ھىجران سەلكىنى
2015-03-18 06:53:22 -0400
ھىجران سەلكىنى
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
تۆكۈلدى كۆڭۈلنىڭ تال-تال ياپرىقى،
ئىككىمىز تۇنجى رەت كۆرۈشكەن جايدا.
كۆزلەرنىڭ قارىقى يۈتتى بۇ يەردىن،
تەسەللىي، بەزلەشلەر بەرمىدى پايدا.
ئېسىمدە شۇ چاغدا كۈلۈپ ئولتۇرۇپ،
روھىڭنى بىمالال كېزىپ چىققىنىم.
شىكەستە قەلبىڭنى تولدۇرۇپ تېخى،
مۇھەببەت نەزمىسى يېزىپ چىققىنىم...
رۇجەكتىن شۇڭغۇغان مەيىن شامالدەك،
بەزىدە كۆڭلۈمنى ئىزدەشلىرىڭ بار.
يۈرىكىم ئازابتىن مۇجۇلغان چاغدا،
ئەسلىمە شەھرىگە ياغىدۇ ئىپار.
يۈتكەندۇ ئېھتىمال ئۈستىلىڭدىنمۇ،
مەن بەرگەن ھېلىقى ياغاچ پىيالە.
باغرىغا دەرت تولۇپ يىغلار ھەر دەقىق،
سەن ماڭا بەرگەن شۇ ھال رەڭ خاتىرە.
مەن تېخى قولۇڭنى تۇتۇپ باقمىغان،
يېشىمنى سۈرتۈشكە ئۈلگۈرمىگەن سەن.
ئاھ، سېنى بەختلىك ئويلىۋېدىمغۇ؟
نە سەۋەپ بېغىڭدا ئاينىدى تىكەن؟
* * * *
مەن يەنە كېلىمەن جىمجىت شۇ يولدىن،
ئىككىمىز ئولتۇرغان چىملىققا قاراپ.
يۈرىكىم ئەلەمدىن ئۆرتەنگەن مىنۇت،
بىلىمەن، سېنىڭمۇ ئەھۋالىڭ خاراپ.
خوشلشىش ئۆمۈرنىڭ ئاخىرى ئەمەس،
مەنمۇ ھەم سېنىڭسىز ياشىيالايمەن.
بىر ساڭا تەئەللۇق مىسكىن دىلىمنى،
ئەمدى مەن كىمگىمۇ ئاتىيالايمەن؟...
Back to home
Subscribe |
Register |
Login
| N