان كۆزلىرىدىن يۈرىكىمگە بىر ئۇلۇغ ئوت تۇتاشتى. جايىمدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. ئايالنىڭ ماڭا يەنە نېمە دېگەنلىكىنى ئىلغا قىلالمىدىم. ئىشقىلىپ داستىخانغا كېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنىلا بىلىمەن. قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئايال كۆرسەتكەن جايغا كېلىپ يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇردۇم. ئايال ئالدىمغا قويغان بىر ئاياق قۇناق ئۈگرىسىنى قولۇمغا ئېلىشىمغا ئىشىك ئېچىلىپ مەيدىسىگىچە ساقال قويۇپ، ئۇزۇن يەكتەك، قازاندەك يوغان ئاپئاق سەللە كىيىۋالغان سالاپەتلىك بىر كىشى كىرىپ كەلدى. دەرھال قولۇمدىكى ئاياقنى داستىخانغا قويۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ قول باغلىدىم:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئاقساقال دەسلەپ مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن قولىنى ماڭا ئۇزۇتۇپ ئالدىمغا كەلدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!...
ئىككىمىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشكىچە چىداپ بولغۇسىز بىر ئوڭايسىزلىق تاپىنىمدىن كىرگىنىچە چوقامغا كېلىپ توختىدى. چىقىپ كېتەي دېسەم ئاسمان يىراق، كىرىپ كېتەي دېسەم يەر قاتتىق تۇيۇلۇپ، بۇ ئۆيگە كىرگىنىمگە ئۆلگىدەك پۇشايمان قىلدىم. بىراق نېمە ئامال؟ بۇ قازان سەللە ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىدىن سامانلىققا چاپقان موزايدەك يۈگرۈپ چىقىپ كەتكىلى بولمىسا! چىراق غۇۋا يورۇق چۈشۈرۈپ تۇرغان بولغاچقا ئاخۇنۇمنىڭ مېنى كۆرۈپ قانداقراق كەيپىياتتا بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى تەھلىل قىلغۇدەك ھەپسىلەممۇ يوق ئىدى.
-يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپتىكەن بۇ بالام،- دەپ چۈشەندۈردى ئايال ئاخۇنۇمغا قاراپ،- شام نامىزى قازا بولۇپ كەتمىسۇن دەپ تاھارەتكە سۇ سوراپ كىرىپتۇ. شۇڭا ئۆيگە باشلاپ ساۋاپ ئالاي دېدىم. ئاڭغىچە ئاشمۇ پىشىپ قاپتىكەن، ئىسسىق ئىچىپ ماڭسۇن دەپ تۇتۇپ قالدىم قارىسلا.
بۇ گەپ بىلەن قازان سەللە ئاخۇنۇمنىڭ چىرايىدا ئاپتاپتەك كۈلكە پارلىدى.
-ئوبدان، ئوبدان بوپتۇ. ساۋاپلىق ئىش قىپسىلە ئانىسى. خۇدايىم تاھارەتكە سۇ بەرگەن قولۇڭلاغا دەرت كەلتۈرمىسۇن.
قازان سەللە ئاخۇنۇم شۇنداق دېگەچ بېشىدىكى چاقما كاۋىدەك يوغان سەللىسىنى ئېلىپ گۈلجامالغا، يوتقاندەك ئازادە ھەم چوڭ يەكتىكىنى سېلىپ ئايالىغا ئۇزاتتى. ئاندىن تەرلەپ پارقىراپ كەتكەن بېشىغا ئايالى تەڭلىگەن شاپاق دوپپىسىنى كىيىپ داستىخانغا كېلىپ بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇردى.
ئۇ كۈنى تاماقتىن كىيىن چىرايلىق خوشلىشىپ يېنىپ كەلدىم. مەن ئەگۈن دەرۋازىدىن چىققاندا ئاخۇنۇم بىلەن ئايالى ئارقىمدىن چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. لېكىن گۈلجامال چىقمىدى. كاشكى، ماۋۇ ئىككەيلەن چىقماي گۈلجامال چىققان بولسىچۇ! ھەتتىگىنەي! شۇنچە تىرىشقانلىرىمغا بولسىمۇ گۈلجامالنىڭ ئاۋازىنى بىر ئاڭلىغان بولسام، ياكى كۆزىنىڭ قويرۇقىدا بولسىمۇ ماڭا بىرەر قېتىم قاراپ قويغان بولسا خۇشلۇقتا يۈرىكىم يېرىلىپ كەتمەس ئىدى، ئۇنىڭ بېرى بولار ئىدىم. ئەمما بۇ ئارزۇيۇممۇ مەن بىلەن بىللە قەدىناس مەھەللەمگە قاراپ يول ئالدى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا خۇشال ئىدىم. خىيالىمدا نۇرنىسا بىلەن گۈلجامالنى، ئىمانىخاچام بىلەن گۈلجامالنىڭ ئانىسىنى، مىجىتاخۇنكام بىلەن قازان سەللە ئاخۇنۇمنى سېلىشتۇرۇپ ئاجايىپ زور ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن گۈلجاماللارنىڭ ئائىلىسى نۇرنىسالارنىڭ ئائىلىسىىدن كۆپ ياخشى بىلىندى. تېخى كەلگۈسۈم ئۈچۈن شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ، غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ مېڭىپ قانداقسىگە مەھەللىگە كېلىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەپ قاپتىمەن. مەن ئۆيگە كىرگەندە ئىنى – سىڭىللىرىم ئاللىقاچان ئۇخلاپ بولغان، ئانام بىلەن دادام مەندىن ئەنسىرەپ ياتمىغان ئىكەن.
-نەگە باردىڭ ۋوي جىن ئېپقاچقاندەكلا يوق بوپ كەتتىڭغۇ چۈشتىن بىرى؟- دېدى دادام كۆزۈمگە قادىلىپ،- يا بارىدىغان يېرىڭنى دەپ قويۇپ ماڭساڭ، ئاناڭ بىلەن ئۇكىلىرىڭ سېنى ئىزدەپ بارمىغان يېرى قالمىدى...
-شۇنى دەيمەن، ئەنسىرەپ قالار دەپ ئويلىمايدىغان ئىشما جېنىم بالام؟ خىيالىمدىن كەچمىگەن ئىشلار قالمىدى. ئۇھ يۈرىكىم، توۋا! ھەجەپ بىر بالا بولدۇڭغۇ زادى!...
-ۋاي، مانا مەن بارغۇ دادا... يۇقارقى مەھەللىدە نەزىر بوپتىكەن، ئاغىينە بالىلار بېرىپ كېلەيلى دېگەنتى، بىللە بارغان... كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىردەم ئولتۇرۇپ قېلىپ كەچ بوپ قالغىنىنى بىلمەپتىمەن. پىيادە ماڭغاچقا ئۇزۇندا كېلىپ بولدۇم.
يەنە يالغان گەپ قىلدىم. ئەمما بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئەيىپلىمىدىم. گۈلجامالنى كۆرۈۋالدىم تېخى بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالاندىم. ئاتا – ئانىسى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم. ھەر ھالدا ياخشى تەسىر قالدۇردۇمغۇ دەيمەن!؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ يالغان ھەقىقەتەن ئەرزىيتتى. ئىشقىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ بۇرۇتىدىنمۇ ئۆتۈپ كەتتىم.
شۇنىڭدىن كېيىن ئارا كۈندە بىر گۈلجاماللارنىڭ مەھەللىسىگە قاترايدىغان بولدۇم. بېرىپ ئۇياق - بۇياققا ئايلىنىپ يۈرەتتىم، بىراق تۇنجى كۈنى كىرگەندىكىدەك ئۆيىگە ئۈسۈپلا كىرىشكە مۇمكىن بولمىدى. ئۇ چاغدىكى تاھارەتكە سۇ سوراش باھانىسىنى ھەر قېتىم ئىشلىتىۋەرگىلى بولمايدۇ-دە! ئەمما ساراڭ كۆڭۈلنىڭ قۇترىتىشى يامان چىقىپ قېلىپ، پۇتلىرىم ھە دېسە شۇ تەرەپكە تارتاتتى. ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ بۇنىڭغىمۇ ئانچە - مۇنچە چارىلارنى تاپتىم.
ئۇ زامانلاردا ھازىرقىدەك ئىسىل جاۋەنلەر، ئاشخانا جابدۇقلىرى نېمىش قىلىدۇ؟ نان - پانلارنى سېۋەتكە سېلىپ، تورۇسقا ئاسقۇ ياساپ، سېۋەت بىلەنلا ئېسىپ قويۇپ ساقلاپ يەيتتۇق. بۇنىڭ بىلەن چاشقانلارنىڭ غاجىلاپ بىزەپ قىلىۋېتىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى. بىر كۈنى ئانام سارغايتىپ پىشۇرۇپ سىۋەت بىلەن ئاسقۇغا ئېسىپ قويغان زاغرا ناندىن بەشنى، دادام يەكشەنبە بازاردىن ئالغاچ چىققان قوش مۇشتتەك ئاناردىن ئىككىنى بىر ياغلىققا چەگدىم-دە، پىيادە ھالدا يۇقارقى مەھەللىگە قاراپ ماڭدىم. ئابدۇللا خاتىپنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۈستىۋېشىمنى بىر ئاز تۈزەشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئاستا بېرىپ ئەگۈننى يېنىك مۇشتلىدىم. بۇ قېتىم ئۆيدە گۈلجامالنىڭ ئانىسى يالغۇز بولۇپ، گۈلجامال ۋە ئابدۇللا خاتىپ يوق ئىكەن. مەن ئۆيدىن يۇشۇرۇنچە ئالغاچ كەلگەن نان ۋە ئانارنى خاتىپنىڭ ئايالىغا قوش قوللاپ ئۇزاتتىم ۋە يالغان ئېيتىپ ‹‹ئۆتكەندە ئۆيلىرىگە باشلاپ نامازغا جاي راستلاپ بەرگەنلىرى ھەم داستىخانغا باشلاپ مېھمان قىلىپ ياخشى كۈتىۋالغانلىرىنى ئانامغا دەپ بەرگەن ئىدىم، ئانام سىلىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنى سىلىگە ئەۋەتتى ھەم ئۆزلىرىگە سالام ئېيتتى›› دېدىم. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ خۇشلۇقىدىن بۈۋىم ئاچامنىڭ ئېغىزى قۇلىقىغا يەتتى. ئىشقىلىپ بۇرۇتىدىن ئۆتۈۋالدىم، يالغان سۆزلىگىنىمنى كىم بىلەتتى؟!
بۇ ئايالنىڭ دەپ بېرىشىچە، گۈلجامال بۇلارنىڭ ئۆز قىزى ئەمەس بولۇپ، ئۆز ئاتا - ئانىسى سەيپۇللا قارىم بىلەن بەختىخان گۈلجامال سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنى ئابدۇللا خاتىپ بىلەن ئايالىغا ئامانەت قىلىپ قويۇپ، ھەرەمگە ھەج قىلغىلى كەتكىنىچە، تېخىچە ھەج قىلىپ بولالمىدىمۇ ياكى قازا يېتىپ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىپ قالدىمۇ، خەت - خەۋەرسىز غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ. گۈلجامال ئەنە شۇنىڭدىن بىرى ئابدۇللا خاتىپ بىلەن ئايالىنىڭ تەربىيىسىدە ئىكەن. ئۆز ئاتا - ئانىسى بۇ ئۆيدە قويۇپ كەتكەندە گۈلجامال ئەقلىنى جورىغۇدەك ياشتا بولغاچقا تېخىچە ئۆزىنى ئالغىلى كەلمىگەن ئاتا - ئانىسىنى تولا ئەسلەپ خىيال سۈرىۋېرىپ، جىمغۇر، خىيال سۈرۈشكە ئامراق، ئادەملەرگە ئارىلاشمايدىغان، ئىچ مىجەز قىز بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى سوراپ تالاي ئەلچىلەر كەلگەن بولسىمۇ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكىدىن تېخىچە خەۋەر بولمىغاچقا ئابدۇللا خاتىپلار كەلگەن ئەلچىلەرنى ئۆزرە بىلەن ياندۇرۇپ، قىزنى بالا قىلىپ ئۆتىۋېرىپتۇ.
ئۇ كۈنى ئىشلار شۇنداق بولدى. مەن خوشلىشىپ يېنىپ چىققۇچە ئابدۇللا خاتىپ بىلەن گۈلجامال قايتىپ كەلمىدى. بۇ قېتىممۇ ئۇنى كۆرەلمەي، لىۋىمنى ئارمان بىلەن چىشلىگەن پېتى مەھەللەمگە يول ئالدىم. ئەتىسى دادام تاپشۇرغان ئىشلارنى بىر قۇر قىلىۋېتىپ قولۇمنى بوشاتتىم-دە، يەنە بىر باھانە تېپىلىپ قالار دەپ ئۈمىد باغلاپ گۈلجاماللارنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدىم. كېتىۋاتسام كىچىك ۋاقتىمدىكى ئاغىنەم بەكرى، ھېلىقى قۇشقاچ كامىرىدىن يىلان ئېلىپ قورقۇپ كەتكەن بەكرى ئاغىنەم ئۇچراپ قالدى. قارىسام قولى ئۇزۇن بەزى كىشىلەر ، بولۇپمۇ كەنتىمىزدىكى مەكتەپكە يىراقتىن كېلىپ - كېتىپ ئىشلەيدىغان مۇئەللىملەر كۆتىنى ئارتىۋېلىپ، پالاققا ئوخشايدىغان بىر جۈپ پەنجىسىگە ئىككى پۇتلاپ توختىماستىن تېپىپ ھەيدەيدىغان، مەھەللىدىكى چوڭلار ‹‹شەيتان چاق›› دەپ ئاتىۋالغان ئىككى چاقلىق، توپاق مۈڭگۈزىدەك غەلىتە تۇتقۇچى بار بىر نېمىگە مىنىۋېلىپ شۇنىڭ چاقىنى غىلدىرلىتىپ دومىلاتقىنىچە ئالدىمدىن چىقىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇ مەندەك مەكتەپتىن چىقىۋالماي ئۆرلەپ ئوقۇغان بولغاچقا ھازىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى. دارىلمۇئەللىمىن دەمدۇ، دارىلمۇتەسسىپ دەمدۇ، ئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنمىش. شۇنداق قىلىپ بۇ مۇئەللىم ئاداش كۆتىدىكى شەيتان چاقنى يورغىلىتىپ ئالدىمغا كەلدى ۋە بوينىنى لىككىدە ئېتىپ سالام قىلىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشكە تەمشەلدى. ئۇنىڭ بۇ قېلىقىغا قاراپ خۇيۇم تۇتتى. شۇ ھامان ئالدىنى تورىدىم:
-توختاڭلار بەكراخۇن! مۇشۇ كۈنلىدە بەك ھالىڭلار يوغان بولىۋالدى جۇما سىلىنىڭ! ،- دېدىم ئۇنىڭ ئالدىنى بىر قولۇمنى ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ توسۇپلا،- نېمەڭلىكەن بۇ؟ شەيتان چاققا كاسىسىنى ئارتىۋالغان كىشى شۇنداق يوغىناپ كېتەمدىكەن يا؟
-ياق... ياق ئاداش...- بەكرى ھۇدۇقۇپ ئاران سۆزلىدى ۋە بۇقا مۇڭگۈزلۈك تۇتقۇچنىڭ بىر يەرلىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئاستىدىكى شەيتان چاقنى توختاتتى،- ئۆيگە ئالدىراپ دەڭلا، يوغىناپ كەتكەن ئىش يوق. شۇ دادام بۈگۈن رۇخسەت سوراپ يېنىپ كەل، جىددىي ئىش بار دېگەن... شۇ... شۇڭا...
-ھە، شۇنداق بولسىمۇ خۇدانىڭ سالىمىدىن بىرنى بېرىۋېتىپ ماڭىلى ئاداش ھەر قانچە پۇلغا ئالغان سالام بولسىمۇ.
-ۋاي توۋا!... نېمانچە گەپ قىلىسەۋۇي ياسىناخۇن؟ ھەجەپ تەئەددى قىپ كەتتىڭلا ئەل - ئۆمرۈمدە بىر قېتىم ئالدىڭلىدىن توغرا ئۆتۈپ قالغانغا...
بەكرى قىزاردى، ئارقىدىن بۆزدەك تاتاردى. ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەنلىكى ئېنىق ئىدى.
-ھە بولدى، بولدى، چاقچاق قىلدىم ئاداش. ھە راست، نېمەڭلىكەن بۇ كۆتۈڭلىگە باستۇرۇپ يورغىلىتىپ يۈرگىنىڭلار؟
-بۇ ۋېلىسىپىت ئاداش.
-ھە، قانچە پۇلكەن بۇ تۆمۈر؟ نەدىن ئالدىڭلا؟
-ئاۋۇ سودا كوپىراتىپىنىڭ دۇكىنىدىن ئالدىم ئاداش. ئاتمىش كوي.
-نېمە؟ ئاتمىش كوي؟ ياۋپىر!... ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان مال - دۇنيايىڭلار باردە ئاداش. ھۆكۈمەتنىڭكىنى يەۋاتامسىلەر يا؟
ئۇ زامانلاردىكى ئاتمىش يۈەننىڭ ھازىرقى ئالتە مىڭ يۈەندەك قىممىتى بولغاچقا بۇ شەيتان چاقنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. لېكىن دەقىقە ئۆتمەي ئىچىمگە بىر ئوت كىرىۋالدى، يەنى بۇ ۋېلىسىپىت دەپ ئاتىلىدىغان يورغىلىغۇچنى مىنىشنى ئۆگۈنۈپ، ئاندىن دادامغا دەپ بىرنى ئالدۇرۇش قارارىغا كەلدىم.
-ئەكىلىڭلا مەن بىر ئارتىلىپ باقاي بۇنىڭغا،- شۇنداق دەپ بەكرىنىڭ بېرىش - بەرمەسلىكىگە قارىمايلا شەيتان چاقنىڭ توپاق مۈڭگۈزلۈك تۇتقۇچىنى تارتىۋالدىم، ئاندىن كاسامنى ئۆچكە يۈزىگە ئوخشايدىغان ئولتۇرغۇچىغا قويۇپ پالاق تەپكۈچىگە پۇتۇمنى ئالدىم ۋە كۈچ بىلەن تەپتىم. شۇنداقلا تەپكىنىمنى بىلەتتىم، بۇ نەرسىنىڭ ئۇنچىۋالا تىزلىكىنى نەدىن بىلەي؟ شەيتان چاق بىلەن قوشۇپلا يولغا دومىلاپ چۈشتۈم. ئۈستىۋاشلىرىم توپىغا مىلىنىپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەننىڭ تاشايىنىدا سول تەرەپ بەدىنىم سىرقىراپ ئاغرىپ كەتتى. ئاچچىقىمدا شەيتان چاقنى زەرپ بىلەن ئىتتىرۋەتتىم.
-قانداق نېمە بۇ؟! ئۈسكەك بوقىدەك قېلىقى باركەن دېسە؟... ۋاي ... ۋاي...
ھى ھى... - كۈلدى بەكرى مېنى يۆلىگەچ،- چىچالمىساڭلا پوقاڭلىدىن كۆرمەڭلا ئاداش. مەنمۇ ھەيداۋاتىمەنغۇ بۇنى؟ ئۆگۈنىۋالساڭلا ھېچقانچە تەس ئىش ئەمەس بۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەندە شەيتان چاقنى ھەيدەشنى ئۆگۈنۈش ئىستىكى قوزغالدى.
-ئەمسە ماڭا ئۆگۈتۈپ قويۇڭلا ئاداش. ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن، سىلىدىن ماڭا شۇ ھۈنەر بولسىمۇ يۇقسۇن.
-ھە شۇ، كىچىك چاغلىرىمىزدا سىلىدىن ماڭا خېلى - خېلى ھۈنەرلەر يۇققان ئىدى، ئەمدى قايتۇرۇپ بەرمىسەممۇ بولماس ھە؟ ھى ھى ھى...
-ھاھاھاھ...
بەكرى كىچىك چاغلىرىمىزدىكى كەپسىزلىكىمىزنى ۋە مەن ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن ئەسكى قېلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دەۋاتاتتى. ئۇنىڭ چاقچىقىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم.
-بۈگۈن بولمايدۇ ئادىشىم،- دېدى بەكرى كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىپ،- دادام رۇخسەت سوراپ يېنىپ كەل دېگەن. ئۆيدە قارىشىپ بەرمىسەم بولمايدىغان مۇھىم ئىش باركەنمىش. ئۆگۈنلۈككە دەم ئالىمەن. شۇ چاغدا ئۆگۈتۈپ قوياي.
گەپ شۇنداق قارار تاپتى. بەكرىنىڭ ۋېلىسىپىتىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ يېرىم يولدىنلا مەھەللىگە قايتىپ كەلدىم ھەمدە ئۆگۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ، ئۆيدىكى ئىشلارغا ياردەنلەشكەچ مۇزدۇزلۇق ھۈنىرىمگە كىرىشىپ كەتتىم. ئەممە كاللامدىن گۈلجامالنىڭ خىيالى بىر دەممۇ نېرى بولمايتتى.
بەكرىنىڭ زىرىكمەي ئۆگۈتۈشى ۋە يىتىلەپ بېرىشى بىلەن ئاخىرى ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگۈنىۋالدىم. بىراق ئائىلىمىزدە ۋېلىسىپىت ئالغۇدەك پۇل يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا بىزدەك دېھقان خەق دېگەن ئاتمىش كوي ئەمەس، ئالتە موچەننىمۇ تىترەپ تۇرۇپ خەجلەيدىغان ۋاقىتلار بولغاچقا بىرلا ۋاقىتتا بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى غەملەش تەس ئىدى. بىراق، بۇ نەرسىنى مىنىپ بېرىپ گۈلجامال ۋە ئۇنىڭ باققان ئاتا - ئانىسىغا بىر كۆرسىتىپ قويغۇم كېلىپ چىدىيالماي قالدىم. شۇنداق قىلالىسام ئۇلارنىڭ ئالدىدا نوچى ھېساپلىناتتىم. دۇكاندىن ھازىرلا سېتىۋېلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن بەكرىنىڭ ۋېلىسپىتىنى يېرىم كۈنلۈك سوراپ، قۇيۇندەك تىز ھەيدىگەن پېتى گۈلجاماللارنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ ئۇچتۇم. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىنى يۈرەكلىك ھالدا چەكتىم. تاپقان سەۋەبىم ‹‹ۋېلىسىپىت ھەيدەپ ئۇزاق يول يۈرۈپ، ھېرىپ ئۇسساپ كەتكەچكە ئۇسسۇلۇق سوراش›› بولدى. ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىغا ئوخشاشلا يەنە قىزغىن قارشى ئېلىندىم. بۇ قېتىم ئۆيدىكى ھەممەيلەن بار بولۇپ، ئۇلارغا ‹‹كۆرسىتىپ›› قويۇش مەقسىتىمگە تولۇق يەتكەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، ھېلى ئۇ ئىشنى، ھېلى بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ يۈرۈپ تولا كىرىۋېرىپ بۇ ئۆينىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندىم. تېخىمۇ ياخشى يېرى، خاتىپ ئاخۇنۇم باشقىلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشقا تولىمۇ ئامراق كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى خوشياقمىسىمۇ ئاڭلاشقا ئىنتىزاردەك قىياپەتتە زەڭ قويۇپ ئاڭلاپ، زېرىكسەممۇ خۇشتاردەك كوچىلاپ سوراپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىسىغا، سادىق مۇرىتىغا ئايلاندىم. شۇنداق بولغاندا بۇ ئۆيگە قاچان خالىسام شۇ چاغدا كېلەلەيتتىم. ‹‹دەرس ئېلىش›› باھانىسىدا كەلسەم بولىۋىرەتتى ھەم ھېچكىم گۇمان قىلمايتتى. يەنە كېلىپ ھەر قېتىم كەلگەندە بەكرىنىڭ ۋېلىسىپىتىنى سوراپ، شۇنى ھەيدەپ كېلەتتىم. ئەمما تاكى بۇ ئىش بۇزۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ ئۆيدىكىلەر مەندىن قىچلىلىك گۇمان قىلمىدى. يەنى گۈلجامالنى ماراپ كەلگىنىمنى ھېچ كىشى بايقىمىدى. شۇ تەرزدە بىرەر ئايچە گۈلجاماللارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ - كېتىپ، ئىش - كۈشلىرىگە قارىشىپ بېرىپ، ئاخۇنۇمنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلاپ يۈردۈم.
بىر كۈنى يەنە شۇ ۋېلىسىپىتنى سوراپ ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. ئاخۇنۇم ھويلىدى تال - باراڭنىڭ ئاستىدىكى سۇپىدا قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئاخۇنۇمنىڭ ئايالى قەمەرخان بۈۋىم بىلەن كۆرۈشتۈم، ئاندىن تىلاۋىتىنى قىلىپ بولغىچە ياردەملىشىدىغان ئىش - كۈش بولسا قارىشىپ بەرگەچ تۇراي دېدىم. قەمەرخان بۈۋىممۇ تەكەللۈپ قىلمايلا مېنى باغقا باشلاپ چىقتى ۋە يوغان بىر كۆتەكنى كۆرسىتىپ مۇشۇنى ئوتۇن قىلىپ پارچىلاپ بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن پالتىنى قولۇمغا ئېلىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىمدىن ئۇزاقراق ھەپىلىشىپ يۈرۈپ كۆتەكنى ئوتۇن قىلىپ ئۇششاق پارچىلاپ بولدۇم. بۇ چاغدا ھېرىپ - تەرلەپ ھالىم قالمىغان ئىدى. تالاشقا سالغان ئىتتەك ھاسىراپ، پىشانەمدىن ساقىۋاتقان تەرنى سۈرتۈپ ھويلىغا كىرسەم بايا ئاخۇنۇم قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان سۇپىدا چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئانام، قۇرسىقىنى ھازىرلا تۇغىدىغاندەك دومبايتىۋېلىپ، يامغۇردەك ياش تۆكۈپ نۇرنىسا ئىككىسى ئولتۇراتتى. قەمەرخان بۈۋىمنىڭ چىرايى خەسىدەك تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئاخۇنۇممۇ تىترىگەن ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتى.
-ھۈ ھۈ ھۈ... توۋا خۇدايىم! تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالىسىنىڭمۇ يۈز - خاتىرىسىنى قىلمىسا، قانداق ئادەم دېگىلى بولىدۇ بۇنى؟ - دەيتتى نۇرنىسا ئانىسى ئۆلگەندەك بۇقۇلداپ يىغلاپ،- بالام يىتىم بولمىسۇن دېمىسەم خېتىمنى ئالاتتىم بۇ كەمگىچە، ھۈ ھۈ ھۈ...
توۋا! بۇ قېلىقنى نېمە دەي ئەمدى؟ ئەتىگەن مەن بۇ يان ماڭغاندا نىپىز قارا ئەتلەس كۆينىكىنىڭ تېشىدىن قىزىل دۇخاۋا جىلىتكە كىيىۋېلىپ، ئورغاق بىلەن تاغارنى قولتۇقلاپ ‹‹بىدە ئورۇپ كېلىمەن›› دەپ كېتىپ بارغان نۇرنىسا يېرىم كۈن ئىچىدىلا قۇرساق كۆتۈرۈپ، يەتتە - سەككىز ئايلىق قىلىپ بولغان ئىدى. زۇۋانىم تۇتۇلۇپ گەپكە كەلمەي قالدى، ‹‹ئۇ ئەمەسمۇ يا؟›› دەپ سىنچىلاپ قاراپ باقتىم، ئەمەس بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. نۇرنىسانى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى ئەكىلىپ بەرسىمۇ تونۇيمەن. ئاۋۇ سۇپىدا قېرى ئىنەكتەك يوغان قۇرسىقىنى دومبايتىپ، تاغاردەك كەڭرى چىت كۆينەك كىيىپ ئولتۇرغان ئايال نۇرنىسانىڭ ئۆزى شۇ. ئەمما ئۇنىڭ قۇرسىقى؟!...
-بالىغا ياخشى تەربىيە قىلمىغان گۇناھ مەندە، لېكىن سىلىمۇ قىزلىرىغا ئوبدانراق تەربىيە قىلسىلا بولاتتىغۇ؟ گۈلجامالخانغۇ گۈلدەك چىرايلىق قىز بوپتۇ. بىراق بىزنىڭ بالا دېگەن ئۆي - ئوچاقلىق بولغان، يەنە كېلىپ بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشىغىمۇ ئازلا قالغان قارىسىلا، ھە! ھەر قانچە بولسىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ بېقىپ ئاندىن باشلىمامدىلا ئۆي دېگەنگە؟! ئىشىك چېكىپ، ‹‹كۈيئوغۇل بولاي›› دېسىلا ‹‹خۇدايىم بەردى›› دەيدىغان گەپمىكەن ئاخۇنۇم؟
ئانام ئەسلىدىكى ئېغىر بېسىق، سىلىق - سىپايە، رايىش مىجەزىنى بىراقلا ئۆزگەرتىپ، ئابدۇللا خاتىپقا گۆلەيدى. ئولتۇرغان يېرىدىن ئازراق قىمدىنىپ قويۇپ ماڭا تىكىلىپ قارىدى، ئاندىن نۇرنىسانى ئىما قىلىپ تۇرۇپ يەنە سۆزلىدى:
-كۆرىۋاتىدىلا ئاخۇنۇم، ماۋۇ بىزنىڭ كىلىنمىچۇ، سىلىنىڭ قىزدىن قېلىشقۇسىز چىرايلىق، ئىسىل قىز ئىدى. بىزگە كىلىن بولۇپ ئوغلۇمنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، ھەممىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆي ئىشى قىلىمەن، ئېتىز ئىشىغا قاترايمەن، قۇرساق كۆتۈرىمەن دەپ چىرايى مۇنەك شاپتۇلدەك بولۇپ قالغاندا ئەمدى كېلىپ سىلىنىڭ قىزغا چاچراپتۇ. كېيىن گۈلجامالخاندىن چېنىپ يەنە باشقىسىغا قارىۋالماسما؟ ئەڭ مۇھىمى قارىسىلا،- ئانام ئاخۇنۇمغا بوينىنى سوزۇپ ئاۋازىنى چىڭراق چىقىرىشقا تىرىشىپ ئۈنلۈك سۆزلىدى،- بىز ما قىزلىرىنى بىزنىڭ بالىغا ئېلىپ بېرىدىغان ئىش بولسىمۇ كىچىك خۇتۇنلۇققا ئېلىپ بېرەلەيمىز. كىلىنىمىزنى قويۇۋېتىمەن دېسە، مېنىڭ ئۇنداق بالام يوق، بىلىپ قويسىلا!
چۇقامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ‹‹كىچىك خوتۇن؟ كىلىنىمىزنى قويۇۋەتسە؟... ›› نېمە دېگەن دەھشەت گەپلەر بۇ؟ دۇنيادا نەدىمۇ ئالمىغان خوتۇننى كىلىن دەپ نەمۇ - نە سۆرەپ يۈرىدىغان ئىش بار؟ نەدىمۇ توي قىلىپ باقماي تۇرۇپ ئالماقچى بولغان خوتۇننى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىپ يۈرىدىغان گەپ بولىدۇ؟ چۈش كۆرسەممۇ ئۇخلىغاندىراق كۆرمەسمەنمۇ توۋا؟! بۇ ئانام ئېلىشىپ قالدىمۇ يا؟ چوقۇم شۇ. نۇرنىساغىمۇ كىسەل تېگىپتۇ...
-گەپ قىلسىلا قارىم بالام،- دېدى ئاخۇنۇم ماڭا چىرايىنى تۈرۈپ يەۋەتكۈدەك قاراپ،- نېمە گەپ بۇ؟ سىلە بۇ ئۆيگە زادى نېمە مەقسەتتە كېلىپ - كېتىپ يۈرىدىلا ھە؟ ماۋۇ خانلىرىم نېمە دەيدۇ زادى؟ بىزنىڭ گۈلجامالخان ئۇنداق ئارقا تاملاردا ئوغۇللار بىلەن يېتىلىشىپ يۈرىدىغان قىزلاردىن ئەمەس. بىكاردىنلا تۆھمەت ئارتىۋالسا خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ بالىكام. خەقنىڭ ئىززىتى بىلەن شۇنداقمۇ ئويناشقان بارمۇ؟...
-خۇدايىمدىن قورقسا تۇغۇلمىغان بالىسىنىڭ يۈزىگە ئاياغ قويماستى، ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ...
چىشىم قېيىشىپ، ئاچچىقىم مىڭەمگە تەپتى. ماۋۇ نۇرنىسانى دەسسەپ مىجىپ، قارنىنى بۆسۈپ، ئۈچەي - پۈچەيلىرىنى چۇۋۇپ ئېلىپ بېشىغا يۆگەپ قويغۇم كېلىپ كەتتى. شۇنداقمۇ بېشى يوغان بولىدىكىنا قىز بالا دېگەننىڭ!؟
-ھەي ساراڭ،- دېدىم مەن نۇرنىسانىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ،- قايسى تۇغۇلمىغان بالامنى...
-نېمە بولىۋاتىمىز ياسىناخۇن بالام؟ - دېدى ئانام ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا يۈگرۈپ كېلىپ،- تۇغاي دەپ قالغان خوتۇننى ئۇرۇپ بېرىپ، تىزراق تۇغدۇرۇپ قوياي دەۋەتاملا جېنىم بالام؟ ھازىر قىلىپ يۈرگەن سەت ئىشلىرى ئاز كېلىپ ئۆز قوللىرى بىلەن تۇغدۇراي دەۋاتاملا يا؟ ياخشى كۆڭۈللىرى تېگىل بولدى ئالتۇن بالام، ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە خۇدايىمنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئۆزى تۇغۇلار. بۇ ئىشلارغا سىلى كايىمىسىلا. ھازىر ماۋۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋالايلى!...
ئانام شۇنداق دەپ بىلىكىمدىن تارتتى، لېكىن شۇنداقلا تارتقاننى قىلىپ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ بىلىكىمنى شۇنچىلىك قاتتىق چىمدىدىكى، تاس قالدىم ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ سالغىلى. ئانامنىڭ ماڭا ‹‹چاندۇرما›› دېگەن مەقسەتنى بىلدۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېشىمنى تۆۋەن سالدىم، سېھىرلەپ قويغاندەكلا زۇۋانىم تۇتۇلدى.
-قانداق قىلىمەن ئانىكا؟ ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ... ھېلىتىنلا مۇشۇنداق قىلغىلى تۇرسا، كېيىن قانداقمۇ بىر ئۆينى ئۆي قىلارمىز؟... ھۈ ھۈ... نېمە پوق يەپ تېگەر بولغىيدىم... ۋاي قانداق قىلاي...
-ھەي، نېمانداق ئىزا تارتمايدىغان نېمە سەن؟ مەن قاچان سەن بىلەن...
شۇنداق دېيىشىمگە ئانام ماڭا قاراپ قەھرى بىلەن چەكچەيدى. مەن غىققىدە بولۇپ، جايىمغا مىخلاپ قويغاندەك تۇرۇپلا قالدىم.
-بولدى ئەمدى، بالىلىرىنى ئېلىپ چىقسىلا ھويلامدىن- دېدى قەمەرخان بۈۋىم قولىنى شىلتىپ غەزەپ بىلەن،- ئىت پوقىدا بوي سالغاندەك ئارا كۈندە ئالتە قېتىم كېلىپ سۈركىلىپ يۈرسە بوپتۇ، ئىنسانچىلىقتا كۆڭلىنى سۇندۇرماي دەپتىمەن. بەش ناماز ئوقۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ھالى قالمىسا خېلى تۈزۈك ئادەمنىڭ بالىۋاقىسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن. توۋا قىلدىم خۇدايىم، يۈز دېگەنمۇ داپتەك باركەن زادى! بۇ يەرگە كېلىپ بىزگە ئۇرۇشۇپ بېرىشمەي ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ ئۇراملا، تىللاملا، چاپاملا ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. تولا بىزنىڭ بوسۇغىنى نىمكەش قىلماي چىقىشسىلا ھويلامدىن!
قەمەرخان بۈۋىمنىڭ قىلغان گەپلىرى قۇلىقىمدىن كىرىپ، ئۈچەي باغرىمنى پىژىلتىدىپ كۆيدۈرۈپ، يۈزۈمگە كېلىپ توختىدى.
-ئەمدى ماۋۇ ھويلىنىڭ بوسۇغىسىدىن يالاق ئىزدىگەن ئىتمۇ كىرمىسۇن!
ئابدۇللا خاتىپ ئاخۇنۇم كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىنەپ ئايالىغا دەرۋازىنى ئىشارەت قىلدى ۋە چاقماق چاققاندەك سۈرلۈك ئاۋازى بىلەن شۇنداق دېدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا ‹‹سەنمۇ يالاق يالىغان ئىت›› دېگەندەك تۇيۇلۇپ يۈرىكىم ئۆرتىنىپ كەتتى. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ، مەيدىسىگىچە ساڭگىلاپ تۇرغان ئاپئاق ساقاللىرىنى قاماللىغىنىچە مىلەڭزىنى قايرىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتتى. قەمەرخان بۈۋىممۇ ئاخۇنۇمنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي ئۆي ئىچىدىن گۈلجامالنىڭ ھىقىقداپ يىغلىغان زىل ئاۋازى ئاڭلاندى. خاتىپ ئاخۇنۇم بىلەن بۈۋىم ئۆيگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىنلا ئاغزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلۈشكە باشلىغان نۇرنىسا دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئانامنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە پەس ئاۋازدا سۆزلىگەچ قولىدىن تارتىپ سىرتقا ماڭدى:
-خاننىسا ئانا، ئەمدى كېتەيلى جۇمۇ. بىكار چانىدۇ ھېلى ھى ھى ھى...
توۋا ما ئىشنى! ئۇنىڭ نەرى ھامىلىدار ئايالغا ئوخشايدۇ؟ قۇرسىقى شۇنچىۋالا يوغىنىغان ئىككى قات ئايال بۇنداق مۈشۈكنىڭ ئاسلىنىدەك يەڭگىل دىكىلداپ يۈرەلەمدۇ؟ ئاناڭنى گۇينىڭ قىزى! خەپ جۇمۇ، خەپ!...
-ئوبدان بولدى مانا، گۇناھسىز بىر قىز بالىنىڭ دىلىنى ئاغرىتىپ قويدۇق. خۇدايىم ئەپۇ قىلار ئىگەكىم. ئىسىت، ئىسىت...
ئانام بېشىنى چايناپ ئۇلۇغ - كىچىك تىنغىنىچە سىرتقا ماڭدى.
-ئۇ قىزنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىز نەدىن بىلەتتۇق خاننىسا ئانا؟- دېدى نۇرنىسا ئانامغا ياندىشىپ مېڭىپ،- بەكرى دېگەن لاتا مۇئەللىممۇ ئېنىقراق دەپ بەرسە بولىدىغان گەپ. ئۇ قىزنىڭ خەۋىرى يوقلىقىنى باشتا ئوچۇق دېگەن بولسا باشقىچىرەك ئامال تاپماسمىدۇق؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيرانۇ - ھەس قالدىم. بەكرى! شۇ چىدىماس چېقىپ قويغان گەپ. ئۆتكەندە بىر قېتىم ئۇنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغىچە ئەكەلگىلى سالغان، ئاندىن ئۇنى ئىشىك تۈۋىدە ساقلىتىپ قويۇپ، ۋەلېسىپىتىنى يېتىلەپ ئابدۇللا خاتىپنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەھۋال سوراش باھانىسىدا گۈلجامالنى كۆرۈپ چىققان ئىدىم. يولدا كەلگۈچە گۈلجامالنىڭ گېپىنى قىلىپ، نېمە ئۈچۈن بارىدىغانلىقىمىمۇ دەپ قويۇپتىمەن. بىر چۆگۈن چاي چاينىمىچىلىكلا ھايال بولغان ئىدىم بولمىسا، شۇنىڭغا ‹‹ئىشقا كېچىكىپ قالدىم، مەكتەپ مۇدىرى بىلسا مائاشىمدىن تۇتىدۇ›› دەپ كايىپ خېلى غۇدۇرىغان ئىدى. ھېچكىمگە تىنما دەپ جىكىلىگەنلىرىم تېخى! ھەي ئىسىت، بىلى بوش ئادەم دېگەنغۇ زادى خائىن كېلىدۇ. خەپ بەكرى...
-ۋۇيت غوجام بالام، ماڭىلى ئۆيگە! ئاڭلىدىلىغۇ بايا، ئىت پوقىدا بوي سالماپتىمىش. ئەمدىچۇ، شاپاققا باغاق يېزىق چاقىرغاندەك چولىمىز تەگسىلا كېلىۋېلىۋەرمەيلى جۇما!
-ھى ھى ھى ھى...
خىيال بىلەن بولۇپ تۇرۇپ قاپتىمەن. ئانامنىڭ سېسىق گەپلىرىگە پىخىلداپ كۈلىۋاتقان نۇرنىساغا قاراپ جەھلىم بىلەن ئالايدىم ۋە بىزەڭلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرغان نۇرنىسانىڭ ئالدىدىن بوينۇمنى غازدەك تۇتۇپ ئۆتۈپ كەتتىم. يولغا چىقسام ئون ياشلىق ئىنىم مىرسالى تىرەككە باغلاپ قويۇلغان ئىشەك ھارۋىمىزدا ئوڭدىسىغا ياتقىنىچە خىيالغا كېتىپتۇ.
-شۇنچىمۇ ئۇزۇندا چىقامسىلە؟ تاس قالدىم مەن ئۇخلاپ قالغىلى،- دېدى ئۇ نارازى بولغان ھالدا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ.
-تاياقنى ئاكاڭغا بەر،- دېدى ئانام مىرسالىغا،- بىزدىن ئالالماي قالغان بىر مۇنچە ئاچچىقى بار، ئىشەكنى ئۇرۇپ بولسىمۇ چىقىرىۋالغاچ ھارۋىنى ئاكاڭ ھەيدىسۇن!
-ھا ھا ھا ھا...
نۇرنىسا قاقاقلاپ كۈلگەچ پەشلىرى لەپەڭشىپ تۇرىدىغان كەڭ كۆينىكىنىڭ ئىتىكىنى قايرىپ بىردەم ھەپىلىشىپ، ئىچىدىن ياغلىققا ئورالغان بوغجۇمىدەك بىر نەرسىنى ۋە ئۇنى باغلاپ تاڭغان لاتىنى چىقاردى. نۇرنىسا ھارۋىغا تاشلىغان بوغجۇمىغا قاراپ ئىچىدىكىنىڭ پاختا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇ ھامان تېخىمۇ ئىچىم قايناپ ئەلەم بىلەن لىۋىمنى چىشلىدىم. ھەجەپ قىلدا ماۋۇ بىشەم خوتۇننىڭ قىزى! خەپ! قېنى كۆرەرمىز، ئۇنداق قىلىپ يۈرگىنىڭ بىلەن مەن ئالسام ھېساپ! ئالماي تۇرۇپلا تالاق قىلىۋېتىمەنغۇ سەن ھازازۇلنى!...
شۇ كۈنى ئۆيگە كىرىشىمىز بىلەنلا ئانام دادامنى بىر ياققا تارتىپ، نۇرنىسا ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىۋېتىش ئويى بارلىقىنى، مىجىتاخۇنكاملارنى ئەمدى كەينىگە سوزماسلىققا كۆندۈرۈشنى ئېيتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ جىددىيلىشىپ، ئىچىم تىتىلداپ جايىمدا تۇرالمايلا قالدىم:
-ياق دادا، مەن نۇرنىسانى ئالمايمەن. كىم ئالسا ئالسۇن، ئىشقىلىپ مەن ئالمايمەن...
-ھەي بەچچىغەر،- دەپ ۋارقىرىدى ئانام،- يەنە نېمە قىلماقچى ھە؟ ساڭا شۇنى دەپ قوياي، نۇرنىسانى ئالساڭمۇ ئالىسەن! ئالمىساڭمۇ ئالىسەن! خەق سېنىڭ خالىغانچە ئەخمەق قىلىدىغان ئويۇنچۇقۇڭما؟ سېنىڭمۇ سىڭلىڭ بار، شۇ ئېسىڭدە بولسۇن! سەن نۇرنىساغا قىلىپ قويساڭ سىڭلىڭغا ياندۇرۇپ بەرگىلىمۇ بىرسى چىقىدۇ. ئالەمنىڭ ئۆتنىسى بار، ھەممە ئىشنىڭ ھېساپ - كىتاۋى بار! ئەركىلىكىڭگە قويۇپ يامان ئۆگىتىپ قويغنا يېرىم بارغۇ شۇ! توختاپ تۇر ھە، سېنىڭ دېگىنىڭچە بولامدىكەن يا مېنىڭ دېگىنىمچىمۇ؟!...
ئانام شۇنداق دەپ كارنىيى يىرتىلغۇدەك بىر ۋارقىرىغاندىن كېيىن چالۋاقاپ، تۈكرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ، دادامغا مېنىڭ گۈلجامالنى كۆزلەپ ئابدۇللا خاتىپ ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە قاتراپ يۈرگەنلىرىمنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە تۆكۈپ بەردى. ئاخىرىدا كېلىپ بۈگۈن نۇرنىسا ئىككىسىنىڭ ‹‹تۇغۇلمىغان بالا›› ئويۇنىنى پىلانلاپ چىقىپ، مېنى خاتىپ ئاخۇنۇم بىلەن ئايالى ئالدىدا رەسۋا قىلىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق ئىككىنچى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارالمىغۇدەك قىلىۋەتكەنلىكىنىمۇ زوق - شوخ بىلەن سۆزلەپ بېرىشنى ئۇنۇتمىدى.
شۇنداقمۇ ئادالەتسىزلىك بولامدۇ دەيمەن؟! دادام بولغان ئادەممۇ مەندىن نېمە ئەھۋال ئىكەنلىكىنى سوراپ قويمايلا ئانام بىلەن نۇرنىسانىڭكىنى توغرا، مېنىڭكىنى خاتاغا چىقاردى. ئۆزى ئانامغا كۆيۈپ قالغاندا ھازىرقىدەك ‹‹غورور، ۋىجدانى، ئەقەللىي ئەدەپ-ئەخلاق›› لىرى نەگە كەتكەن بولغىيدى؟ ئۇ بىرسىگە كۆيۈپ قالسا گەپ يوق، مەن كۆيۈپ قالسام يامانمىكەن؟ قانچە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ساراڭلىق قىلىپ ھېرىپ قالغانلىرىمنىڭ پايدىسى بولمىدى. دادامنىڭ نەزەرىدە ئىش ئۇقمايدىغان بەچچىغەر، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان دەلتى، ۋىجدانىنى ئىت يەپ، يۈرىكى قۇرتلاپ كەتكەن ئەسكى – تۈسكىلا بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىم. قانداق قىلالايتتىىم؟ دادا ئەمەسمۇ، گېپىگە كىرمىسەم قۇتۇلغىلى بولىدىغاندەك ئەمەس. شۇنداق قىلىپ، دارقىتىرىپ سۆرىگەن پېتى ئاپىرىپ تويۇمنى قىلىۋەتتى. ئاۋۇ ھازازۇل، بىشەم، ئاغزىنى ئاچسا ئادەم تىللايدىغان، قولىنى كۆتۈرسە ئۇرىدىغان، ئادەم چۈشىدە كۆرۈپ قېلىشتىنمۇ قورقىدىغان تۈلكىجىن نۇرنىسا مېنىڭ خوتۇنۇم بولۇپ قالدى. پىشانەمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇنداق تەلەيسىزلىكمىتىكىن تاڭ، بوپتۇ دېمەي ئامالىم بولمىدى. دېمەي يەنە يۇشۇرالمايمەن، تېخى شۇ چاغلاردا نۇرنىسانى بىرەر-ئىككى ئاي خوتۇن قىلىپلا كۆتىگە تېپىپ ھەيدەپ قويۇپ، ئاندىن گۈلجامالنى نىكاھىمغا ئېلىشنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. لېكىن بۇ ھەمدەم خىيالىم ھازىرغىچە يىپ-يېڭى پېتى قېلىۋەردى.
بەكرىنىڭ چېقىپ قويۇشى بىلەن ‹‹پايلاقچى›› لارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، گۈلجاماللارنىڭ ئۆيىگە مىنىپ بارغان قوتۇر ۋەلېسىپىتىنى ئىشەك ھارۋىسىغا ئارتىپ ياندۇرۇپ كەلدۇق. بۇ ئەلۋەتتە ئانامنىڭ بۇيرۇقى ئىدى.
-ئاۋۇ شەيتاننىڭ چاقىنى ئىككىنچىلەپ مىنىدىغان بولساڭ چاڭگىۋاش سىملىرىنى چۇۋۇپ بوينۇڭغا يۆگەپ قويىمەن!- دېگەن ئىدى ئانام شۇ چاغدا،- ھەممىنى قىلغان شۇ بەكرى دېگەن لىڭتاسما مەلىم. خىيالىدا ئازراق ئوقۇپلا يىڭنىنىڭ سۇنۇقىچىلىك خىزمەتكە ئېرىشتىم دەپ كۆرەڭلەپ قاپتۇ. يىغىشتۇرۇپ يۈرسۇن ئۇ ئەبگا نېمىسىنى تولا بالىلارنى ئازدۇرۇپ يولدىن چىقارماي! ئاتام زامانىسىدا يوق تۆمۈر شەيتانلار چىققىلى تۇردى دېسە كىشىنىڭ چىشىنى قېرىشتۇرۇپ. ئۇنداق نېمىلەرگە كۆتىنى ئارتىۋالمىسىمۇ بىر ئوبدان ئىشەك ھارۋىمىز بار. بەك بولماي قالسا خۇدايىم جۈپ يارىتىپ بەرگەن پاچىقىمىز بار. شۇنىڭدا يۆتكەپ مېڭىۋېرىمىز. ئەمدى ئۇ گاداي مالىمنىڭ ئەبجەق يورغىلىغۇچىسىنى سورىغۇچى بولما! ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ!...
مانا مۇشۇنداق. بىر ھازا لاي-لاي توۋلاپ دەككەمنى بەردى. ماقۇل دېمەكتىن باشقا چارەم يوق، ئېپ بەرگەن خوتۇننى ئالماقتىن باشقا چارەممۇ يوق.
‹‹نېمانچە تۇترۇقسىز نېمە سەن؟›› دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، راست گەپنى دەيمەن، كۈلمەي تۇرۇپ ئاڭلاڭ!
كونىلارنىڭ ‹‹نىكاھنىڭ مەرى ئىسسىق›› دېگىنى راست ئوخشايدۇ. نۇرنىسا بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن بۇرۇنقى ئۆچمەنلىكىم ۋە خاپىچىلىقىم بىراقلا ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ئۇنتۇلۇپ كەتتىلا ئەمەس، تېخى ئىنتايىن ئىناق ئەر – خوتۇنلارغا ئايلاندۇق. بۇرۇن ئالمايمەن دەپ جىدەل قىلغانلىرىمنى ئويلىسام ھازىر كۈلگۈم كېلىدۇ. نۇرنىسانىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىرىنى دېمەيسىز تېخى، بۇرۇنقى ئەركەك زەدەك مىجەزىدىن، بىشەملىكدىن ئەسەرمۇ يوق. ئۆيگە كىرىمەن، چېيىم تەييار. ئاياغنى سېلىپ تۆرگە چىقىمەن، تامىقىم تەييار. ئەسنىسەم ئورۇن سېلىپ تەييار قىلىدۇ، كۆزۈمنى ئاچسام بېشىمدا كىيىدىغىنىم، چۆگۈندە ئىسسىق سۇ. ئىشقىلىپ خان – سۇلتانلارنىڭ كېنىزەكلىرىمۇ ئۇنىڭچە رايىش، ئىشچان، كۆيۈمچان ئەمەستۇ. شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشىمىز ناۋاتتەك ئۆتۈپ كەتتى. نۇرنىسادىن ھەممىمىز رازى ئىدۇق.
بىر كۈنى كېچىدە چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە جىلتا ئېسىپ، مەكتەپكە بېرىپ كېلىپ يۈرگەن بالىلىق چاغلىرىمنى كۆرۈپتىمەن. بىر توپ بالىلار بىلەن ئېتىز ئارىسىدىكى چىغىر يولدا كېتىۋاتاتتۇق. بالىلارنىڭ ھەممىسى چۇرقىرىشىپ، قوغلىشىپ ماڭاتتى. مەنمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قاچقانلارنى قوغلاپ، تۇتىۋالغانلارنىڭ بوينىغا گىرە، پۇتىغا چىماق سېلىپ يىقىتىش ئۈچۈن تىركىشەتتىم. تۇيۇقسىز كىچىك تەرىتىم قىستاپ كەتتى.
-مەن تەرەت قىلىۋالاي، سىلەر ماڭغاچ تۇرۇڭلار،- دېدىم بالىلارغا. ئاندىن بىلىمدىن سەللا ئېشىپ زاڭاققا تاقاشقۇدەك ئۆسكەن قوناقلققا كىرىپ ئۆرە تۇرۇپلا شارقىرىتىپ قويۇۋەتتىم...
-ھەي دەلتە، ئادەم بولمايدىغان تەخەي... نېمە قېلىق بۇ؟ تۇرە ھەي ساراڭ! توۋا قىلدىم، توۋا! مۇشۇمۇ چوپچوڭ بىر ئەر كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟ تۇرە دېدىم ھەي ھاڭۋاقتى دەلدۈش...
نۇرنىسانىڭ تۈرتۈپ – تۈرتۈپ ئويغۇتىشى بىلەن ئۇيقۇلۇق كۆزۈمنى مىڭ تەستە يىرتىپ ئاچتىم.
-نېمە بولدى، نېمە؟ بوراندا قالغاندەك ۋارقىرىماي سېلىق گەپ قىلمام...
-ھە، يامان بەك سىلىق گەپ قىلغۇدەك ئىش بولدى ھازىر. بىر بالىغا دادا بولاي دەپ قالغاندىمۇ يوتقانغا سىيىپ ياتقان بارمۇ؟ ئىزا تارتساڭ بولمامدۇ پوق ساقال!؟ تېخى خوتۇننىڭ قوينىغا سىيىپ ھە؟ ۋاي نۇمۇسۇم، قانداق قىلاي! تۇرە ھەي لامزەللە، ما كۆرپىنى كۆل قىلىۋەتتىڭ سىيىپ. پۇففۇ... ۋاييەي... سېسىقلىقىنى دەيمۇ مانىڭ... ئانامەي توۋا! مېنىڭ يانپىشىمغىمۇ سىيىپسەن گاچا! ئۆلمەيدىغان ئەبگا...
بۇ ئىككىمىز توي قىلغان نەچچە ئايدىن بېرى نۇرنىسانىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم قوپاللىق قىلىشى ۋە بىزەپ گەپلەر بىلەن تىللىشى ئىدى. ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالمىغان ھالدا ئوپول – توپۇل ئورنۇمدىن تۇردۇم. نىپىز خەسە تامبىلىم ھۆل، كۆرپىنىڭ مەن ياتقان تەرىپى تامامى ھۆل، نۇرنىسانىڭ ئۇزۇن رۇباشكىسىمۇ ھۆل! نېمە نومۇس بۇ؟! مۇشۇ ئىشنى مەن قىلغاندىمەنمۇ؟
-بىزىرىپ قاراپ تۇرماي ئاۋۇ سۈيدۈك لاتاڭنى تالاغا ئاچىقىپ يېيىۋەت گاچا! جۇدۇنۇمنى ئۆرلىتىپ پاڭقايدەك تۇرۇشىنى كۆرەيمۇ...
لام – جىم دېيەلمىدىم. يۈزلىرىم نۇمۇستىن ئوت بولۇپ كۆيدى. گەپ قىلماستىن ھۆل كۆرپىنىڭ بىر بۈرجىكىدىن تۇتۇپ، شاخ سۆرىگەندەك سۆرەپ تالاغا ماڭدىم.
-تۈزۈك كۆتۈرمەمسەن دەلتى! سىيىدىغاننى قاملاشتۇرۇپ سىيىسەن ھە بولمىسا! ساقال سىقىمدىن ئاشقاندىمۇ قىلىپ يۈرگەن قېلىقىنى...
مەن كۆرپىنى ھويلىدىكى كىر يايىدىغان ئارغامچىغا يېيىۋېتىپ كىرگەندە نۇرنىسا رۇباشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، كۆرپە ئورنىغا دادام كۈزدە تىكتۈرۈپ بەرگەن تېرە جۇۋامنى سېلىپ تەييار قىلغان ئىدى. ئۇ زامانلاردا يېڭىدىن بىر ئۆيگە كىرگەن ئەر – خوتۇننىڭ بىر تالدىن يوتقان كۆرپە، تەكىيە، بىر تال سۈپۈرگە، بىر تال چىلەك – چۆگۈندىن باشقا بىساتىمۇ بولمايتتى. ئۇنىڭدىن ئۇزۇنىسىغا پۇل نەدە دەيسىز؟ زاماننىڭ بارىمۇ شۇنچىلىك تۇرسا، قۇرساق ئارامخۇدا تويسا، دادۈيجاڭ – سىكرىتارلار نام – ئاتىقىنىڭ تايىنى يوق سېلىقلارنى ئازراق سالسا شۇنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش ئىدى.
-ياتە كۆل پاقىسى، ئۇخلا ئەمدى ئىچىڭنى بوشۇتىۋالغاندىكىن. ئەتە ئەتىگەن يەنە ئېتىزغا چىقىسەن...
نۇرنىسانىڭ زەھەردەك گەپلىرى مېڭەمگە ئۇرغاندەك تەگدى. بىر تۇرۇپ ئۇيقۇچىلىقتا قىلىپ سالغان ئىشىمنى ئويلىسام كۈلكە قىستايتتى. ئەمما كۈلۈپلا سالدىممۇ، بولدى بۇنىڭ خۇدايىم بەرگەن زۇۋانى يەنە ھەرىكەتكە كېلىدۇ.
-ۋاي – ۋۇي، نېمە ئىش بۇ؟ كېچىدىنغۇ يامغۇر ياغقاندەك قىلمىغان ئۆگزىدىن ئۆتۈپ كېتىپ كۆرپىنى ھۆل قىلىۋەتتىمىكى دەي دېسەم،- دېدى ئەتىگىنى قويلارغا يەم بېرىۋاتسام، باغقا ئوتۇنغا ماڭغان ئانام يېيىغلىق تۇرغان ھۆل كۆرپىنى كۆرۈپ،- سىلەرنىڭ كۆرپىغۇ ھە بالام بۇ؟
-چوڭ شاخ سۈپۈركىنى سۆرىۋېلىپ شارتىلدىتىپ ھويلا سۈپۈرىۋاتقان نۇرنىسا شاققىدە توختىدى، ئاندىن ماڭا يالتتىدە قارىۋېتىپ جاۋاپ بەردى:
-سۇغۇقۇم ئېشىپ قالدىمىكى ئانىكا، يا مۇشۇ ئىككىقات ۋاقتىدا شۇنداق بولۇپ قالامدىكى ئادەم، كېچىدىن ئورۇنغا سىيىپ ساپتىمەن... سەت بولدى، خاپا بولمىسىلا جېنىم ئانىكا. ئەمدى دىققەت قىلاي. ياسىناخۇنمۇ خېلى كايىدى... ئەمدى چوقۇم دىققەت قىلىمەن...
ۋاي ئۆلەي! نېمە دەيدۇ ماۋۇ جىن تەپكەن ساراڭ؟! ئورۇنغا سىيگىنى مەن تۇرسام، گۇناھنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىۋاتىدۇيا؟!
-ھە، ھېچۋەقەسى يوق خېنىم بالام، ئىككى قات ۋاقتىدا تەرەت تۇتالمايدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. ھېلى قۇيرۇق مايدا تېقىمىڭىزنى مايلىۋېلىپ بىردەم ئىسسىق ئولتۇرۇڭ. ئوڭشىلىپ قالىسىز. مەن دادىكىڭىزغا دەپ قوياي، يەكشەنبە كۈنى بازاردىن ناۋات ئالغاچ كەلسۇن، قارا چاي بىلەن دەملەپ ئىچىپ بەرسىڭىز سوغۇقلۇقنى ئالىدۇ.
توغرا! دادام توغرا دەپتىكەن! ‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن›› دېگەن ئەمەسمىدى؟ مانا نۇرنىسا شۇنداق قىلدى. ئانامنىڭ ئالدىدا ‹‹ياسىن سىيىپ قويدى›› دەپلا قويغان بولسا سېسىماسمىدىم؟ يەنە كېلىپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئۆيدىن داس كۆتۈرۈپ چىققان سىڭلىم بىلەن توخۇلارغا دان چېچىۋاتقان ئىنىممۇ ئېنىق ئاڭلىدى ھەم پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ قانچە سەت تۇرار بولغىيدى ھە؟! بارىكاللا جېنىم خوتۇنۇم! قۇرغۇيۇم-دە سەن مەلىكەم!
قويلارغا يەم بېرىپ بولۇپ، ھوجرا ئۆيىمىزگە كىرىشىمگە ھويلىنى سۈپۈرۈپ بولغان نۇرنىسامۇ ئۈستىبېشىدىكى توپا – توزاننى قېقىشتۇرغىنىچە ئارقىمدىن كىردى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە مېھرىم بىلەن ئۇزاق تىكىلدىم. ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك چىرايلىقلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ ماڭا قاراپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىشىدىن ھۇجۇدۇمغا ئىللىققىنە بىر سېزىم تارقالدى.
-ئىككى قات ۋاقتىڭدا سوغۇقۇڭ ئېشىپ قالارمىش دادىسى، ھېلى قۇيرۇق مايدا مايلىنىپ ئىسسىق يۆگىنىپ ياتىدىكەنسەن، دادىكام ناۋات ئەكېلىپ بەرسە شۇنى سېلىپ ناۋات چاي دەملەپ بېرەي ھە، پايدا قىلارمىش ھى ھى ھى ھى...
ئۇنىڭ زاڭلىق قىلىشلىرىمۇ قۇلۇقۇمغا شۇنچىلىك يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى. ئىختىيارسىز ئۇنى ئۆزۈمگە تارتىپ، باغرىمغا بېسىپ چىڭڭىدە قۇچاقلىدىم...
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى. نۇرنىسانىڭ قۇرسىقى سامان تىققان تاغاردەك يوغىناپ، نەسىللىك كالىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. يول ماڭىدىغان بولسا ئىككى يېنىغا ئىرغاڭسىپ، نەپىسى تىزلىشىپ كېتەتتى. بىرسى يۆلەپ قويمىسا ئولتۇرغان يېرىدىن تۇرمىقى تەس ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىسا، دادا بولۇش خۇشاللىقى مېنى ئالامچە شادلىققا چۆمدۈرەتتى.
دادام ئاناملار ئۆينىڭ سودىلىقى ئۈچۈن يەكشەنبە بازارغا كەتكەن بىر كۈنى ئىدى. ئىنى سىڭىللىرىممۇ قەغىشلىك قىلىپ تۇرىۋېلىپ بىللە كەتكەن بولۇپ، نۇرنىسانىڭ ۋاقتى – قارايى يېقىنلاپ قالغان بولغاچقا يالغۇز قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي مەن ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن قالغان ئىدىم. قوزا چۈش مەزگىلى بولغاندا ‹‹سارىخان›› غا غىڭشىغاچ ھويلىدا ئۆتۈك مىخلاپ ئولتۇرسام ھوجرا ئۆيدىن نۇرنىسانىڭ ئەنسىز ۋارقىرىشى ئاڭلاندى. مەن بەك سىنەكىمەي ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم. بىر چاغدا ئۇنىڭ:
-ۋاي تۇغىدىغان ئوخشايمەن... ياسىن... ئا...- دەپ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى. شۇ ھامان چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھوجرىغا يۈگۈردۈم. كىرسەم ئۇ يەردە يېڭى ئۆمىلىگەن بالىدەك يەرگە كاسىلىرىنى چاپلاپ، پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئولتۇراتتى.
-ۋاي... ۋاي قانداق قىلارمەن؟... ئانام... خۇدايىمەي...
-چىدا خوتۇن، چىدا! ئانام يوق، ھازىر تۇغساڭ بولمايدۇ...
-ۋاي ئىشىڭنى قىلە گاچا... قۇرساقتىكى تۇغۇلاي دەپ قالغان بالا ‹‹موماڭ يوق›› دېگەنگە ئۇنامتى؟ ئاغرىقتىن ئۆلەي دەۋاتسام خىيالىدا يوق گەپ قىلىدۇغۇ بۇ... ۋايجان...
-ئەمسە قانداق قىلىمەن؟- مەن ئۇنىڭ سەمرىپ تولۇپ كەتكەن بىلەكلىرىدىن تارتىپ يۆلىدىم،- تۇرە ئورنۇڭدىن، خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ باقايلى...
-ۋاي قوماقباش ئەبگا... مۇشۇ چاغدا خوشنىلارنىڭ ئۆيىدە پوق بار ساڭا! ۋايجان... ئاۋۇ... ئاۋۇ سۇپىغا ئورۇن سېلىپ...
بۈگۈنكىدەك بازار كۈنىدە ماۋۇ قېيىنئانام بولغان خوتۇن باغلاپ قويسىمۇ ئۆيىدە ئولتۇرمايدۇ. ‹‹ئېسىمنى بىلگىنىمدىن باشلاپ›› دېسەم ئوشۇق كېتەر بەلكىم، ئەمما لاپ گەپ ئەمەس، مەن نۇرنىساغا كۆز سېلىپ يۈرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىرەر قېتىم بازاردىن قالغىنىنى بىلمەيمەن. قارىغاندا بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆيىدە يوقلىقىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغاندەك تۇراتتى. مەن ھۇدۇقۇپ، تەمتىرەپ يۈرۈپ نۇرنىسانىڭ دېگىنى بويىچە سۇپىغا كۆرپە سېلىپ سامان تەكىيەنى باش تەرىپىگە قويدۇم.
-ۋاي... مېنى يۆلە... تىز بول... كۆرپىگە...
نۇرنىسانى مىڭ بالالىقتا يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم. ئەربىرايى خۇدا، پۈتۈن ئۆمرۈمدە بۇنىڭدىن ئېغىر بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ، ھەتتا مىدىرلىتىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. يېڭى توي قىلغان چاغلاردا ئەركىلىتىپ ئانچە – مۇنچە كۆتۈرۈپ قوياتتىم، ئۇ چاغلاردا يوغىنى كەلسە بىرەر چىچقاق پاقلانچىلىك كېلەر بولغىيدى. لېكىن ھازىر يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزغىچە تاس قالدى قۇۋۇرغىلىرىم سۇنۇپ قىڭغىر بولۇپ قالغىلى. بارى يوقى بىر بالىغا قۇرساق كۆتۈردۈم دەپ شۇنچىمۇ بەھەيۋەت بولۇپ كېتەمدىغان ئايال كىشى دېگەن؟! مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلىپ ئاخىرى ئۇنى كۆرپىگە ئەكېلىپ ياتقۇزدۇم.
-ئۈستۈمگە يوتقاننى يېپىپ قوي... ۋايجان... تامبالنى چۈشۈرۋەتمىسەم بولمايدۇ... تىز بول...
-نېمە؟ كۈپ - كۈندۈزدە؟...
-ۋاي ئىشىڭنى قىلە ئۆلمەيدىغان ساراڭ... يوتقاننى يېپىپ قويۇپ نەگە يوقالساڭ يوقىلە ماڭ... قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ساراڭقېتىش گاچا... ۋايجان... ئانام بولغان بولسا ھۈ ھۈ ھۈ...ۋاي ئىسىت... ئۆلىدىغان بولدۇم...
نۇرنىسانىڭ ۋايجانلاشلىرىغا چىدىماي نېمە دېسە شۇنى قىلىپ، ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇشقا باشلىدىم. تۇغۇپ باقمىغان ئادەم تۇغدۇرۇشنى نېمە بىلسۇن؟ توختا، يان خوشنىمىز مەڭنىساخاچامنى چاقىرىپ كىرەي! كاللامغا كەلگەن بۇ ئەقىلدىن كۆز ئالدىم پاللىدە يورۇدى.
-چىدا خوتۇن، مەن چىقىپ مەڭنىساخاچامنى توۋلاپ كىرەي...
شۇنداق دەپلا چاققانلىق بىلەن تالاغا ماڭدىم. قۇلاق تۈۋىمدە نۇرنىسانىڭ:
-ۋاي ياق... جېق ئادەم بىلسە تۇغۇت قىيىنلىشىپ كېتىدۇ دېگەن ئانىكام... چاقىرما... ۋاييەي...- دېگەن گەپلىرى جاراڭلاپ قالدى. گەپنىڭ ئۇچى ئۈزۈلگەندە مەن ئاللىقاچان چوڭ يولغا چىقىپ بولغان ئىدىم.
مەڭنىساخاچام بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەن ھامانلا ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىسىدەك يەڭلىرىنى شىمايلاپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتى. مېنى بولسا ئىشىك تۈۋىدە قاراۋۇللۇقتا تۇرغۇزۇپ قويدى. بىر نەرسىلەر لازىم بولسا يۈگرۈپ يۈرۈپ تەل قىلىپ بېرەتتىم، جىددىيلەشكىنىمدىن پۇت – قولۇم كالۋالىشىپ، چېكەمدىن پۇرۇلداپ تەر قويۇلاتتى. چۈنكى نۇرنىسا ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ جان – جەھلى بىلەن ۋارقىراپ نالە قىلاتتى، يىغلايتتى. مەڭنىساخاچام ئۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دەپ بۇيرۇق قىلىپ، تەسەللىي بېرەتتى.
تۇغۇت جېڭى ساق يېرىم كۈن داۋاملاشتى. ھېلى تۇغار، ئەنە تۇغار بىلەن ئىشىك تۈۋىدە چۆرگىلەۋېرىپ ئۆرە تۇرغىدەك ھالىممۇ قالماپتۇ. مەنغۇ ئىشىك بېقىپ ھالىم قالماپتۇ، ماۋۇ بىچارە خوتۇنۇم قاق چۈشتىن باشلاپ ۋارقىراپ، چىرقىراپ تولغاق يېگىلى تۇرغان ئىدى، مانا ھازىرغىچە ئۆينىڭ ئىچى ‹‹قىيا-چىيا›› چىلىق، بالىدىن ھېچ خەۋەر يوق. ۋارقىرىغان ئاۋاز بىردە بېقىسىپ قالىدۇ، ئەمدى جىمىپ قالدى دەپ تامغا يۆلىنىپ مۈگدەپ قالىمەن، يەنە بار ئاۋازى بىلەن بىرلا چىرقىرايدۇ، بىرى بېقىنىمغا بىگىز تىققاندەك چۆچۈپ ئويغىنىمەن. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ كۈنمۇ كەچكە قاراپ يېقىنلىدى.
نامازشامغا ئەزان چىقاي دېگەن مەھەلدە بىزنىڭ جانابىي بازارچىلار قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىشەك ھارۋىسىنى جالداقشىتىپ بوسۇغىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىغا ئۆي ئىچىدىن نۇرنىسانىڭ جان – جەھلى بىلەن قاتتىق چىرقىرىغىنى ئاڭلىنىپ، ئارقىدىن بوۋاق بالىنىڭ ئىڭڭەلەپ يىغلىغان ئاۋازى كەلدى. دادام ئىشەكنىڭ ئارغامچىسىنى تاشلىۋېتىپلا قۇلىقىنى تۇتقان ھالدا تەكبىر ئېيتتى:
-ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر!...
-ۋاي خۇدايىم! نېمە پوق يەپ بازارغا كىرەر بولغىيدىم بۈگۈن. جېنىم بالام...
ھارۋىدىن كىچىك بالىدەك تاقلاپلا چۈشكەن ئاناممۇ ئۇدۇل نۇرنىسا ياتقان ئۆيگە يۈگۈردى. دادام ئىككىمىز جىددىيلىشىپ جايىمىزدا تۇرالمايلا قالغان ئىدۇق. سىڭلىم پەزىلىيە بولسا ئۈن قويۇپ يىغلاۋاتاتتى.
بىر ھازادىن كېيىن ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ئانام پەيدا بولدى:
-مۇبارەك بولسۇن غوجام بالام! بالا ئوغۇلكەن، ئۆمرىنى ئۇزۇن، بەختى-دۆلىتىنى زىيادە قىلسۇن خۇدايىم...
ئانام شۇنداق دەپ باغرىنى كەڭرى يېيىپ مېنى قۇچاقلىدى ۋە پىشانەمگە سۆيدى. داداممۇ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا بەستىلىك غولىنى كەڭرى يېيىپ مېنى چىڭ قۇچاقلىدى:
-مۇبارەك بولسۇن بالام! خۇدايىم ئىمان-ئىنساپ بىلەن چوڭ بولغىلى نىسىپ قىلسۇن!
بالىمۇ تۇغۇلدى، مەن ئاخىرى دادا بولدۇم. نۇرنىسانىڭ خۇشاللىقىغا گەپ توغرا كەلمەيتتى. بالىمىزنى قۇچىقىغا ئالغان نۇرنىسانىڭ تۇغۇت جەريانىدا قىينالغانلىرى، جاپا – مۇشەققەتلىرىدىن ئەسەر يوق ھالدا چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. دادامنىڭ تاللىشى بىلەن بالىغا ئابدۇسەمەت دەپ ئىسىم قويدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىمىز خۇشاللىق جەمگاھىغا ئايلاندى.
بالىمىز بۇدرۇق، ساغلام چوڭ بولدى. ئۇ يېشىغا تەگمەي تۇرۇپ نۇرنىسا يەنە ئېغىر ئاياق بولدى. بۇمۇ خۇدانىڭ بەرگىنى دېدۇق. شۇنداق قىلىپ تولغاق كەلسە ئايىماي ۋاقىرايدىغان بىچارە خوتۇنۇم بوش كەلمەي، بەش يىلدا جەمئىي بەشنى تۇغۇپ توختىدى. ئۇنىڭ بۇنچىۋالا تۇغۇمچانلىقىدا ئەسلى توختىغۇسىمۇ يوق ئىدى، لېكىن شۇ يىللىرى ھازىرقى ‹‹پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى›› چۆرگىلىپ بىزنىڭ يۇرتلارغىمۇ كېلىپ قالدى. 1987-يىللىرىغۇ دەيمەن شۇ ئىشلار؟ بىزنىڭ مەھەللە ئاۋاتلىشىپ شەھەرلەشتى ھەم قاينام تاشقىنلىققا تولدى. شۇ قاتاردا مەھەللىمىزگە شەھەرلىك ھۆكۈمەت دەمدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ دەمدۇ، دوختۇرخانا دەمدۇ، چارۋا-مال پونكىتى دەمدۇ، ئەيتاۋۇر ئىسىم قويغىلى بولىدىغانلىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ، بۇ يەرنى خېلىلا ئاۋاتلاشتۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈنىگە نەچچە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان سىياسەتمۇ قېلىق چىقىرىپ، ‹‹پىلانلىق تۇغۇت›› دەيدىغان بىر يېڭىلىقنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ دېگىنى ‹‹ئاز تۇغۇپ، ساز تۇغۇش›› دېگىنى ئىكەن. بۇنى چۈشىنىش بىزدەك زاغرا كىكىرىپ چوڭ بولغان تېگى ئۆزىدىن سەھرالىق، يېڭىدىن شەھەرلەشكەن تومپايلارغا تەس كەلگىنى بىلەن، ھەزرىتى كادىر دانالىرىمىز بىزنى ھە دېسە كەنتە كومىتىتىغا يىغىۋېلىپ، سىيگەن-چىچقاندىن باشقا بارلىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ، شۇنچىۋالا گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئېزىپ-ئىچۈرۈپ چۈشەندۈردى. بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئەجرىگە يارىشا دانالىرىمىزنىڭ تەلىماتى خوشياقمىسا كۇسۇلدىشىپ غەيۋەت قىلىشقاچ، بەزىدە قىڭغىيىپ ئولتۇرۇپ خورەك نەغمىسى قىلغاچ، ھەر ھالدا يېرىم – يارتا بولسىمۇ چۈشىنىۋالدۇق. ئىشقىلىپ شۇنداقراق بولدى. ھۆكۈمەت ‹‹ئەمدى تۇغما!›› دەپ بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىن بىزنىڭ خوتۇنمۇ ئامالسىز توختاپ قالدى. ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتمىسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن توختايدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىپ توختىدى. لېكىن بۇ ئىشتا ئۇنىڭغا، ياق، ئۇنىڭغا ئوخشاش قاراپ قويسىمۇ بويىدا قېلىپ، چولىسى تەگسىلا تۇغقاچ تۇرىدىغان خوتۇنلارغا ئۇۋال بولدى.
-نېمىشقا ئەرلەرنى چەكلىمەيدۇ تۇغۇتتىن؟،- دەيتتى ئۇ ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ،- نەدىمۇ بۇنداق ئادالەتسىزلىك بار؟ قۇرساق كۆتۈرۈش بىزدىن، تۇغۇش بىزدىن، ئېمىتىپ بېقىش بىزدىن، جاپانىڭ تولىراقىنى تارتىش بىزدىن، ئەمدى كېلىپ تۇغۇت چەكلەيدىغان ئىش بولسىمۇ بىزنى چەكلەمدىكەن؟
-ياخشى دېدىڭ خوتۇن. بولسا مۇشۇ گەپلىرىڭنى بېرىپ ھۆكۈمەتكە بىر دېگىنە، بولىدىغانلا يېرى بولسا جاپالىرىڭنىڭ تەڭ يېرىمىنى مەن كۆتۈرۈشۈپ بېرەي. ھۆكۈمەت ئىنسابىغا كېلىپ بۇ گېپىڭگە ئۇناپلا قالسا، سېنى ئازات قىلىۋېتىپ مېنىڭكىدىن چەكلىسۇن تۇغۇت دېگەن تولغاقچىلىقنى...
-ۋاي نېرى بېرىڭە! بۇرنا كۈنى سۈيدۈك لاتىسىنى سۇنىۋېتىڭ دېسەم ‹‹مېنى ئىشقا بۇيرۇدۇڭ›› دەپ تاس قالدىڭىز ئاچچىقتا كۆكۈرۈپ قالغىلى. جاپايىمنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەمىش تېخى! خۇددى بەش بالىنى ئۆزەم يالغۇز تاپقاندەك، ماڭىلا تاشلاپ قويغان. ھېلىمۇ ياخشى، خويمۇ ئوبدان كەلدى بۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى. بولمىسا يەنە بەش – ئالتىنى تۇغقان بولسام يالغۇز قانداق بېقىپ بولار بولغىيدىم؟...
-دېمەك، پىلانلىق تۇغۇتنى ياقتۇرۇپ قاپسەنغۇ مانا! ئۇنداق بولغاندىكىن ‹‹مېنى چەكلىدى›› دېمەي، خوش بول خوتۇن!
-قىپقىزىل ساراڭ بوپسىز سىز. مېنىڭ دېگىنىم... ۋاي بولدىلا، سىز بىلەن گەپ تالاشقىچە بېرىپ ئىشىمنى قىلاي...
مەيلى نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئىش نۇرنىسانىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىدى. ئەمما ئۆتمىسىمۇ ئامال يوق، ئىشلار شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى.
چوڭ بالىمىز ئابدۇسەمەت بەش ياشقا كىرىپ، كىچىك قىزىمىز ئاتىكەم تۇغۇلغان يىلى ئىككىنچى بالىمىزنى گۇڭشىنىڭ تراكتۇرى بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتتى. بالىنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا نۇرنىسا بۇرۇنقىدىن شۈكلەپ، جىمغۇر، كەم سۆز، بالىلارغا زىيادە كۆيۈنىدىغان ئەتىدىن – كەچكىدە تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتى. بالىلار بىر – بىرىدىن ئوماق، ئەقىللىق، زېرەك چوڭ بولۇۋاتاتتى. ئۇلارنى مەكتەپلەرگە بەردۇق. ئامال بار ياخشى تەربىيەلەپ، بىز ئوقۇيالمىغان مەكتەپلەردە ئوقۇپ، كەلگۈسىدە كاتتا ئادەملەردىن بولۇشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بۇ يىللاردا تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئىقتىسادىمىز ياخشىلىنىپ، ئەسلىدىكى لاي تام ئۆيلىرىمىزنى چېقىپ، ئورنىغا كىسەكتىن قوپۇرۇپ ئۆي سېلىۋالدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ھەم بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھويلا ئىچىگە تۇرۇبا ئەكىرىپ، ئەپكەش كۆتۈرۈپ ئېرىق بويى ياكى كۆلگە چىقماي تۇرۇپلا سۇ ئىچەلەيدىغان بولدۇق. ئىشقىلىپ تۇرمۇشىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدىكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى ئىدى.
ئابدۇسەمەت مەن ۋە دادامنىڭ مىجەز – خارەكتىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھالدا يەلتاپاندەك بىر دەم جىم تۇرالمايدىغان، شوخلۇققا كەلگەندە مايمۇننى بېسىپ چۈشىدىغان، ئاغزىدىن گەپ، قولىدىن پالاكەتچىلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان چاپتىكەش بالا بولۇپ چىقتى. بۇ يەرلەرگە يېڭىدا توك تارتىشقا باشلىغاندا توك سوقۇۋېتىپ تۈگەپ كەتكەن رەھمەتلىك قېيناتام مىجىتاخۇن سىكرىتارنىڭ چىراي – تۇرقى، بوي - بەستىنى كىيىپلا چۈشكەن بۇ بالام بەكلا كەپسىز ھەم كاللىسى ئۆتكۈر، ئەقىللىق ئىدى.
ئىككىنچىسى كىچىكلا تۈگەپ كەتتى، ئۈچىنچىسى قىز، ئىسمى ئاسىيەم، ئانىسىنىڭ مەن كۆيگەن چاغلىرىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ، لېكىن ئانىسىدەك بىشەم، ھازازۇل ئەمەس. ئون ئېغىز گەپ سورىسا بىر ئېغىز مۆرىمەيدىغان، ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ چۈشكىلىۋاتسا ئاستىدا يېتىپ مانتا يەيدىغان بىغەم بولۇپ چىقتى. ئانىسىنىڭ شۇ ۋاقىتلىرىدىكىگە ئوخشاش ياسىنىپ تارىنىش، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇش، تاكاللىشىش دېگەن گەپلەر بۇنىڭدا يوق. ‹‹ئېغىر بېسىقنىڭ گېپى سېسىق›› دېگەندەك، گەپ قىلماي، قىلماي شۇنداق بىر سۆزلەيدۇ، ھۇشىڭىزدىن كەتمەي قالسىڭىز ھەيران قالسىڭىز بولىدۇ. ئۈچىنچىسى ئابلىز. ئۇمۇ بوي – بەستى، چىراي – تۇرقىدا ئاكىسىغا ئوخشاش قېيناتام مىجىتاخۇن سىكرىتارنىڭ مۇرىتى بولۇپ چىقتى. ئەقلىنى بىلگىنىدىن باشلاپ تىراكتۇر، ۋېلېسىپىت، سىيالكا دېگەندەك نەرسىلەرنى چۇۋۇپ كۆرۈپ، قايتا قۇراشتۇرۇپ بېقىشلارغا ھەۋەس قىلىپ قالغان بۇ بالام، ھويلىنىڭ بىر تەرىپىگە كېرەكسىز تۆمۈرلەردىن بىر دۆۋە يىغىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا ‹‹ئىسكىلات›› قۇرىۋالدى. قىلما دېسە ئۇنىمايدۇ، بىر باشلاپ كەتسە قۇرسىقىنىڭ ئاچقىنى، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكىنىنى بىلمەيدۇ. مەكتەپكە بارغاندىن باشقا ۋاقتى ئاساسەن ئاشۇ تۆمۈر – تەستەكلىرى ئارىسىدا ئۆتىدۇ. بىر تۇرۇپ ئېلىشىپ قالامدىكى دەپ ئويلاپ قالىمەن. شۇنداق چاغلاردا ئانىسى نۇرنىسا كايىيدۇ.
-ۋاي بىر بولدى قىلىڭلار. مەيلى ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭغا ھەۋەس باغلاپتۇ، قىلىپ باقسۇن، قارىسام يامان ئەمەس بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ. تۆنۈگۈن قوناقلارنى سۇقۇۋېتەيلى دەپ تاغارلارغا قاچىلاۋاتسام قويماي ‹‹توختا ئانا، ئىككى كۈن توختاپ بەر، مەن قوناقنى ئۆزەم يالغۇز سوقۇۋېتىمەن›› دېدى. شۇنىڭغا قارىغاندا ئەپلەشتۈرۈپ بىر ئىش قىلىدۇ ئۆزى. بىنزىن كۆيدۈرۈپ ماتور ھەرىكەتلەندۈرۈپ بۇغداي ئورۇيدىغان ئىشنىمۇ شۇ بالا تاپتىغۇ؟! شۇ نەرسىنى ياسىيالىغىنىدىن ھەم بۇ قېتىم قوناقنى ئۆزەم سوقۇۋېتىمەن دېگىنىدىن قارىغاندا يەنە بىر ئىش قىلماقچى بەلكىم، كاللىسى بىكار ئىشلىمەيدۇ بالىنىڭ، قويۇپ بېرىڭلار قىلىپ باقسۇن!
ماقۇل دېمەي گەپ توشاتقىلى بولمىدى. مەيلى دەپ رايىغا قويدۇق. ئۇ كۈن ئۆتۈپ ئەتىسى ئېتىزدىن كىرسەك ھويلىدا تىراكتۇر ماتورىنى تاتاتلىتىپ بىر ئىشلارنى قىلغىلى تۇرۇپتۇ. يېقىن بېرىپ قارىسام تۈگمەننىڭ قوناق تۆكىدىغان كانىيىدەك بىر نەرسىنىڭ ئىچىگە بەش باش – ئالتە باشتىن قوناق تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ. ئوڭ تەرەپتىكى داق يەرگە قارىتىپ قويۇلغان تۇرخۇنىدىن سوقۇپ مەدىكىدىن ئايرىلغان قوناقلار، ئۇنىڭ نېرىسىغىراق قوناقتىن ئايرىلىپ يالىڭاچلانغان قوناق مەدىكى شىرىلداپ تۆكۈلگىلى تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم.
-ۋوي. ۋوي. نېمىش بۇ؟! بىزنىڭ ئىنژىنىر يەنە كارغا كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
-ھەئە دادا، - دېدى ئۇ پەخىرلىنىپ كۈلۈپ تۇرۇپ،- نەچچە كۈن ھەپىلىشىپ تەتقىق قىلىپ ماۋۇ قوناق سوققۇچنى ياساپ چىقتىم. ھەر ھالدا بولۇپ قالدى. مۇشۇنى ياسايمەن دەپ مامۇتاخۇنكام تۈگمەنچىگە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، تۈگمەننىڭ بۇغداي – قوناقنى يۇمشىتىپ ئۇن چىقىرىش ھالىتىنى نەچچە كۈن كۈزەتتىم دېگىنە دادا. بۇنىڭدا بىرلا ئادەم مەشغۇلات قىلىپمۇ ئۈچ – تۆت ئادەمنىڭ ئىككى كۈنلۈك ئىشىنى يېرىم كۈندە تۈگەتكىلى بولىدۇ. ھەم ۋاقىت تىجەيدۇ، ھەم پاكىز، ھەم قولايلىق. شۇ بىنزىننى جېقراق يەپ قويىدۇ ئەمدى.
-ھە بوپتۇ بالام، كالا جېنىدا بوغۇر بەرمىسە ئىشلىمەيدۇ، بۇ تۆمۈر كالىنى بىكارغا ئىشلەتسەك بولماس. لېكىن بالام، بۇ يامان چوڭ يەرنى ئىگەللەيدىكەن، ئەمدى مۇشۇنداق كېلەڭسىز بولماقچىمۇ بۇ؟ ئاۋازى تېخى ئۆزىدىن يوغان تۇرىدۇ بۇ ئاداشنىڭ.
-شۇ...،- دېدى ئابلىز بالام بېشىنى قاشلاپ،- ئانام قوناقلارنى سوقۇۋېتەيلى دەپ ئالدىراپ قېلىپ، دەسلەپ ياساپ باققىنىمنى ئىشلىتىپ تۇردۇم. ماۋۇ ئىشنى تۈگۈتىۋېتىپ ئاندىن يەنە بىر ھەپىلىشىپ باقاي. ئىمكان بولسا يىغىنچاق، تېخىمۇ پۇختا، نوقساندىن خالىي قىلىپ ياساشقا تىرىشىمەن. قارا دادا، بۇنىڭغا سەللا قۇرىماي قالغان قوناقلارنى سېلىپ قالسا يا سوقالماي چىشلىق چاق ئارىسىغا كەپلەشتۈرۈپ قويىدىكەن، يا بولمىسا قوناق بىلەن مەدەكنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇۋارى ئۇۋۇلۇپ كەتكەن ھالەتتە چىقىرىپ بېرىدىكەن. مۇشۇ تەرىپى بىلەن بەكرەك ئېتىشىپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. لېكىن شۇ... شۇ...
ئابلىز بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن چوققىسىدىكى غاڭزىسىدىن ئىس چىقىرىپ تاتاتلاۋاتقان كانايچى قوناق سوققۇچنىىڭ بىر يەرلىرىنى تولغاپ ئوتىنى ئۆچۈردى، ئاندىن قولىنى قېقىپ ئالدىمغا كەلدى:
-شۇ دادا، بۇ بىر نېمىگە پۈتۈنلەي تۆمۈر، سىم، زەنجىر، چىشلىق چاق، ماتور، بولتا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىمىز. بۇلارنى رىمۇنت دۇكانلىرىدا ساتىدۇ دېگىنە دادا. خېلىدىن بىرى يېنىمدا تىقىپ ساقلاپ يىغقان پۇللىرىمنى بۇنىڭغا ئىشلىتىپ بولدۇم. ئەمدى دادا... شۇ مېنى ئازراق قوللاپ بەرسەڭ بوپتىكەن!... بەك بولمىسا ئۆتنە بېرىپ تۇر. مۇشۇنى ئىشقا كىرىشتۈرىۋالساملا يېزىمىزدىكىلەرنىڭ قوناقلىرىنى سوقۇپ بېرىپ پۇل تېپىپ ئاندىن قايتۇرۇپ بېرىمەن، قانداق؟
-ما كىسپۇرۇچنى تېخى!...،- دېدىم ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۇنىڭ گەدىنىگە بىر شاپىلاق قويۇپ،- ئۆتۈپ – تېشىپ داداڭدىن پۇل ئۆتنە ئالىسەن دەپ قوي! لازىم دېسەڭ بولمامدۇ ئۇنداق قاملاشمىغان گەپنى قىلىپ يۈرگىچە؟! قانچىلىك لازىم؟ مۇشۇ بىر نېمەڭ ھازىرقىچىلىك كارغا كېلىدىغانلا بولسا، بوپتۇ، سەندىن ئايىغان پۇلنى...
شۇنداق قىلىپ بۇ دېھقان ئىنژىنىر ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ، بۇنى قۇراشتۇرۇپ يۈرۈپ، ‹‹قانداق؟›› دېسە ‹‹ۋاي بەلەن!›› دېگىدەك نەرسىدىن بىرنى ئىجاد قىلدى. دەسلەپتە بەك كۆڭۈلشىمەپتىمىز. بۇ بالا مەھەللىمىزدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ قوناقلىرىنى ئۇنىمىغانغا قويماي سوقۇپ بېرىپ يۈرۈپ، قوناق سوقۇش ماشىنىسىنى ئوبدانلا تونۇشتۇرىۋالدى. باشتا يېزا رەھبەرلىرى، ئاندىن شەھەر رەھبەرلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئالايىتەن ئىزدەپ كېلىپ كۆرۈشكەنمۇ بولدى. شۇنداق قىلىپ، بالام ئابلىزنىڭ يېڭى كەشپىياتى بىلەن بىزنىڭ ئائىلە بىراقلا تونۇلۇپ كەتتى.
بۇ چاغدا بالىلارنىڭ چوڭى ئابدۇسەمەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئونۋېرستىتى دەيدىغان بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان ئىدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمىنىمۇ بالىلارنىڭ تولا ھەجىلەپ ئۆگۈتىشى بىلەن بەكلا جاپادا يادلىۋالغان ئىدىم. چوڭ ئوغۇلنى ئالىي مەكتەپكە يولغا سېلىپ بىر يىلدىن كېيىن، سىڭلىسى ئاسىيەم نەلەردە يۈرۈپ تېپىشىپ قالدىكىن تاڭ، ئادەم تېپىلمىغاندەك ياش ۋاقىتلىرىمدا ئارمىنىنى يەپ، خىيالىمدىن نېرى قىلالماي، بىر مۇنچە سەتچىلىكلەرنىڭ بېشىمغا كېلىشىگە سەۋەپچى بولغان ھېلىقى گۈلجامالنىڭ ئوغلى بىلەن خۇۋالىشىپ قالىدىغان گەپ. بۇ گۈلجامالمۇ قاچانلاردا، نەلەردە يۈرۈپ ئەرگە تېگىۋالدىكىن تاڭ، بوش كەلمەي قىزىمنى ئالغىدەك ئوغۇلغا ئىشلەپ بوپتۇ. بىر كۈنى ئولتۇرسام چىرايىنىڭ ئۆڭسۆلى ئۆچكەن ھالدا ئانىسى شۇ گەپنى قىلىپ كىرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
-داداڭ قوشۇلمايدۇ دېمىدىڭلىمۇ ئاۋۇ كاللىسىنىڭ سۈيى لەپەڭشىپ قالغان قىز بالىغا؟ خۇدايىم توۋا! ھايالىق، ئوڭلۇق قىز بالا بولدى دەپ سۆيۈنۈپ يۈرسەم كىچىككىنە تۇرۇپ نېمە خەق بىلەن يېتىلىشىپ يۈرۈيدۇ ماۋۇ قاشاڭ مۆرىمەس؟! ئانىسى بولغاندىكىن باشتىلا ياخشى تەربىيە قىلىدىغان ئىش ئەمەسمۇ ئانىسى؟ قىز بالا دېگەننى ئانىسى تەربىيەلەيدۇ دەپ كارىم بولمىغاننىڭ مۇكاپاتىمۇ بۇ ئەمدى؟ تېخى، جاھاندا باشقا ئادەم تېپىلمىغاندەك، ئۇدۇل بېرىپ شۇنى تېپىپتۇمۇ؟! نېمە ئاھانەت بۇ ئەمدى؟ ياش چاغدا ئۆزەم ئالالمىغان خوتۇننىڭ ئوغلىغا قىزىمنى بېرىپ قۇدا بولامدىكەنمەن؟...
-ۋۇيت ياسىناخۇن! يامان بى دەپ كەتتىلە، ياش چاغلىدىكى ئوتلار ھېلىھەم ئۆچمىگەن ئوخشىمامدا؟ ھەجەپ بۇ كەم بولغاندا ساقالنىڭ ئېقىنى ساناپ باقماي ياش چاغلاردىكى مۇھەببەتلىرىنى ئەسلەپ قاپتىلا، قارىغاندا قىزنىڭ تېپىشىۋالغىنىدىن بەكرەك گۈلجامالنىڭ ئوتى...
-يۇمغىنە ئاغزىڭنى ۋىتىۋالاق! مەن نېمە كويدا، سەن نېمە كويدا؟ ھازىر دېگەن ئۆتمۈشتىكى بىر كىملەردىن كۈنلەيدىغان چاغمۇ؟ قايسى زاماندا كەتتى ئۇ ئىشلار. ھازىر ما بالىنىڭ ئىشىنى دەۋاتىمەن ساڭا، ئىشقىلىپ مەن بۇ ئىشقا قوشۇلمايمەن. ئېنىق قىلىپ دەپ قوي ئاۋۇ جىن تەپكەن ساراڭ قىزىڭغا! بۇ گەپنى ئىككىنچى كۆتۈرۈپ كىرگۈچى بولما!
-ماقۇل دادىسى،- دېدى نۇرنىسا چىرايىنى ۋىللىدە كۈلكە يۈگۈرتۈپ،- سىلىنىڭ ئاشۇ گۈلجامالخاننى كۆرۈپ قالماسلىقلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ مەنمۇ بۇ ئىشقا قوشۇلمايمەن. ئېرىم بۇرۇنقى ئاشىقىنىڭ قۇدىسى بولۇپ، بېرىش – كېلىش قىلىپ يۈرسە مەن چىدايمەنمۇ دەيسىلە؟! يەنە كېلىپ قىزنىڭ ئوغۇللار بىلەن مەخپى خۇۋالىشىپ يۈرگىنىنى مەنمۇ ئېغىر ئېلىپ قالدىم. ئاۋۋال مونۇ ئىشلارنى بىر بېسىقتۇرۇپ بولاي، ھېساۋىنى ئالىمەنغۇ تېخى بۇ جۇۋاينىمەكتىن.
-ۋوي، نېمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇ؟ سەن ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك چېغىڭدا مەن بىلەن تېپىشىپ قېلىپ خۇۋالىشىپ يۈرسەڭ گەپ يوق، قىزىڭ بويىغا يېتىپ ئاندىن خەق بىلەن خۇۋالاشسا ئېغىر كەتتىمۇ؟ دېسەم – دېمىسەم ئېغىر كەتكىنى گۈلجامالنىڭ ئوغلى بىلەن تېپىشىپ قالغىنىغۇ تايىنلىق؟ قارا خوتۇن، بالىلارنىڭ توي قىلىپ بىللە ياشايدىغان ئادىمىنى ئۆزى تاللىغىنى يامان ئىش ئەمەس. چېكىدىن ئاشماي، ھاياسىزلىق يولىغا كىرىپ قالماي، نام – نەسەبىنى، ئائىلىسىنىڭ شەنىنى بۇلغىۋالماي يارىشىغىدا ئۆتۈپ تۇرۇپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە بىزلەرگە ئېيتىپ بېشىنى قوشىۋالغىنى ياخشى ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېساپ ئېلىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. چىرايلىق تەربىيە قىلىپ، كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىمىزنى بىلدۈرۈپ قويساڭ بولدى. خەق بىلەن تېپىشىۋاپسەن دەپ دۈشكەلەپ، كۆڭلىگە تېگىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن. قىز چوڭ بولسا ھامان ياتلىق بولىدۇ. ئۇنى بىر ئۆمۈر ئۆيدە ئېلىپ قالغىلى بولامتى؟ شۇڭا، بىللە ئۆتىدىغان ئادىمىنى ئۆزى تاللاپ، ئۆز نىكاھىغا ئۆزى رازىلىق بەرسۇن. ئەمما ماۋۇ گۈلجامالخاننىڭ ئوغلى بىلەن ئۈزۈلۈشۈپ كەتسۇن. بۇ ئىش قەتئىي قاملاشمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسى بولسا، كىمگە تېگىمەن دېسە مەيلى...
-ئوش... نېمىلا دېسە سەن كىچىك ۋاقتىڭدا، مەن كىچىك ۋاقتىمدا... دەپلا يۈرگەن. ئۆزلىرى چىقىپ دېسىلە ئەمىسە. ھەجەپ بىر بالىنى ئۆزەم يالغۇز تېپىپ، ئۆزەم يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغاندەك نېمە ئىش بولسا ماڭا كايىيدىكىنا!؟ بالا ئۆزلىرىنىڭمۇ بالىسى، دادا بولغاندىكىن سېلىمۇ گەپ قىلىپ باقسىلا بىرەر قېتىم. ھېلىمۇ قۇچاقتىكى ۋاقتىدىن تارتىپ گەپ قىلىپ، تەربىيە قىلىپ ھېرىپ قالدىم مەن...
نۇرنىسا شۇنداق دەپ چىچاڭشىدى ۋە قولىغا ئالغان كۆرپىنى ئاچچىقى بىلەن يەرگە تاشلاپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ كەتتى. قارىغاندا بايا ئېرەنشىمەيلا دەپ سالغان گېپىمدىن رەنجىپ قالغان بولسا كېرەك، گېپىمنىڭ بىلىگە تېپپىپ چالۋاقىدى. ئۇغۇ مەيلى، لېكىن مەن دەيمەن، مۇشۇ ئاتا – ئانا بولماق نېمانچە تەستۇ؟ بالىلارنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ، پوق – سۈيدۈكىدىن ئايرىپ چوڭ قىلىپ، قاتارغا قوشۇپ قويسا، قېشى ئاپتاپ كۆرۈپ بولغىچە بىزنىڭ گېپىمىز ئۆتمەيدىكەن دەيمىنا بۇ شۇمتەكلەرگە؟! بەكرەك گەپ قىلاي دېسە چىرايىنى شاخ جىجىۋەتكەندەك سەت پۈرۈشتۈرۈپ، كۆزىنىڭ سۈيىنى چىقارغان. گەپ قىلمىسا مانا ھازىرقىدەك ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىشقا ئارانلا تۇرغان. زادى رايىغا بېرىپ يامان ئۆگۈتۈپ قويۇپتۇق.
ئاسىيەمنى گۈلجامالخاننىڭ ئوغلىغا بەرمەيمىز دەپ خېلى چىڭ تۇرىۋېلىپ باقتۇق. قىزغىمۇ ئانىسى جېق تەربىيە قىلدى، مەنمۇ نېمىلەرنى دېيىش ھەققىدە جېكىلەپ، ئانىسىنىڭ مېڭىسىنى قوچۇپ تۇردۇم. بىراق بىزنىڭ دېگىنىمىز يەنىلا ھېساپ بولمىدى. بىر كۈنى ماۋۇ مەزلۇم تەلەتىنى بوقىنىڭكىدەك قىلىپ پۇشۇلداپ كىرىپتۇ.
-قانداق قىلىمىز دادىسى؟ ئا قىز بالا... ۋاي توۋا... شۇنداقمۇ قاشاڭ بولىدىكەن قىز بالا دېگەن، ‹‹بەرسەڭلا شۇ ئەسمەتۇللاھقا بېرىڭلار، بولمىسا ئۆلگۈچە توي قىلماي ئۆيگە تۆۋرۈك بولىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن توي قىل دېسەڭلار سىلەرگە ئۆلۈپ بېرىمەن›› دەيدۇ. خۇدايىم توۋا دەيمەندە ھە؟ نەدە بۇنداق بىزەڭ قىز بالا بولىدۇ؟! ئىسىت، ئىسىت، ئىسىت... مۇشۇنداق ساراڭلىق قىلسۇن دەپ باققان بولغىيمىدىم؟...
-ھاي ئۇنداق دېمەڭلا ئانىسى، كۇپرىلىق بولىدۇ. باققىنىڭلىغا مىننەت قىلغاندەك ئۇنداق گەپ قىلساڭلار قانداق بولىدۇ؟
-قانداق قىلىمەن ئەمىسە ئاشۇنداق دەۋاتسا؟ يا بىر دادىسى بولغان ئادەم قاپىقىنىڭ بېزىنى كۆرسىتىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلمىسا! بالىنى ئۆزەم يالغۇز تاپقاندەك مۇشۇنداق چاغدىمۇ ئادەمگە تاشلاپلا قويغان...
-ھەي بېشىغا قاغا ئۇۋىلاپ قالغان پەلىپەتىش، مەن دېگەن ئەر كىشى، دادا تۇرسام، خىجىل بولماي قىز بالىغا ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرىمەنما؟ مەنغۇ دەرمەن ماقۇل، ئاۋۇ قىز بالا نومۇستىن ئۆلەر شۇ گەپلەرنى مەن دەپ يۈرسەم؟
-ھە، بەك نومۇس قىلغىدەك بوپتۇ. ‹‹تەگسەم شۇنىڭغا تېگىمەن›› دەپ كۆزۈمنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ تۇرۇپ تاكاللىشىۋاتىدۇ مەن بىلەن. ھەي توۋا، نېمە بالاغا قالدىم بۇ خەقكە؟ ياش ۋاقتىدا مەن كۆيدۈرۈپ قويغاندەك، ‹‹قىزىمنى بەرمەيمەن›› دەپ ما ياقتا بىرسى تەڭلىككە سالسۇن، ‹‹ئاشۇنىڭغا تېگىمەن›› دەپ ئا ياقتا بىرسى تەڭلىككە سالسۇن! جاق تويدۇمغۇ ئاخىر...
ئىشلار شۇنداق تالاش – تارتىشلار بىلەن ھەل بولماي كېتىپ باراتتى. بىزمۇ زاماننىڭ كەينىدە قالغان بىچارە كاللىمىزنى ئىشلىتىپ يېڭى ئامال چارىلەرنى تېپىپ، بۇ ئىككىسىنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ھەلەك ئىدۇق.
بىر كۈنى ئاسىيەمنىڭ دوستى مۇنەۋۋەر كىرىپ بالىلارنىڭ ئانىسىغا ئاۋۇ گۈلجامالخاننىڭ ئوغلى ئەسمەتۇللاھ دېگەن شۇمبۇيىنىڭ كىرگۈزگەن گېپىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇ شۇم تېخى يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ:
-ماقۇل دەپ ئاسىيەم ئىككىمىزنى بىر ئۆيدە قىلىپ قويسۇن، ئەگەر بەك تاش چىشلەپ تۇرىۋالسا ئاسىيەمنى ئېلىپلا قاچىمەن، ئۇ چاغدا بېرەي دېسىمۇ يوق بولۇپ قالىدۇ. ئالىمەن دېدىممۇ، بەرسىمۇ، بەرمىسىمۇ چوقۇم ئالىمەن!›› دېگەنمىش. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان يېرىمدە بىر ھازاغىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. نېمە بولغىنىكىن تاڭ، شۇ گەپ چىققاندىن كېيىن ئاسىيەم كۆزۈمگە راستىنلا قېچىپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ‹‹قورققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ›› دېگەن بەلكىم شۇ بولسا كېرەك، كۆزلىرىنىڭ كەينىدە يەنە بىر جۈپ كۆزى قېچىپ كېتىشكە ئەپلىك پەيت ئىزدەپ يۈرگەندەك سىرلىق تۇيۇلۇپ، كۆزۈم شۇنىڭدىن نېرى بولمىدى. كۈندە ئاشۇنداق غەم تارتىپ، ئەندىشىلەردە ئۇيقۇم ئۇيقۇ، يېگىنىم تاماق بولماي جىلە بولۇپ كېتىپ باراتتىم. بىر كۈنى چۈشلۈك غىزاغا ئولتۇرساق بىر كۆك رەڭلىك موتوسېكىلىت ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئۆتۈپ توختىماي سىگنال بەرگىلى تۇردى. ئۇنىڭ ئاسىيەمنى چاقىرىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ماۋۇ بىزنىڭ چىرايلىقمۇ يەپ ئولتۇرغان تامىقىنى ھېلى داستىخانغا قويۇپ، ھېلى قولىغا ئېلىپ، بەكلا بىئارام بولۇپ كەتتى. بىزدىن ھېيىقىپ يا ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا چىقالمايدۇ. تالادىكى كۆتىدىن ئىس چىقىرىدىغان تۆمۈر كالا تېخى مۆرەپ ئارامىدا قويمايدۇ. بۇ ئىش جۇدۇنۇمنى ئۆرلىتىپ مىجەزىمنى بىراقلا سەپرا قىلىۋەتتى. شۇ ئاچچىقىمغا چىدىماي ئىككىسىنىڭ تويىغا رازىلىق بېرىۋەتتىم- دە، ئۆزەم ئالالمىغان خوتۇن بىلەن قۇدا بولۇپ قالدىم.
بالىلارنىڭ تويىنى قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چوڭ ئوغۇل ئابدۇسەمەت يەردىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولدى. تېخى يېنىدا خويمىغىنا چىرايلىق، قاش – كۆزلىرى سىزىپ قويغاندەك قاملاشقان، بېشىدا ياغلىقى يوق، مايمۇننىڭ تۈكىدەك سارغۇچ چاچلىرىنى بىر تال قىلىپ بوغۇۋېلىپ، ئوغۇل بالىدەك ئىشتان مايكا كىيىۋالغان بىر قىزمۇ بار ئىدى. مانا كارامەت! يا تەتىل ئەمەس، يا بايراملىق دەم ئېلىش ئەمەس، بۇنداق بىتايىن چاغدا خەۋەرلەندۈرۈپمۇ قويماي كېلىپ قاپتۇ، دەپ ھەيران بولۇپ تۇرسام، ئىشنىڭ چوڭىنى چىقىرىپ ئاندىن يېنىپ كەلگىنى ئىكەن. بىزنىڭ جانابىي ئوغۇل ئىماۋۇ يېڭى زاماننىڭ چىرايلىقى بىلەن يېتىلىشىپ يۈرۈپ، بەڭۋاشلىق قىلىپ قۇرسىقىغا ئۈندۈرۈپ قويغانمىش. بىزمىغۇ يامان ھار ئالىمىز، مەكتەپ تۈزۈمىدىمۇ بۇنى بەكلا قاتتىق ھار ئالىدىغان ئوخشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ كۈدە – كۆرپىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، چىرايلىق يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. قىزنىڭ ئىسمى چىمەنگۈل بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئاتا – ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن. بۇ ھالەتتە ئۆيگە بارسا دادىسى تىرىك قويماسمىش. شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئارزۇلۇق قەھرىمان بۇ قىزنى ‹‹ئالىمەن›› دەپ يېتىلەپ ئەكەپتۇ. ئازلاپ – ئامانلاپ بېقىپ چوڭ قىلىپ، مىڭ بىر جاپادا ئوقۇتقان بالام مانا مۇشۇنداق دىپلوم ئورنىغا خوتۇن قولتۇقلاپ كەلدى. ئىشتىن خەۋەر تاپقان نۇرنىسا ھېلى ئۆزىنى، ھېلى مېنى، ھېلى بالىنى تىللاپ يۈرۈپ نەچچە كۈن يىغلاپ – قاخشاپ چىقتى. لېكىن بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا قانداق قىلغىلى بولاتتى؟! ئۇنىمايلى دېسەك ئەھۋال مۇشۇ، ئۇنايلى دېسەك بۇ قىز باشقا يۇرتتىن، يەنە كېلىپ بىزنىڭ تائىپىگە يات ھالەتتە ياغلىق – كۆڭلەكسىز. خۇدايىم توۋا قىلمىساق بىكار! قىز خۇددى بىزنىڭ بالىغا تەگمەي ئۆلۈپ كەتسە يەرلىك چىقماي گۆرسىز قالىدىغاندەك شۇ قەدەر يالۋۇرۇپ كەتتىكى، نەچچە يىل بۇرۇن قازا قىلىپ كەتكەن دادامنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ يىغلىغان بولسىمۇ رەھمەتلىك داداممۇ چىدىماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئېزىلىپ يىغلاپ كەتتى، ھەتتا نەچچە كۈنگىچە بالىلارنىڭ ئانىسىغا سۇۋۇنۇپ، ئۇ ياقتىن ھەيدىسە بۇ ياقتىن بېقىنىغا كىرىۋېلىپ، ئىشلىرىغا تەڭ ياردەملىشىپ، تىللاپ – سىلكىشلىسە بېشىنى سېلىۋېلىپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇ خوتۇننى ئۆزىگە مايىل قىلىۋالدى. ئابدۇسەمەتمۇ بىزنى يۇمشىتىمەن دەپ خېلى كۈچىدى. ئاخىرى تەقدىرگە تەن بېرىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويىدىغان بولدۇق. ئەمما قىزنى بېشىغا ياغلىق چىگىپ، ئوغۇللار كىيىدىغان ئۇنداق ئىشتاننىڭ ئورنىغا بىزنىڭ ئاياللارنىڭكىدەك كۆڭلەك – يوپكىلارنى كىيىپ، مۇسۇلمانچە يۈرۈش شەرتى بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ماقۇل كەلتۈردۇق. ھەر ئىككىسىنىڭ ئوقۇشى مۇشۇنداق ئاياغلاشقان، بەڭۋاشلىقى تۈپەيلى ئىستىقبالى ۋەيران بولغان بولسىمۇ، ئۇلار ھامان ياشىشى كېرەك ئىدى. يەنە كېلىپ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قۇرساقتىكى بالا چوڭىيىپ كەتسە، كېيىن بىزگىمۇ، قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ، ئىككى بالىغىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇڭا تىزلىكتە تۇتۇش قىلىپ، قىزنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يۇرتى بولغان غولجىغا ئەلچىلىككە باردۇق. تەرەققىيات دېگەن ئاجايىپ بىر ئىش ئىكەنكى، بىز كىچىك چاغلاردا كۆرۈپمۇ باقمىغان، كېيىنچە ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن تەڭ يۇرتىمىزدا پەيدا بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇرتنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ كۈنسايىن ئاۋۇپ بارغان ئاپتۇبوس دەيدىغان ئۇزۇن ماشىنا بىلەن ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدىكى غولجا دېگەن يۇرتقا نەچچە كۈندە يېتىپ باردۇق. كىچىك چاغلاردا بىر دانە شەيتان چاقلىق ۋېلېسىپىتكە ھەيران بولۇپ ئاغزىمىز كاماردەك قالغان بولسا، مانا ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا قاتناش قۇراللىرىدا مېڭىۋاتاتتۇق.
قىزنىڭ دادىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۈچىيىگە كېپەك ئورناپ قالغاندەك چىڭقىلىپ، خۇدايىم بەرگەن ئاچچىقىنىڭ ھەممىنى يىغىپ تۇرۇپ ‹‹ئۆيدىن چىق! مېنىڭ سەندەك قىزىم يوق!›› دەپ ۋارقىراپ، ھەممىمىزگە تالانى كۆرسىتىپ قويدى. ئانىسىمۇ چىڭگىلىكتەك بىر تۇتام چېچىنى چوقىسىغا قوندۇرۇۋالغان ياغلىقسىز بېشىغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ جايىدا ئولتۇرغىنىچە مۇزاينىڭكىدەك مۇڭلۇق ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىغىلى تۇردى. ئايال بىز ئۆيگە كىرگەندىمۇ يالاڭباش بولۇپ، داستىخان سېلىپ چاي دەملىگىچىمۇ، ئۇياق – بۇياقلاردىن پاراڭ سوقۇشۇپ، گەپ ئەگىتىپ يۈرۈپ كېلىشتىكى سەۋەبىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغىچىمۇ ئۆي ئىچىدە ياغلىقسىزلا يورغىلاپ يۈردى. بۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغىنىغا قارىماي، بىزنىڭ ئالدىمىزدىمۇ ياغلىقسىز ھالەتتە گىلدىڭلاپ يۈرگىنىگە قارىغاندا مۇشۇ ئۆمرىدە بېشىغا ياغلىق چىقىپ باقمىغاندەك ئىدى. ئانىسىنىڭ شۇنداقلىقىغا قارىغاندا قىزىنىڭ يالاڭباشلىقىدىن بەك ئاغرىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدىغاندەك قىلاتتى. دېمەك، ئانىسى قانداق بولسا قىزىمۇ شۇنداق بولىدىغان گەپكەن.
ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ يۈرۈپ بۇ ئىككىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويدۇق. كېينچە چاققانغىچە بىر دۇكانمۇ ئېچىپ بەردۇق. ئوغلىمىزمۇ ھەر ھالدا چالىسى پۈتمەي قالغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا خېلى بىر نېمىلەرنى ئۆگەنگەن بولسا كېرەك، رەسىمچىلىك دۇكىنىنى خېلى ئوبدانلا ئاينىتىپ، تۇرمۇشىنى گۈلدەك ئۆتكۈزۈپ كەتتى. كىلىنىمىزمۇ ئېرىنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ يۈرۈپ بىزنى خاتىرجەم قىلدى.
ئوغۇلنىڭ كىچىكى ئۆزىنىڭ تۆمۈر – تەستەكلىرى بىلەن ئاۋارە. ئەڭ كىچىكى ئاتىكەمنىڭ ئوقۇشتىكى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئۇمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى ھەم بۇ ئىمتىھاندىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ، ۋىلايەت بويىچە ئەلىيۇلئەلا بولدى. ئۇنىڭغىمۇ ئۈرۈمچى دېگەن يەردىن چاقىرىق كەلدى. ئانىسى ئىككىمىز چوڭ ئوغۇل بىلەن كىلىنىمىزنىڭ ‹‹ئىلغار›› ئىش – ئىزلىرىنىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ ئوقۇشقا بېرىشىغا قوشۇلمىدۇق. قىزىمىز يىغلاپ، قاخشاپ، تاماق يېگىلى ئۇنىماي ساراڭلىق قىلىپ بېشىمىزنى ئوچاق ئەتتى. ئاكا – ئاچىلىرى ئۇنىڭغا بولۇشۇپ، جاھاندا بارلىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دەپ يالۋۇرۇپ چىقىشتى، چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا ۋاكالەتەن تۈرلۈك – تۈمەن ۋەدىلەرنى بېرىشىپ مېڭىمىزنى قوچۇۋەتتى. بىراق بىزمۇ باشتىكى ئىرادىمىزدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ ئوقۇش ئىشىغا ئاخىرىغىچە قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشتۇق.
لېكىن ئاتىكەمنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇدا نەچچە كۈن ئۆيىمىزگە كېلىپ بىزگە چۈشەندۈرۈپ خىزمەت ئىشلىسى، يالۋۇرۇشى بىلەن ئاخىرى ئۇنىڭ ئوقۇشىغا قوشۇلدۇق. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، دۆلەت ئاتلاپ ئوقۇيدىغان بىر ئىمتىھانغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تۈركىيە دەپ بىر يەرگە بارىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى. چۈشىنەمتۇق ئۇنداق گەپلەرنى؟ ئاكىلىرى بىلەن ئاچىلىرى بىلىدۇ. ئىشقىلىپ ھازىرمۇ تۈركىيە دېگەن شۇ دۆلەتتە ئوقۇيدۇ. يىلدا بىر قېتىم كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرەر ئايچە تۇرۇپ كېتىدۇ. توي قىلىدىغان يېشىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما ئوقۇشى تېخى بارمىش. ئوقۇشىغا كېتىدىغان پۇل بولامدۇ، تۇرمۇشتا خەجلەيدىغىنى بولامدۇ، كىرالىرى بولامدۇ، ھەممىسى ئاكىلىرىدىن. ئاكا – ئاچىلىرىمۇ بۇ ئىشلارغا بىزنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.
بايانلىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي. ئىشقىلىپ ئائىلىمىزگە تەۋە بولغان بارلىق كەچۈرمىشلەردىن خەۋەر تاپتىڭىز. باشتا ئېيتقىنىمدەك، بىزنىڭ ئائىلە مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپلىككە تولغان ئىنتايىن بەختلىك ھەم مېھىر – مۇھەببەتلىك ئائىلە. ئىلاھىم بارلىق ئائىلىلەرگە مانا مۇشۇنداق بەخىت – سائادەت ۋە مېھىر – مۇھەببەت يار بولسۇن!

تۈگىدى!
«Newer      Older»
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N